|
|
|
|
شېۋىتسىيىگە چىقىپ خەلقئاراياش-ئۆسمۈرلەر تەكلىپ مۇسابىقىسىگەقاتناشقان غۇلجا ناھىيە تۇرپانيۈزى يېزا سادىقجان،ساقىھجى ئۈمىد مەكتىپىنىڭ ئەزىمەتلىرى24-ئىيۇل يۇرتىغا قايتىپ كەلدى.كەڭ خەلق ئاممىسى ئەزىمەتلەرنى قىزغىن كۈتىۋالدى.ئەزىمەتلەر شېۋىتسىيە،گېرتسىيە،گرمانىيە قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلارنى يېڭىپ 16كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن بولسىمۇ8دىن1تاللاش مۇسابىقىسىدە سىپرۇس كوماندىسىغا نۇقتا توپ جېڭىدە يېڭىلىپ قالدى.شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار مەيداندىكى چەبدەسلىكى،ئىتتىپاقى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ دېققىتىنى تارتتى.
ئۇلار يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندە،تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى كىچىك بالىلاردىن بوۋاي-مومايلارغىچە بۇ سۆيۈملۈك بالىلارنى ئالدىنقى قېتىم بېيجىڭدىن چىمپىيۇن بولۇپ كەلگەندىكىدەكلا قاينام-تاشقىنلىق بىلەن كۈتىۋالدى.ئوبلاست،ناھىيە،يېزا رەھبەرلىرىمۇ باشتىن-ئاخىر ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى.تېرىنېرۋە بالىلار سۆيۈملۈك خەلقىنىڭ قوللاشلىرىنى يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ساقلىۋالدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-26 07:35 PM
|
|
|
|
|
|