wolkan888 يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 05:39 PM
رەخمەت سىزگە ياخشى رەسىملەركەن..لىكىن مەن تۇيۇق خوجام ...
تۇيۇق غوجام پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزىسى مەھەللىسىنىڭ ئالدىدىكى يالقۇنتاغ تىزمىسىنىڭ تاغ قاپتىلىغا جايلاشقان بولۇپ، ئادەتتە; ئەسھابۇلكەھف مازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۇيۇق مازىرى جايلاشقان تاغدىكى غارلاردا تۇرپان بۇددىسلىرىنىڭ 4-7- ئەسىر ئارىلىقىدا بىنا قىلغان تاشكېمىر تەسۋىرى سەنئەت خەزىنىلىرى ساقلانغانىدى. ئىسلامىيەتتىن كېيىن، يەرلىك ئاھالىلەر ئۇنىڭغ
; ئەسھابۇلكەھف; نامىدا سىرلىق ئىسلام يېپىنچىسىنى كىيدۈرگەن. بۇ خىل نام ھازىر دۇنيادىكى 10 دىن ئارتۇق جايدا تەكرارلىنىپ كەلمەكتە، غار ئىچىدە ئۇخلاۋاتقانلار يەتتە ئەۋلىيا( رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، غارنىڭ ئىچىدە ئۇخلاۋاتقانلار ئالتە ئادەم، بىر ئىت بولۇپ،بۇلار يەملەيخا، يەكسەلمەينا، ياۋايو يۇنۇس، ئازارپەت يۇنۇس، كەپۇنەت يۇنۇس، كەلبىھۇم ۋە قىتمىر دېيىلىدىغان بىر ئىت ئىكەن) دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ
- يىللاردا تۇيۇقتا ئوقۇتقۇچى بولغان ئىسمايىل رەجەپ ئاكا تۇيۇقتىكى ئەسھابۇلكەھف مازىرى تۇغۇرلۇق تۆۋەندىكى رىۋايەتنى خاتىرلىگەن: يەمەندىن بەش كىشى( مەرنۇش، زەبەرنۇش،شادىنۇش، يەملەيخا، مەكسەلمەينا قاتارلىقلار) ھەقىقەتنى، ھەقىقىي خۇدانى ئىزدەپ سان-ساناقسىز يۇرتلارنى كىزىپ، يالقۇنتاغ; دىيارىغا يېتىپ كەپتۇ. بۇ چاغدا بۇ يەرنىڭ پادىشاھىنىڭ ئىسمى دەقيانۇس ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ كارامىتىنىڭ بارلىقىغا باشقىلارنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئاخشىمى باشقىلار بىلەن قىمار ئوينىغاندا بىر دانە قارا چىراغنى ياندۇرۇپ، ئۇنى مۈشۈكنىڭ بېشىغا قويۇپ قويىدىكەن. بۇ مۈشۈك قىمار تۈگىگىچە قىمىر قىلماي، چىراغنى بېشىدىن چۈشۈرىۋەتمەي جىم ئولتۇرىدىكەن. كىشىلەر بۇ مۆچىزىنى كۆرۈپ ،پادىشاھ دەقيانۇسنى;<خۇدا> دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپتۇ. بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقان بۇ بەش كىشى بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىش ئۈچۈن، پادىشاھ دەقيانۇس ھوزۇرىغا زىيارەتكە بارماقچى بولۇپتۇ. دەقيانۇس ئۇلارنى ئاخشىمى قۇبۇل قىپتۇ. مېھمان بىلەن ساھىبخان ئوتتۇرىسىدا كۈتۈش، ھال-ئەھۋال سوراش رەسمىيەتلىرى ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئادەتتىكىدەك قىمار باشلىنپتۇ. بۇ كىشىلەر قارىسا ھەقىقەتەن مۈشۈكنىڭ بېشىغا قويۇلغان بىر دانە قارا چىراغ ئىچىدە پىلىك يېغى بىلەن پارقىراپ يېنىپ تۇرغۇدەك. مۈشۈك مىدىر-سىدىر قىلماي ، ياغنى تۆكۈۋەتمەي جىم ئولتۇرغۇدەك. بۇ كىشىلەرمۇ بۇ ئىشقا ھەيران قاپتۇ. لېكىن، ئۇلار بۇ يەرگە كەلگۈچە ئالدىن ئېلىۋالغان بىر دانە چاشقاننى ئېھتىياتچانلىق بىلەن يەڭ ئىچىدىن چىقىرىپ قويۇپ بېرىپتۇ. مۈشۈك چاشقاننى كۆرۈش بىلەن بېشىدىكى چىراغنى يېقىتىپ چۈشۈرۈپ، چاشقاننى قوغلاپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دەقيانۇسنىڭ يالغان خۇدالىق سىرى; پاش بولۇپ قاپتۇ. دەقيانۇس بۇ ئىشنىڭ كىمنىڭ قىلغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارنى دەرھال تۇتۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. مۇنداق بولۇشىنى ئالدىن سەزگەن بۇ كىشىلەر دەھال شەرقىي شىمالغا; قاراپ قېچىپ كېتىپتۇ. يولدا ئۇلارغا يول باشلايدىغانلار بولۇپ دەقيانۇسنىڭ قويچىسى كەشپۇتەت قوشۇلۇپتۇ. قويچىنىڭ ئىتى قىتمىرمۇ ئەگىشىپ كېلىۋەرگەنلىكتىن، ئۇرۇپ پۇتىنى سۇندۇرۇپ قويۇپتۇ. ئىتنىڭ يەنىلا توكۇرلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن يەمەنلىكلەر ئىتنىڭ ئىگىسىگە بولغان ساداقەتمەنلىكىدىن تەسىرلىنىپ، ئىتنى كۆتۈرۈپ مېڭىشىنى بويرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار بىر ھازا مېڭىپ،50-60 يول يىراقلىقتىكى تۇيۇق ئېغىزىغا يېتىپ كېلىپ، غارغا كېلىپ سۇقۇنۇپتۇ. دەقيانۇسنىڭ ئادەملىرى ھەممە يەرنى ئىزلەپ تاپالماي، ئۆمۈچۈك تورلىرى قاپلاپ كەتكەن، ئۇلار بۇ يەرگە كىرمەپتۇ، دەپ قايتىپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ كىشىلەر دەقيانۇسنىڭ ئادەملىرىدىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ، ئاندىن ئۇلار ئىشقىلىپ بىر مەزگىل ئۇخلىغاندىن كېيىن ئويغىنىپ، قوسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىپتۇ. مەسلىھەتلىشىپ ئىككى كىشىنى تاشقىرىغا يېمەكلىك سېتىۋېلىشقا ئەۋەتىپتۇ. بۇ ئىككى كىشى غاردىن چىقىپ، غار ئالدىدىن ئېقىۋاتقان ئۆستەڭ بويىغا چۈشۈپ، يۈز- قوللىرىنى يۇيۇپ بولۇپ ، ئەپراپتىكى كىشىلەردىن يېمەكلىك سېتىۋالماقچى بولۇپ، بىر نەچچە تەڭگىنى چىقىرىپ ئۇلارغا سۇنۇپتۇ. كىشىلەر بۇ تەڭگىلەرنى كۆرۈپ، بۇ 300 نەچچە يىل بۇرۇنقى پادىشاھ دەقيانۇس زامانىسىدىكى تەڭگىلەر ئىكەن، پادىشاھ دەقيانۇس ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتتى دېيىشىپتۇ، بۇ كىشىلەر ; بىز بۇ غاردا بىر كېچە - كۈندۈز ئۇخلىغاندەك قىلىۋىدۇق> دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردىكىلەر بۇ غاردىكى كىشىلەر ئۇلۇغلار ئىكەن، دەپ غارنى مازار قىلىپ،< ئەسھابۇلكەھف> مازىرى ، يەنى< غار كىشىلىرى> مازىرى دەپ ئاتاپتۇ.
تۇيۇق غارىنىڭ قۇرئاندا ئېيتىلغان < ئەسھابۇلكەھف> غارى ئەمەسلىكىنى ئەينى زامانلاردىلا موللا مۇسا سايرامى < تارىخىي ھەمىدى> ناملىق ئەسىرىدە پاكىتلار ئارقىلىق رەت قىلغانىدى.
تۇيۇق غۇجامدىكى قەبرىلەر ئىچىدە بۇددا دىنى دەۋرىگە ئائىت قەبرىلەر بار. تۇيۇق غۇجامغا چىقىدىغان پەلەمپەيدە بىر چاسا تاش بار. ئۇ ئەينى دەۋرىدە بۇددا تۆۋرىكىنى تىكلىگەن ئۇلىغا قويۇلغان تاش. ئۇنىڭ چۆرىسىدە نېلۇپەر گۈل نوسخىسى ئويۇلغان. شەيىخلەر بۇ گۈل نۇسخىسىنى < ئاللا، ئاللا> دېگەن گەپ دەپ چۈشەندۈرىدۇ، تۇيۇق غوجامنىڭ ئورنىدا ئەسلىدە
بۇددا دېنىنىڭ چوڭ ئىبادەتخانىسى بولغان. 1984- يىلى تۇرپان موزېيىنىڭ باشلىقى مەرھۇم
مەمەت ھاجىم بىلەن ئابلىم ئەپەندى تۇيۇق غوجام ئەتراپىدا قېزىش ئېلىپ بارغاندا، تۇيۇق غوجامنىڭ پەسرەك تەرىپىدىكى شەيىخلەر ئۆيىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئېرىقنىڭ يېنىدىن قازغان ئىككى قەبرىدىن بۇددا دەۋرىگە ئائىت ساپال جەسەت ساندۇقى چىققان. بۇ شۇ چاغدىكى راھىبلارنىڭ قەبرىسى بولۇشى مۇمكىن.
تۇيۇق غوجام مازىرى جامە( چوڭ مەچىت) غار( كەھف) گۈمبەز، ئېتىكاپخانا ۋە قەبرىستانلىق قاتارلىق بىر يۈرۈش قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 12000 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ئەسلىدە جامە تۇيۇق ئالدى مەسچىت ياكى مەدرىسە دەپمۇ ئاتىلاتتى. جامە جىرانىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ھازىر بۇ جامە مەۋجۈت ئەمەس.
غار بىلەن گۈمبەز تەخمىنەن 30-40 مېتىر ئىگىزلىكتىكى تاغ باغرىغا جايلاشقان، پۈتۈنلەي خىش
قۇرۇلمىلىق،ئۈستى يېشىل، مازارنىڭ چوققىسىغا ھېلال ئاي بەلگىسى ئورنىتىلغان، مازارنىڭ تۆت بۈرجىكىدە ئاق، قىزىل، يېشىل رەختلەردىن تىكىلگەن تۇغ قادالغان خادا بار ئىدى. گۈمبەزنىڭ ئاستىغا < غەللە ساندۇقى> ئورنىتىلغان ، ئۇدۇلىدا بىر غار بار، غارنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 60 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بەش مېتىر ئىگىزلىكتىكى تام ئۈستىگە گۈمبەز ئورنىتىلغان، تورۇسلىرىغا
خىلمۇ- خىل نەقىشلەر ئىشلەنگەن. مازارنىڭ ئىچىدكى تام، تورۇسلارغا قىزىل، ئاق، يېشىل،قارا،
كۆك يىپەل رەخت لەۋھەلەر ئېسىلغان بولۇپ، بۇ لەۋھەلەردە ئەرەبچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە
يېزىلغان يادنامىلەر بار ئىدى.
مەنبە- دوكتۇر راھىلە داۋۇتنىڭ< ئۇيغۇر لارنىڭ مازار مەدەنىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات> ناملىق
دوكتۇرلۇق دېسسىرتاتسىيىسىسى يەنى <ئۇيغۇر مازارلىرى> ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 360安全卫士 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-28 09:41 AM