شىكلار(Sikh)
شىكلار شىك دىنى مۇرتلىرنى كۆرسىتىدۇ. شىك(Sikh)دېگەن سۆز سانسكىرت تىلىدىكى شىشيا(shishya) دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ مەنىسى شاگىرت،ئوقۇغۇچى دېگەنلىك بولىدۇ.سەللە يۆگەش بولسا شىىكلارنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى،سەللىنىڭ رەڭگىگە ئۆلچەم قويۇلمايدۇ،شەخىسنىڭ خالىغىنىچە ئۆز كىيىملىرىگە ماسلاشتۇرۇپ يۆگىسىلا بولىۋېرىدۇ.ئۇزۇن چاچ ،ساقال-بۇرۇت قويىدۇ،تۆمۈر بىلەيزۈك تاقاپ شەمشەر ئېلىپ يۈرىدۇ ،قىسقا ئىشتان كىيىدۇ.ھاراق-تاماكا چەكلەيدۇ،يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئالاھىدە قاتتىق پەرھىزلەر يوق.شىك دىنى گەرچە مۇرتلىرنىڭ گۆش يېيىشىگە رۇخسەت قىلسىمۇ بىراق ئىسلام شەرئىتى بويىچە ئۆلتۈرۈلگەن گۆشلەرنى يېيىشنى چەكلەيدۇ.
شىك دىنىنىڭ دىن ئەقىدىلىرگە ئاساسەن شىك دىنى ھەقىقىي ئىلاھتىن ئىبارەت بىرلا ئىلاھقا ئىتىقاد قىلىشقا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ،ئۇلار ئىلاھنى بىردىنبىر ،ھەممىگە قادىر ،ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى،ئادىل،مېھرىبان دەپ قارايدۇ.شىكلار ئۇستازى گۇرۇ(
Guru) نى (ئۇستاز دېگەن مەنىدە) چەكسىز ھۆرمەتلەيدۇ،گۇرۇلاردىن جەمىئىي 10 ى ئۆتكەنىكەن.
كۆپ قىسىم شىكلار ھىندىستان ۋە پاكىستاننىڭ پەنجاپ رايونىدا ياشايدۇ،پەنجاپ تىلىدا سۆزلەيدۇ،نوپۇسى 23مىليون 500مىڭ.
مەنبە:ۋىكىپىدىيە تەرجىمىدە:بىلگە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-27 07:12 PM