بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ خوشاللىقتىن كۆزلىرىمدىن ئېقىۋاتقان ياشنى توختىتالماي قالدىم، مېنى يىغلىغىنى قويۇڭلار....
ئالدىنقى نەچچە مەيدانلىق مۇسابىقىدە تولا ئۇتتۇرۇپ ،ياكى تەڭلىشىپ قېلىۋاتقاچقا تازا خوشال بولالمىغان ئىدۇق ،مەيدانغا كىرىدىغان تاماشىبىنلىرىمىزنىڭ سانىمۇ ئىلگىرىكىدىن خېلىلا تۆۋەنلەپ كېتىۋاتاتتى ،مۇسابىقىدە ئۇتۇش ،ئۇتۇلۇش بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساقمۇ ،لېكىن ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى پەرىشان ئىدى ،مانا تاش ئالما كوماندىسى يەنە بىر قېتىم ئۇتۇپ بىزگە قايتا ئۈمۈد ۋە خوشاللىق ئېلىپ كەلدى .
بەك خوشال بولدۇم ھەم ھاياجانلاندىم ،بىر قېتىملىق غەلىبى ھەممىمىزنى قايتا جانلاندۇرۇۋەتتى .
تىرىشىڭلار يىگىتلەر ،ھەرگىز بوشاشماڭلار. شىنجاڭ خەلقى سىلەرنىڭ غەلبەڭلار بىلەن خوشاللىققا ئېرىشىدۇ ،مەغلۇپ بولساڭلار مەيۈسلىنىمىز ،لېكىن سىلەردىن ئاغرىنىشقا ھەددىمىز يوق ،بىز يەنىلا سىلەرنى قوللايمىز ........ھۇرراااااااااا !!!!!!!!!!!!!!!