مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bugaltir

بەخىتلىك ئاياللارنىڭ يەتتە چوڭ ئالاھىدىلىكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83664
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3340
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-8-8
ئاخىرقى: 2013-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 06:31:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىلنازئاينىڭ ئىنكاسى ئورۇنلۇق تۇرىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4092
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17421
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1474 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 06:50:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقىي ئايالنىڭ مەنىسى

ھالۋىنى تولا يىگۈزۈپ زاڭ تېتىتىپ قويمايدىغان، ۋاقتى كەلگەندە قەھرىنىمۇ شېرىن ھېس قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقىي پەزىلەتلىك ئايال، سۆيگەن يارىنىڭ يەلكىسىگە يۆلىنىشنى بىلىدىغان ھەمدە يىقىلغان يارىنى پۈتۈن جىسمى بىلەن يۆلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي ۋاپادار ئايال.

راستنى ھامان راسىت دەيدىغان، لېكىن ئۆزگىنىڭ زىل كۆڭلىنى ئايايدىغان يەردە چىن مەۋقەسىنى باشقىچە ئۇسۇلدا ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي سەمىمىي ئايال.

كۆڭلى بولمىسا، پادىشاھنىمۇ رەت قىلىپ، ئىشقى باغلانسا، كۆك نامراتنىڭمۇ ئايىغىغا باش قويالايدىغان ئايال ھەقىقىي ئىپپەتلىك ئايال  .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4092
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17421
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1474 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 12:26:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەقىللىق ئاياللار ئائىلىۋىي بەختنى قانداق يارىتىدۇ

ئاياللار ئائىلىنىڭ بەختىنى بەرپا قىلغۇچى ئۇلۇغ شەخس. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چېچەن- چىۋەرلىكى، چەكسىز مېھىر- مۇھەببىتى ۋە ئىللىق چېھرى ۋە ئەقىل- پاراسىتى بىلەن ئائىلە ئەزالىرىغا خۇشاللىق بېغىشلىغۇچىلاردۇر.
كۆپ جەھەتلەردە ئوخشايدىغان ئايرىم جەھەتلەردە پەرقلىنىدىغان ئاياللار.
تويدىن كېيىن تۇرمۇش ئادىتى، خاراكتېرى، قىزىقىشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئادەم بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئەگەر ئايال ئېرىنى ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئېرىنىڭ نارازىلىقى ۋە بىزار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چوڭ ئىشلاردە بىرلىككە كېلىپ، كىچىك ئىشلاردا پەرقنى ساقلاپ قالغاندىلا ئاندىن بۇ ئائىلە ئىناق بولىدۇ.
ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتمىغان ئايال.
ئشەنچ ئەسلىدىنلا بىرخىل سېھرى كۈچ. ئەگەردە سىز ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئېتراپ قىلسىڭىز، ئۇنداقتا باشقىلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىز. ئۆزىگە ئىشىنىش تاشقى كۆرۈنۈشتىلا ئىپادىلىنىشتىن باشقا، يەنە ئۈزلۈكسىز ھالدا بىلىم ئاشۇرۇش، ساپانى يۇقىرى كۆتۈرۈش، پەزىلەتلىك بولۇش قاتارلىقلاردىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
ئائىلىسىدىكىلەرنى سۆيۈش بىلەن ئۆزىنىمۇ سۆيەلەيدىغان ئايال.
ئاياللارنىڭ تويدىن كېيىن ئېرىنى، بالىلىرىنى سۆيۈش تەبئىي ئىش، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. ئۆزىنى قەدىرلىگەنلىك ئەمەلىيەتتە ئائىلىنى قەدىرلىگەنلىك.
چوڭ ئىشلارغا ئالدىراپ قالمايدىغان، كىچىك ئىشلاردا ھېسابلىشىپ كەتمەيدىغان ئايال.
تويدىن كىيىن ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ پىكرىنىڭ بىردەك بولماسلىقى دائىم بولىدىغان ئەھۋال. چوڭ ئىشلاردا پىرىنسىپنى تەكىتلەش، ھودۇقۇپ كەتمەسلىك،كىچىك ئىشلاردا ئەڭ ياخشىسى بەك ھېسابلىشىپ كەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر ھەمىشە كىچىككىنە ئشلاردىمۇ جاڭجاڭلاشسا ۋاقىت ئۆتكەنسىرى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىنى،ھېسسىياتىڭ سۇسلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بەلگىلىك دەرىجىدە ئائىلىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئايال.
ئائىلىنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلىك ئائىلە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشى زۆرۈر. ئاياللار بىر مۇنەۋۋەر«غوجىدار»بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. ئائىلە مەيلى قانچىلىك ياخشى خاتىرجەم تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئاياللار يەنىلا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىشى كېرەك. ئەر-خوتۇننىڭ قوش شەمشەردەك ماسلىشىشى بولسا بىر مۇكەممەل ماسلىشىشتۇر. توي قىلغان ئاياللار ئائىلە باشقۇرۇشقا دائىر بىلىملەرنى كۆپرەك ئىگەللەپ، ئۆزىنى ئازادە، خۇشال ئائىلە ئىشلىرىنى ماھىرلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ،غەم-قايغۇدا چارىسىز قېلىشتىن كۆڭۈل پاراكەندىچىلىكىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئۆزىنىڭ قىزىقىش، ھەۋىسىنى ساقلاپ قالغان ئايال.
ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى قىزىقىشىنى ساقلاپ قالغىنى ياخشى، بولمىسا ئۇلاردا ئائىلىگە كەلگەن كىچىككىنە كۆڭۈلسىزلىك سەۋەبىدىن ناھايىتى ئاسانلا ئۈمىدسىزلىنىش، ئىچى سىقىلىش يۈز بېرىدۇ. تويدىن كىيىن ئاياللار ئۆزىنىڭ نورمال دوستلۇق چەمبىرىكىنى ھاسىل قىلىش كېرەك.



مەنبە   :    http://uygur.chinabroadcast.cn/7466/2012/07/30/1349@444541.htm

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4092
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17421
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1474 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 07:59:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1. بىز كۆرىۋاتقان ئاياللار ھايات چەمبىرىكىدىكى ئۇپا-ئەڭلىك،كىيىمگەبولغان شەيدالىقنىڭ ئورنىنى ئىلىم،كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىك،توي-تۈكۈن،چاي-ئولتۇرۇشلارغا بولغان خۇمارنىڭ ئورنىنى،يۈرەك-پارىلېرىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن تەر تۈكۈش ئىگەلىگەن،غايىمىز ۋە پەخىرىمىز ناخشىچى،ئۇسولچى ئەمەس،دوكتور-ئالىملارنى يىتشتۈرۈش بولسىدى،خەلقىمىز يىڭى ئەسىرنىڭ غۇۋالىقلىرىدىن ئۈمۈدلۈك كەلگۈسىنى كۆرگەن بۇلاتتى.
2.ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە تەپەككۈر يۈرگۈزگۈچى ئاياللار مىللەتنىڭ نۇرلۇق كىلەچىگىنى يارىتالايدىغان ئىقتىدارلىق ئەۋلادلارنى يىتىشتۈرەلەيدۇ.  
3.بىز ئىنسانىيەت تارىخىدا زاۋاللىققا يۈز تۇتقان،تالاي بۈيۈك ئىمپىرىيە،قۇدرەتلىك خاندانلارنىڭ پاجىئە-سەۋەبلېرىدىن بىرى ئەقلى ۋە ئەخلاقى جەھەتتە چىرىگەن ئاياللار ھالاكىتى دەپ ئېيتالايمىز.چۈنكى ھەرۋاقىت ئۆز يىلتىزىدىن ئۇزۇق ئىلىپ بۈگۈنى ۋە كىلەچىكى ئۈستىدە ئويلانمىغان ئادەمنىڭ تىككەن كۈچەتلېرىگىمۇ خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش بەركەتسىزلىك ۋە يوقىلىش ئاقىۋىتى پۈتۈلگەن بۇلىدۇ.
4.ئايالنىڭ ۋاقتى ۋە زىھنى ئۆزى ئەتىۋارلىغان،كۆزىگە قارىغان بالىلېرىنى ئاتا-ئانىنىڭ ھامىلىقىدا ئەمەس ھىچكىمنىڭ خەيرىخاھلىقى بولمىغان كەلگۈسىدە نىنىنى پۈتۈن تىپىپ يىيەلەيدىغان ئۆزىگەئۆزى خوجا ياراملىق ئىز باسار قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈندۇر .
5.ئايالنىڭ ۋاقتى ۋە زىھنى بىلىم ۋە قابىليەت بىلەن مەۋجوتلۇق قىممىتىنى يارىتىش، ئېرىغا ھەمنەپەس بۇلۇپ،ئاياللىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈندۇر.
6.ئايالنىڭ ۋاقتى تۈگىسە مىللەتنىڭ ۋاقتى تۈگەيدۇ،ئاياللاردىكى ئالامەتتىن كىشىلەر زامان ئاخىرىنىڭ بەلگىلېرىنى كۆرەلەيدۇ.  
7.ئاياللارنىڭ تەۋەلىكى ۋە ئەخلاقى بىر مىللەتنى يىڭىدىن يارىتالايدۇ ،ئاياللارنىڭ بۇزۇلۇشى بولسا مىللەتنى ھالاكەتلىك يوقىلىش گىرداۋىغا سۆرەپ ئاپىرالايدۇ.
8.ئانا--ئاياللىق خاراكتىردىكى ئەۋرىشىملىك ،يۇمشاقلىق،مىھىر-مۇھەببەت بىلەن بالا تەربىيىسىدىكى زور مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى. مەكتەپ ۋە جەمئىيەت توغرا پەرۋىش قىلىنغان مايسىنى تېخىنۇ كۆكلىتەلەيدۇكى، باغۋەننىڭ ئەجرىسىز قىڭغىر ئۆسكەن كۈچەتنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەنمۇ مېۋىگە كىرگۈزەلمەيدۇ. .
9.ئەرلەرنىڭ بىشى چۈشۈپ،ئىززەت-ھۆرمىتى تۈۋەنلىگەن،ئەرلىك سالاھىيىتى ئۆز ئورنىنى تاپمىغان جەمئىيەتتە،ئاياللارنىڭ تەربىيىسى تۇلىمۇ مۇھىم ھەمدە ئاياللارنىڭ بىر كىشىلىك مەسئولىيىتى بار،چۈنكى ئاياللار ئەرلەرگە كۈچ ۋە شىجائەت ئاتا قىلغۇچى،بالىلارنى ئىشەنىچ ۋە ئەقىل بىلەن چوڭ قىلغۇچى .


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4092
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17421
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1474 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 12:51:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                             ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى نىمىدە؟


  گۈزەللىك تىلغا ئېلىنسا، تەبىئەت گۈزەللىكى بىلەن خانىم- قىزلار گۈزەللىكى زەنجىرسىمان ھالدا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن خانىم- قىزلار گۈزەللىكىنىڭ قەلبىمىزدە، كىشىلىك ھاياتتا تۇتقان ئورنىنىڭ نەقەدەر يۇقىرىلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

   گۈزەللىككە ئىنتىلىش ئىنسانلارنىڭ تۇغما خۇسۇسىيىتى. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك بولۇپ، ئۇلار تارىختىن بېرى گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى، دەپ قارىلىپ كەلدى. يېقىنقى يېرىم ئەسىر مابەينىدە ئاياللارنىڭ ئورنىدا كۆرىنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئاياللارمۇ ئەركىن ھالدا كەسىپ تاللاپ ئەرلەر بىلەن تەڭ مېھنەت قىلدى. ئاياللارنىڭ كەسىپ تاللاپ مېھنەت قىلىشى ئۇلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇستەقىل قىلدى. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇستەقىللىق ئۇلارنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورۇن ۋە ئىقتىساد جەھەتتە باراۋەرلىككە ئىگە بولۇشى نورمال بىر جەمئىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ئاياللارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساغلام تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرمىدى. مۇستەقىللىق بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋازىنەت شەكىللەنمىدى. ئاياللار بۇ خىل ئەۋزەللىككە ھە دەپ ئىنتىلىپ ۋە رام بولۇپ، ئاياللىقنىڭ مەناسى بولغان ئاياللىق گۈزەللىكىگە سەل قارىدى. نەتىجىدە ئاياللارنىڭ گۈزەللىككە بولغان تەقەززالىقنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە تۈرلۈك ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرى يامغۇردىن كېيىنكى مايسىلاردەك ئاۋۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار گۈزەللىكتىن يىراقلاشتى. چىن گۈزەللىكتىن بارلىققا كېلىدىغان مۇھەببەت زىلزىلىلىرى قايتا پەيدا بولمىدى. ئۇلار ئاياللىق گۈزەللىكىنى پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى دەپ قارىماستىن، بەلكى ئەرلەر دۇنياسىنى بويسۇندۇرۇشنىڭ قورالى، دەپ قارىدى. شۇ سەۋەپلىك قىز- ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئانىلىق خىزمىتىنى ياقتۇرمايدىغان، ئائىلە ئىشلىرىنى ئاياللارنى تۈگەشتۈرىدىغان بىر خىل ئاۋارىچىلىك، دەپ قارايدىغان بولدى. مەخسۇس ئاياللىق قارشى ئېلىشقا ئېرىشەلمىدى. پەرزەنت تەربىيىلەشتىكى زور بىر قىسىم مەسئۇلىيەتنى مەكتەپلەرنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا توغرا كەلدى. بىلىم بىلەن ئەقىلنى ئېچىشقا سەل قارىدى. ئاز- تولا بىلىم ئىگىلىگەن ئاياللار ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق، ئۆرپ- ئادەت ۋە تەربىيە ئۇسۇللىرىمىزنى‹‹ئەركىنلىكنى بۇغقانلىق›› دەپ قاراپ، ئۇلارغا ئۆكتەملىك بىلەن قارشى چىقتى.
   ئەپسۇسكى، ئىسىل زىبۇ- زىننەت ۋە ئۈستىباش، غەربچە ئەخلاق قارىشى ئۇلارنى گۈزەللىككە ئىگە قىلالمايدۇ. ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ چىن ئاياللىقىدا. چىن ئاياللىقنىڭ گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ ھاياسى ۋە نۇمۇسىدا جۇلالىنىپ چاقناپ تۇرىدۇ. ھايا بىلەن نۇمۇس ئاياللارنىڭ ئەڭ قەدىرلىك ۋە ئەڭ گۈزەل بېزىكى. بۇنداق پەزىلەتكە ئىگە بولغان ئاياللار دائىم ئەدەپ ۋە تەرتىپنى ئۆزىگە يار قىلىدۇ. ۋاپا ۋە  ساداقەت بىلەن ئائىلىنى روناق تاپقۇزۇشنى، ئائىلىدىكى گۈللىنىشنىڭ سەۋەپچىسى بولۇشنى ئىزدەيدۇ. تۇرمۇشنى قانائەت ۋە غەيرەت بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئۆز كەمتەرلىكى بىلەن قەدىر- قىممەتكە ئېرىشىدۇ. پەزىلىتى بىلەن ئەۋلادلارنى تەربىيىلەيدۇ. كىشىلەرگە ئىلھام بېرىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە ئىقتىسادىي كۈچىگە تەمەننا قويۇپ، ئاياللىق بۇرچىدىن باش تارتمايدۇ. ئاياللىقنى بىر بۈيۈك سەنئەت، دەپ قارايدۇ. ئاياللىقنى بىر كۈلپەت، دەپ قارىماي چىن دىلىدىن سۆيىدۇ. ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ. روھتىكى بۇنداق نەپىسلىك تەندە ئىپادىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە تەننىڭ نەپىسلىكىمۇ زور بايلىق. ئەگەر تەن نەپىسلىكى روھ نەپىسلىكىدىن ئايرىلسا، خۇددى پۇراقسىز گۈلدەك سېھرى كۈچىنى يوقىتىدۇ. بۇنداق گۈزەللىكنىڭ ئۆمرى ھامان قىسقا بولىدۇ.
   بىر ئايالدا تەن نەپىسلىكى بىلەن روھ نەپىسلىكى بىرلەشسە، ئۇنىڭ كۈچ قۇدرىتى تەڭداشسىز بولىدۇ.
    ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ بالاغىتى - ئانىلىقتۇر. ئانىلىق مۇقامىغا يېتىش ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىدۇ. ئانىلىق ئۇلۇغ ۋە مۈشكۈل خىزمەت بولۇپ، ئۇ پەرزەنتكە ۋە جەمئىيەتكە بولغان يۈكسەك مەسئولىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئانىلىقنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭغا پەرزەنتكە بولغان چەكسىز مىھىر - مۇھەببىتى ۋە تەربىيىسىدە كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بىر ئايالنى تۇغما ئانىلىق مەجبۇرىيىتى بىلەنلا چەكلەندى، دەپ قارىغاندىمۇ بۇ مەجبۇرىيىتى بىلەن ئىنسانىيەتكە ئاز- تولا تۆھپە قوشقان بولۇپ، ئىنسانلار ئىش تەقسىماتىدا يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. ناۋادا ئۇ پەرزەنتلىرىنىڭ ھاياتىغا ھەقىقىي قىزىقسا، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلسە، ئانىلىق سۈپىتى بىلەن ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلىسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىنىڭ قىممىتى مۆلچەرلىگۈسىزدۇر. ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانى ئۇلۇغ بىر كەشپىياتنى تاماملاش جەريانىدۇر. بالىلارنى ئىسىل يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، ئۇلارنى چىرايلىق پاكىزە كىيىندۈرۈش، قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قورقماي، داڭدار مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرگۈزۈشلا ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىق ھېسابلانمايدۇ. ئەلۋەتتە بالىلارنى كىچىكىدىن مۇۋاپىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ساغلام تەنگە ئىگە قىلىش، تازىلىقنى سۈيىدىغان قىلىپ تەربىيىلەش، ئۇلارغا بىلىم ئېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشمۇ ئاتا- ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنىڭ  بىر قىسمى. ئەمما ئانىلار شۇنى ئۇنتىماسلىكى كېرەككى، ساغلام تەندە ساغلام روھنى يېتىلدۈرۈش، ئۇلارنى پاكلىققا ئىنتىلدۈرۈشمۇ بىزنىڭ مەسئولىيىتىمىز. بارچە ئۈمىدنى مەكتەپكە باغلاپ، تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى مەكتەپكىلا يۈكلەپ قويۇش مەسئولىيەتتىن قاچقانلىق. ئەقەللى ئانىلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئۇنتۇپ، بەزمە ئويناپ يۈرگەنلىك- ئانىلىق سالاھىيىتىنى يوقاتقانلىق. ئۇنداق ئاياللاردا گۈزەللىك نېمە قىلسۇن؟
   ئەمەلىيەتتە ئاياللىق - بىر گۈزەل سەنئەت. ئانىلىق - بىر بۈيۈك ئىجادىيەت.
   ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى يەككە -يىگانە ھالدا رول ئوينىمايدۇ. ئۇنىڭ رولى ئەرلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش قورالى، ياكى مەلۇم مۇددىئانى ئىشقا ئاشۇرۇش قورالىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى، ئەر- ئاياللارنىڭ ھەقىقىي ھەمكارلىقى چىن مۇھەببەت ئاساسىدا بولۇشى لازىم. ئەر- ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنىڭ كاپالىتى.
   ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىق ۋە ئانىلىق گۈزەللىكىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئەقلى تەرەققىياتقا ئېرىشىشكە سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئۇلار بىلىم ئىگىلەش ئارقىلىق، ئۆز گۈزەللىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. بىلىم گۈزەللىكنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ. بىر ئايالنىڭ بىلىم ئىگىلەپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ياكى كەسپكە بېرىلىشى ئۇنىڭ ئاياللىق ۋە ئانىلىق مەجبۇرىيىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ياكى ئۇنىڭدىن خالاس بولغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بىلىم ئىگىلەش بىلەن ئاياللىقنىڭ سىغىشمايدىغان يېرى يوق. شۇڭا ئاياللار بىلىم ئىگىلەش ۋە كەسپى تۈپەيلى ئاياللىق ۋە ئانىلىق مەجبۇرىيەتكە سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئەگەر نوقۇل ھالدا ئاياللىق ۋە ئانىلىق مەجبۇرىيەتنىلا تەكىتىلەپ، بىلىم ئىگىلەشكە سەل قارالسا، روھنى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرگىلى بولمايدۇ ۋە تۇغما ئانىلىق مەجبۇرىيەت دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ قالىمىز.
   ئەلۋەتتە، ئاز- تولا بىلىم ئىگىلەپلا ئەجداتلىرىمىزنىڭ گۈزەللىك قارىشىغا قارشى چىقىش، ئۇنى ئاياللارنىڭ ئەركىنلىكىنى بۇغىدىغان كىشەن دەپ قاراش، ھاياسىزلىقتۇر. شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەقىقى گۈزۈللىكنىڭ مەنىسى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇ زامان، ماكان، كىشىلەرنىڭ قاراشلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى ئوخشىمىغان مەنالارغا ئىگە بولمايدۇ.



http://www.doratori.com/mod_arti ... article_id-103.html

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82600
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4338
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 02:22:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77176
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4151
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 07:24:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەقىللىق ، ئۇز، پەزىلەتلىك ئايال بىلەن،  ئەركەكلەردەك خاراكتىرگە ئىگە تەدبىرلىك ئەر بىرلەشسە بۇ خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ياراشقاندەك ئىش بولاتتى
مەنمۇ شۇنداق قارايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4092
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17421
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1474 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 12:26:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايالسىز ئەر ھايات چۆلىدىكى، ئەرسىز ئايال ھاياتنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق دالاسىدىكى تەنھا يولۇچى؛ ئىناق ئەر-خوتۇن چىمەنلىكتىكى بىر-بىرىگە يار-يۆلەك سەپەرداش.
ياش ئايال پۇتبول، ئوتتۇرا ياش ئايال ۋاسكېتبول، ياشانغان ئايال تىكتاك توپ.
ئەرلەر مەسئۇلىيەتسىز جەمئىيەتتە تۇل ئايال، پاھىشىلەر كۆپىيىدۇ؛ ئاياللار مەسئۇلىيەتسىز جەمئىيەتتە ئىلىم-ھۈنەرسىز ئوغۇللار، سەرگەردان بالىلار كۆپىيىدۇ.
ئىككى-ئۈچ ئايال بىر يەرگە كەلسە، كىيىمنىڭ گېپى، ئىككى-ئۈچ ئەر بىر يەرگە كەلسە ئايالنىڭ گېپى. دېمەك، ئاياللار ئۈمىدىنى كىيىمگە، ئەرلەر ئۈمىدىنى ئاياللارغا باغلايدىغاندەك قىلىدۇ.
ئۆزىنى يوقاتقان ئايال پۇراپ قالغان گۆشكە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا قونىدىغان چىۋىن شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
ئەر كىشى غورۇر بىلەن، ئايال كىشى ئىپپەت بىلەن ئادەمدۇر.
خوتۇن كىشى بارلىق ئاجىزلىق ۋە ئىللەتنى ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ.
ئەرلەرنى كۆزگە ئىلماي گىدىيىپ يۈرىدىغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى، بىرى چىرايى ۋە قەددىي-قاممىتىدىن پەخىرلىنىدىغانلاردۇر؛ ئۈچىنچىسى ئەرلەرنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى ھەم ھېسسىياتىدىن گۇمانلىنىدىغانلاردۇر.

(قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى)

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49804
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10866
تۆھپە نۇمۇرى: 3778
توردا: 1945 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 12:58:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەر كىشى غورۇر بىلەن، ئايال كىشى ئىپپەت بىلەن ئادەمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49804
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10866
تۆھپە نۇمۇرى: 3778
توردا: 1945 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 12:59:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللارنىڭ تەۋەلىكى ۋە ئەخلاقى بىر مىللەتنى يىڭىدىن يارىتالايدۇ ،ئاياللارنىڭ بۇزۇلۇشى بولسا مىللەتنى ھالاكەتلىك يوقىلىش گىرداۋىغا سۆرەپ ئاپىرالايدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش