مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: كۆكنۇر

قارچۇقتا قاتقان سىما [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74080
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3451
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2012-1-27
ئاخىرقى: 2014-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 06:08:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر ھېكايىمۇ ياكى ئەمەلىي ۋەقەلىكمۇ؟ مەن تېخى ئەمەلىي بولغان ئىش ئوخشايدۇ دەپ تازا قىزىقىپ ئوقۇۋاتسام، كۆپ قىسىملىق تېلېۋزىيە تىياتېرىدەكلا كېيىنكى قىسمىنى ئەتىگە قالدۇرۇپ قويۇپتۇ.
دوستلار، بۇ ھېكايىنىڭ داۋامى چىقىپ بولغۇچە، ئۆلۈشكۈن يوللانغان «گۈلچاي دىن كىچىككىنە خوشخەۋەر ۋە مەسلىھەت» ناملىق تېمىنىڭ 37 دىن 42-گىچە بولغان ئىنكاسلىرىغا يوللانغان گۈلچايغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئەھمىيەتلىك ئۇچۇرلار نى كۆرگەچ تۇرۇڭلا بولمىسا.
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-83622-4-1.html

بۇ ئۆمۈرنىڭ خوشلىقى،چىن يۈرەكن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1243
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10288
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 917 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 12:20:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلارمۇ تازىمۇ بىر بولىۋالدى، مۇشۇنىڭدەك بىشى بار ئايىغى يوق نەرسىلەرنىمۇ تەستىقلاپ يوللايدىكەن دىسە !

ئۆلۈمگە بىغەممەن،
كىسەلگە ھۇشيار.
قايغۇدىن بىزارمەن،
شادلىققا خۇشتار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57398
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5498
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 12:23:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تىزرەك يازارسىز ئەمسە!!!

ھويلامىنى بىزەپ قويدۇم.كۈرۈپ بىقىڭلار (كۈلگەن  چىراي ئىپادىسى )

ئەردەمئاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8891
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 788 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 01:24:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلايمىز ھە!!بولسا تىزرەك يېزىۋېتەرسىز!!!

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ! مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولسۇن كەڭ ئالەم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24430
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5812
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 991 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 04:21:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى ساقلايمىز

ئادەم چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈملۈك بولمايدۇ، بەلكى سۆيۈملۈك بولغاچقا چىرايلىق بۇلىدۇ.سۆيۈملۈك بولۇش ئۈچۈن  بىرلا يول بار ،ئۇ بولسىمۇ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش.باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۇنچىۋالا ئۇڭاي ئەمەس ...

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 133
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1705 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 05:39:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ساقلاي

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72760
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4115
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 239 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 08:11:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭلار تورداشلار ،بەك ئالدىراش بولۇپ قېلىپ تولۇق يازماي چىقىرىپ ساپتىمەن ،بۇندىن كېيىن تۈزىتەي.يېقىندىلا تولۇق يېزىپ چىقىرىمەن .كۆپچىلىكنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72760
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4115
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 239 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 09:49:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قارچۇقتا قاتقان سىما

تۇيۇقسىز ئىشىك قاتتىق چېكىلدى ،ئالدىراشلا ئىشىككە يۈگۈردۈم .قارىسام بىرى ماڭا دوستىڭىز  « ....جاننىڭ ئۆيىدىكىلەر سىزنى دەرھال بىر كېلىپ كەتسۇن دەيدۇ» دەپلا كېتىپ قالدى .مەن نېمە بولغىنىنى تازا ئاڭقىرالماي ،ئۇ نېمىشكە ئۆزى كەلمىگەندۇ؟دېگەندەك سوئاللار ئىچىدە ئەنسىرەپ دەرھال ئۇ دوستۇمنىڭ ئۆيىگە چاپتىم .
ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلسەم بىرمۇنچە كىشىلەر جىددى يۈرۈشمەكتە ،ھەممە بەكلا ئالدىراش ،نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي ئۆيگە كىردىم .ئۆيدە دوستۇم تورۇسقا تىكىلگىنىچە قاراپ ياتىدۇ ،يېنىغا كېلىپ قارىسام يەنىلا شۇنداق ياتىدۇ،ئىسمىنى چاقىرىپ:« دوستۇم نېمە بولدۇڭ،مەن پالانى دوستۇڭ ،مېنى تونۇدۇڭمۇ ؟»دەپ سورىسام يەنە جىم ،ئۈندىمەستىن تورۇسقا قاراپ ياتىدۇ.بەكلا ھەيران قالدىم .بۇ دوستۇم بىلەن كىچىك چېغىمىزدىن باشلاپ بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان بولۇپ ،ئاساسەن دېيىشمەيدىغان گەپلىرىمىز يوق ئىدى،توۋا بۈگۈن نېمە بولغاندۇ؟
ئۆيدىكىلەردىن ئۇنىڭ بۈگۈن نەلەرگە بارغانلىقىنى سورىسام،ئۇلار :«ئۇ ئەتىگەندىلا بىر يېقىن دوستۇمنىڭ تويى بار ئىدى دەپ چىقىپ كەتكەن،خېلى بىر ۋاقىت بولغاندا قايتىپ كېلىپ ،ياتقانچە مۇشۇنداق بولۇپ قالدى »دېدى.
ھە ئەمدى ،بۇ دوستۇمنىڭ نېمىشكە بۇنداق بولۇپ قالغىنىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
دوستۇم خېلى بولغان بىر قىزغا كۆيۈپ قالغىنىنى ،ئۇنىڭ بىلەن گېپىنىڭ بىر يەردىن چىقىدىغىنىنى ،لېكىن ئىككىسىنىڭ ئۆيىنىڭ يىراقلىقى ئۇلارغا دۈشمەن بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
ئۇ يەنە قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر قىزنى ئۆيىگە يېقىن جايغا بەرمىسە بولمايدىغانلىقى،ئۇ قىزنىڭ بىر قانچە قېتىم ئوپىراتسىيىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئۈچۈن يېقىن جايغا ياتلىق قىلمىسا ئۆيىدىكىلەرنىڭ خاتىرجەم بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ماڭا بەكلا ئازاپلىنىپ تۇرۇپ ئېيتىپ بەرگەنىدى .
ئۇ يەنە قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە خىزمەت ئىشلەپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ،لېكىن ئۈمىدنىڭ چوڭ ئەمەسلىكىنى ،ئۆزى بېرىپ ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرۈشەي دېگەندە ھېلىقى قىزنىڭ ئۇنى توسۇپ قالغانلىقىنى ،يەنى مېنى ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئىزاغا قويماڭ دېگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى.
ئۇنىڭدىن :«ئاداش ساڭا نېمە بولدى ؟ھەرقانچە گەپ بولسا ماڭادېگىن ،ياكى ...خان بىلەن بىرەر نەرسە دېيىشىپ قالدىڭلارمۇ؟»دېسەم ئۇنىڭ كۆزىدىن بىر تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى ،لېكىن باشقا گەپ قىلمىدى .
بىر قانچە كۈن ئەنە شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى ،ئۇ ئاغىنەمنىڭ ئەھۋالى يەنە شۇنداق ،ھېچبىر ياخشىلىنىش بولمايۋاتاتتى،تاماق بەرسە بەزىدە يەپ بەزىدە يېگىلى ئۇنىماي ياتقىنى ياتقان ئىدى ،دوختۇرغا ئاپىرايلى دېسە قەتئى ئۇنىماپتۇ.ئاخىرى بولماي بىر دوختۇر تونۇشۇمنى ئەكىلىپ بىر قاتار ئەھۋاللارنى ئېيقاندىن كېيىن بۇنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىدىغان كېسەل بولماستىن بەلكى ئۆزىنى ئۆزى داۋالايدىغان بىر خىل غەلىتە كېسەللىك ئىكەنلىكىنى ،ياخشىراق پاراڭلىشىپ كۆڭلىدە زادى نېمە ئىش بارلىقىنى بىلىپ ئاندىن شۇنىڭغا قارىتا تەربىيە قىلىش ياكى كۆپرەك مۇڭدىشىش لازىملىقىنى ئېيتتى.
دوختۇرنى يولغا سېلىپ قويۇپ ئۇ بۇرادىرىمنىڭ يېنىغا كىردىم ،يەنە شۇنداق بىر خىل تورۇسقا قاراپلا ياتىدۇ،يا گەپ قىلمايدۇ،يا ئورنىدىن تۇرمايدۇ،كۈندىن –كۈنگە تېنى ئاجىزلاپ ،چىرايى سارغىيىپ كېتىۋاتاتتى .بۇنىڭغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ قالدى ،قىسقىسى جان دوس بۇرادىرىمنىڭ بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىغا زادى چىدىمىدىم .مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟توغرا ئاۋۋال ئۇنىڭ بىلەن ھەر ئاماللارنى قىلىپ بولسىمۇ بىر پاراڭلىشاي ،ئۇ نېمە بولغىنىنى ئۆزى ئېيتىپ بەرمىسە بىز ئامال قىلالمايمىز ،دە !
دوستۇم :«ساڭا زادى نېمە بولدى ؟مەن سېنىڭ ئەڭ يېقىن بۇرادىرىڭغۇ !ئەجەبا نېمە بولغىنىنى ماڭىمۇ بىلدۈرگۈڭ يوقمۇ ؟ئۇنداق قىلماي دېگىن قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن ،نېمە ئىش بولسا ئېيتقىن بۇرادەر ؟»دېدىم.
ئاخىرى ئۆيدە ھېچكىم قالمىغاندا ماڭا ئۈمىدسىزلىك بىلەن قاراپ ،شەرەت قىلدى ،يېقىن باردىم ،كۆزىنى كۆرسەتتى .ئۇنىڭ كۆزىگە سىنچىلاپ قارىدىم ،قارىسام ئۇنىڭ كۆزىنىڭ قارىچۇقىدا ئۆزۈمنى ئەمەس باشقا بىرىنى ،يەنە كېلىپ تونۇش بىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم ،توۋا بۇ نېمە گەپ ئەمدى ،بارچە ئادەمنىڭ كۆز قارىچۇقىغا قارىغاندا قارىغۇچى ئۆزىنىڭ سىماسىنى كۆرەتتى ،بۇ نېمە گەپ باشقا بىرىنىڭ سىماسىنى كۆرىۋاتىمەنغۇ !بەكلا ھەيران قالدىم ،ئاخىرى ئۇنىڭ نېمىشكە بۇنداق بولۇپ قالغىنىنى سەزگەندەك بولدۇم .
دوستۇم :«سۆزلە ،باشقا بىرىمۇ يوق ،كۆڭلۈڭدە نېمە گەپ بولسا دەۋەتكىن ،ئۆزۈڭنى ،ئۆيدىكىلەرنى ،يەنە كېلىپ مەندەك يېقىن دوستۇڭنى قىينىما !بىز نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي قالىدىكەنمىز ،سەن يولۇققان قىيىنچىلىقنى سۆزلە ئاداش »دېدىم .
ئۇ كۆزلىرىنى ياشلىغان ھالدا ئۆزىنىڭ ئۆتكەندە ماڭا گېپىنى قىلغان قىزغا كۆيۈپ قالغانلىقىنى ،تۆت كۈن ئىلگىرى ئۇ قىزنىڭ باشقا بىرى بىلەن تويى بولغانلىقىنى ،ئۇ تويغا ئۇنىڭ قاتتىق تەلەپ قىلىشى بىلەن بارغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
بۇ دوستۇم ئۇ قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن بۇرۇنلا تونۇشلۇقى بولغاچقا بۇرۇنمۇ ئۇ قىزنىڭ ئۆيىگە بىر قانچە قېتىم بارغان ،ئۇ قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن خېلى ئوبدان تونۇشىدىغان بولۇپ  ،ئۇ قىزنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئۇ قىزنىڭ ئاكىسى بىلەن پاراڭلىشىپ  قىز ئولتۇرغان ئۆينىڭ يېنىدىكى ئۆيدە ئولتۇرغان بولۇپ ،پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇش جەريانىدا تۇيۇقسىز ئۇ قىز تاھارەت ئېلىۋېلىش ئۈچۈن دوستۇم ئولتۇرغان ئۆيگە كىرىپ قالغانلىقىنى(دوستۇم ئولتۇرغان ئۆينىڭ ئىچىدە سۇخانا بار بولۇپ ئۇ قىز تەرەتنى شۇ سۇخانىدا ئېلىش ئۈچۈن چىققان )ھەم قاراپ قويۇپلا سۇخانىغا كىرىپ بىر ھازا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن چىقىپ سىرتقا مېڭىش ئالدىدا دوستۇمغا يېلىنىش ،ئەپۇ سوراش ئارىلاشقان مەنىلەردە مەنىلىك قىلىپ قاراپ قويۇپ (ئارىدا ئۇ قىزنىڭ ئاكىسى دوستۇمنى قويۇپ مېھمان كۈتۈش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كەتكەن )چىقىپ كەتكەنلىكىنى شۇنىڭدىن بېرى ئۇ باشقىچە بولۇپ يۈرىكى ئاغرىۋاتقانلىقىنى ،ئۇ قىزنى ئاۋايلاپ(ئۇ قىز مېنى ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئىزاغا قويماڭ ،رىسقىمىز بولسا بىزنىڭ ئىشىمىز بولۇپ قالار ،بولمىسا مەن ئۆيدىكىلەرنىڭ گېپىنى يىرالمايمەن،ئانامغا دېدىم ،ئانام قىزىم بولدى قىل ،داداڭ ئاللىقاچان باشقىلارغا ئىپادە بىلدۈرۈپ بولدى ،ئەمدى بولمايدۇ،ھەم سەن گېپىنى قىلغان يىگىت بىلەن ئۆيىمىز يىراق ،ئەمدى باشقىچە ئويلاردا بولما ،بۇ ئىش مۇمكىن بولمايدۇ ، دەپتىكەن .) ئۆزۈمنى قەتئى ئويلىماپتىمەن ،ئاداش ،ئۇ قىز بەك ئەخلاقلىق بولغاچقا ئۆيىدىكىلەر ئالدىدا ئىزاغا قويماي دەپتىمەن ،بولمىسا باراتتىم ئەمەسمۇ ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق قىلىشىمغا بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرمۇ قوشۇلمايدۇ ئەمەسمۇ،مەن قانداق قىلىمەن ،ياكى مەن ئىگە چاقىسىز ئادەم بولغان بولسام ئۆزۈملا بارار ئىدىم ،مەن زادى چىدىمىدىم ئاداش ،ئەمدى بولىدىغان ئىش بولۇپ بولدى ،ئۇ قىزمۇ ئاللىقاچان باشقىلارنىڭ بولۇپ بولدى ،مەن زادى قانداق قىلاي ،يۈرىكىم ئۆلدى،پەقەت ۋۇجۇدۇملا بار ئاداش ،روھىم ئۆلۈك ،مەن ئەمدى ئۇنىڭسىز ياشاشنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم ،ئاداش ،ئيتە مەن قانداق قىلاي ؟دەپ تۆكۈلۈپلا كەتتى ،مەن ئىشنىڭ تېگىگە ئەمدى يەتتىم ،بۇ دوستۇم ئەسلى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ھېلىقى قىزغا ئېرىشەلمەي شۇنداق بولغان ئىكەن،دە !ھەي بۇ تازىمۇ بىر ئىش بولدى دە .قانداق قىلغۇلۇق ،دۇنياغا ھەممە ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىسىگە ئېرىشەلىشى ناتايىن ،مۇھەببەتمۇ شۇنداققۇ ،بىرى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ بىرىنى ياخشى كۆرۈپ بىر ۋاقىتلار ئۆتكەندىن كېيىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇ باشقا بىرى بىلەن سەن باشقا بىرى بىلەن توي قىلىپ كېتىدىغان گەپ ،ئىلگىرى ئىشلار پەقەت شېرىن ئەسلىمە بولۇپ قالىدۇ خالاس .
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئىشلار بەندىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىغا بويسۇناتتىمۇ ؟
ئۇنىڭغا بىرمۇنچە نەسىھەتلەرنى قىلدىم ،بۇنداق ئادەمگە نەسىھەتمۇ تازا ياقمايدىكەن ،چۈنكى ئۇ ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ،ھەممىدىن رايى قايتقان .شۇنداق بولسىمۇ چىرايلىق نەسىھەتلەرنى قىلدىم .
ئاداش:«بىز بۇ دۇنياغا ئاللاھنىڭ ئاپىرىدە قىلىشى بىلەن ئختىيارسىز ھالدا كېلىمىز ،يەنە ئاللاھ ئىختىيار قىلغاندا بىز ئىختىيارسىز ھالدا كېتىمىز .بىزنىڭ كىمنىڭ ئۆيىدە ،كىمنىڭ بالىسى بولۇپ ،قايسى يۇرتتا تۇغۇلىشىمىز بىزنىڭ ئىختىيارىمىزدىكى ئىش ئەمەس ،خۇددى شۇنىڭغا ئوخشىغان سېنىڭ ئۇ قىزنى ياقتۇرۇپ قېلىشىڭنىمۇ سەن ئىختىيارلىقىڭ بىلەن قىلغان ئەمەس ،ئىشقى ئوتنى ياراتقان ئۇلۇغ ئىگەم سالغان ،ئۇ قىزغا ئېرىشەلمەسلىكىڭنىمۇ يەنە ياراتقان ئۇلۇغ ئاللاھ ئىرادە قىلغان ،ئاللاھنىڭ ئىرادە قىلغان ئىشلىرىدا چوقۇم ئىنسان ئۈچۈن بىر ھېكمەت بار ،ئاللاھ بەلكىم سېنى سىناۋاتقاندۇ ،سەبىر قىل ئاداش ،بۇنداق روھى چۈشكۈنلۈك بىز مۇسۇلمانلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس ،بىز چوقۇم ئۈمىدۋار بولىشىمىز كېرەك ،سەبىر قىلغاڭ بەلكىم ياراتقان ئىگەم  قىيامەتتە ساڭا ئۇ قىزنى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىزلارنى بېرىشى مۇمكىنغۇ !بىزدە ئاللاھنىڭ ھۆكىمىگە بويسۇنۇشتىن باشقا نە چارە ،ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنغىن ئاداش ،سەبىر قىلساڭ كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشىسەن ،ئىنسانغا بولغان مېھىر مۇھەببەت ،ياراتقان ئىگىمىزگە بولغان مېھىر –مۇھەببەتتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلماسلىقى كېرەك ،بولمىسا بىز ئېزىپ كېتىمىز ،سەن دەل ئۇنىڭغا ياراتقان ئىگىمىزدىن بەكرەك كۆڭلۈڭنى بەرگىنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ساڭا  ئاللاھ بەرمىگەن بولىشى مۇمكىن ،بۇ بىر چوڭ خاتالىق ئاداش ،ئەمدى دىققەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن تىرىشقىن ،شۇندىلا ئاللاھ كۆزلىگەن مەقسىتىمىزگە يەتكۈزىدۇ » دېدىم .ئەمدى ئويلسام دوستۇمنىڭ كۆزىنىڭ قارىچۇقىدىكى سىما ،ئۇ قىزنىڭ سىماسى ئىكەن ،ئەمەسمۇ؟
ئۇنىڭ مىجەزى  بىر ئاز تۇراقلاشقاندەك قىلاتتى ،مەن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەردىن ئۆزرە سوراپ ئۆيگە قايتتىم .
بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ دوستۇم ئۆيۈمگە كەپتۇ ،چىرايلىق پاراڭلاشتۇق ،تەقدىرگە تەن بەرگەندەك تۇراتتى ،ئىشقىلىپ نېمىلا بولمىسۇن قىلغان نەسىھىتىمىنىڭ ئۈنۈمى بولغىنىدىن خۇشال بولدۇم .
ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىسام چىرايىدا سەل ئۆزگىرىش بولغان ھالدا ئۇھسىنىپ تۇرۇپ :«ياخشى كۆرگەن ئادەمنى ئۇنتۇماق ئۇنداق ئاسان ئەمەس ،ھازىرقى ھالىتىمگە كەلگىنىممۇ زور غەلىبە ئاداش ،ساڭا كۆپ رەھمەت .ئاللاھ ئالدىدا جىنايەتچى بولغىلى تاسلا قاپتىكەنمەن ،سېنىڭ نەسىھىتىڭ بىلەن ئوتتىن ساقلاندىم ،لېكىن ئۇ قىزنىڭ تويىغا بارغاندىن بېرى يۈرىكىم كۈندە ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدىم ،ئۇنى ئويلىماسلىققا شۇنداق تىرىشساممۇ ،يەنىلا ئويلاپ سالىمەن ،مەن تىرىشىمەن ،ئاللاھتىن ئۇنى قىيامەتتە بولسىمۇ بېرىشىنى سورايمەن ،ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرەتتىم ،ئاداش .دەپ ئېغىر ئۇھسىندى .
ئۇنىڭغا بىر ھازا نەسىھەتلەرنى قىلىپ ،ئاللاھنى كۆپ ئەسلەشكە ،رېئاللىققا تەن بېرىشكە ،ھەممىنى يېڭىدىن باشلاشقا ،بۇرۇن سادىر قىلغان خاتالىقنى (ئىنسانغا بولغان مېھىر –مۇھەببەتنى ئاللاھقا بولغان مېھىر- مۇھەببەتتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويماسلىققا ،شەيتانغا گول بولماسلىققا رىغبەتلەندۈردۈم .قارىسام دوستۇمنىڭ كۆزىنىڭ قارچۇقىدا يەنىلا شۇ قىزنىڭ سىماسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى .




ئەردەمئاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8891
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 788 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 12:08:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ،مېنىڭچە بولغاندا تىل تەسۋىرى ھەم پىسخىك تەسۋىرنىمۇ ياخشى ئىشلىتىپسىز!!ئەمما يەنە بەزى بىر پىسخىك تەسۋىر بىلەنلا جانلاندۇرغىلى بولىدىغان ئورۇنلاردا بۇ خىل تەسۋىر سەل كەمدەك ھېس قىلدىم!!!
ئەمما ئومۇمەن ئېيتقاندا بۇ ھىكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.سىزگە مۇۋەپىقيەت تىلەيمەن!!!

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ! مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولسۇن كەڭ ئالەم!!!

ئەردەمئاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8891
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 788 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 12:08:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ،مېنىڭچە بولغاندا تىل تەسۋىرى ھەم پىسخىك تەسۋىرنىمۇ ياخشى ئىشلىتىپسىز!!ئەمما يەنە بەزى بىر پىسخىك تەسۋىر بىلەنلا جانلاندۇرغىلى بولىدىغان ئورۇنلاردا بۇ خىل تەسۋىر سەل كەمدەك ھېس قىلدىم!!!
ئەمما ئومۇمەن ئېيتقاندا بۇ ھىكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.سىزگە مۇۋەپىقيەت تىلەيمەن!!!

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ! مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولسۇن كەڭ ئالەم!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش