خەلق قىزىقچىسى تۇداخۇن
بۈگۈن 2012-يىل28-ئىيۇل كۈنى، تېلفۇندىن «ئىككى سائەتنىڭ ئالدىدا تۇداخۇن ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىپتۇ»دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىشەنگۈم كەلمەي قالدى.كاللامدا نۇرغۇن خىياللار،كۆزئالدىمدا مەرھۇمنىڭ ئىكراندىكى ئۈمىدۋار،خۇشچاقچاق تۇرقى،ئاقكۆڭۈل ئىلىلىقلارنىڭ ئۆزىنى قويۇپ بېرىپ ئېچىلىپ كۈلۈشلىرى،...بۇ قازاغا،بۇ تەغدىرگە نېمە دېگۈلۈك؟! بۇ ئىلى چاقچاقلىرىغا،ئۇيغۇرئەلنەغمە سەنئىتىگە،ئۇيغۇر مىللىتىگە بىر يوقىتىش بولدى.
بۇ مەرسىيەم ئارقىلىق مەرھۇمغا چۇڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن.
____ مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
بىر ئوغلاندىن ئايرىلدۇق
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
(خەلق قىزىقچىسى تۇداخۇنغا مەرسىيە)
يامانلارغا يامان كۈن،«ياخشىلارغا روزا» بار،
شادلىق يېشى ئوينىغان چاناقلارغا ياغدى قار.
كۈلدۈرگەنلەر قېپقېلىپ،يىغلاتقانلار يۈتسىدى،
ئەپسۇس، پەلەك ئەكسىچە قىلدى بىزنى ھازىدار.
كۈلكە بەرگەن باغلارغا،كۈلكە بەرگەن تاغلارغا،
ئەل بېشىدا چۈشكۈنلۈك ھۆكۈم سۈرگەن چاغلارغا.
ئىلى دەريا قايغۇسى، شاۋقۇنىدا ئۈنى بار،
مەلھەم ئىدى چاقچىقى كۆرگەن ئەلەم-داغلارغا.
ئەل بالىسى قازاغا ئۇچرىغان بۇ شۇم خەۋەر،
ئېزىۋەتتى جۇدالىق، قولنى ئىشتىن توختاتتى.
تۇداخۇننى كۆرگەندە كۈلەر ئىدى چېھرىمىز،
ئۈمىدۋار شۇ سىماسى يۈرەكلەرنى يىغلاتتى.
ھېسامكامنىڭ كۆزى نەم،ياقۇپ،ھېبى بەزلەيدۇ،
بىر ئوغلاندىن ئايرىلدۇق، كۆزياش ھامان پەسلەيدۇ.
تېنى مېيىپ بولسىمۇ روھىي باي شۇ تۇداخۇن،
ئۇنۇتمايدۇ خەلقىمىز سېغىنىدۇ، ئەسلەيدۇ!
2012-يىل7-ئاينىڭ28-كۈنى.
بۇ چاقچاق فىلىمى:
http://www.arkaksu.com/kuldurga/play.asp?id=159
تۆۋەندىكى كەڭساي مۇنبىرىدىن تېپىلغان مەرھۇمغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار،توداشلار داۋامىنى تۇلۇقلاپ قويسا دېگەن ئۈمىدتىمەن.
تۇداخۇن پاكار كىم؟
| | |
|
خەلقىنىڭ روھىنى چۈشۈرمەي،ئىشەنچىسىنى يوقاتماي ،قايغۇ ئىچىدىن خوشاللىق تاپالايدىغان،تەمكىن كۈلگۈنچەك ،خۇشچاقچاق ،باتۇر ،ئەمگەكچان خەلىقىنىڭ كۆڭلىنى خوشال قىلايدىغان-----تۇداخۇن پاكار.
تەمسىللەردە<<يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس،ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر>>دىيىلىدۇ،باتۇرلار ئەزەلدىن مەرد،سېخىي،ھالال،لەۋزىدە تۇرىدىغان،پەسلىك،نامەرتلىك ،ھىلە-نەيرەڭدىن خالى ئاق -يىلىك،ئاق ئۇستىخان كىلىدۇ.مۇنداقلارنىڭ ناخشىسىمۇ،كۈلكىسىمۇ، يىغىسىمۇ ئوخشاشلا <<گۈلگە-گۈل>> قويغاندەك شۇنداق چىرايلىق كۆرىنىدۇ.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە ئىلىنىڭ چاقچاقچىلىق سەنئىتىگە تۇداخۇن روزى ئىسىملىك يېڭى بىر چولپان كىرىپ كەلدى.چاقچاقچىمىزنىڭ بويى بىر گەز ،ئويى مىڭ گەز كىلەتتى.كىشىلەر باشتا ئۇنىڭ يۇمۇرستتىك خۇسۇسىيىتىگە ئانچە دىققەت قىلمىدى.ئۆز ۋاقتىدا سۈرەتكە ئېلىنغان تېلېۋىزىيە بەدىئىي فىلىمى <<ئىلى مەشرىپى>> ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات -سەنئەت كىچىلىكىدە ئوينالغان<< ھەممە ئادەم باراۋەر>>،<<بالىسىنى يوقلاش>> قا ئوخشاش ئىتوت -كۈلدۈرگىلەرنى ئويناپ چىققاندا تاماشىبىنلار يەڭگىل تەسىراتلاردا بولدى.
كىيىنچە ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قابىلىيىتى كىشىلەرگە تېز يۇمۇرۇستىك ئىنكاسى بىلەن نامايەن قىلىپ ئۈلگۈردى.
ئۇنىڭ بويى 90 سانتېمىتىر ،ئېغىرلىقى تەخمىنەن 45 كىلوگىرام كىلىدۇ.
تۇداخۇن ئايالى بىلەن بىللە
تۇداخۇن ئايالى ،پەرزەنتى، دوستلىرى بىلەن بىللە
تۇداخۇننىڭ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ۋاقتى
مەنبەسى: ئۇيغار تورى |
http://bbs.uyghar.com/forum.php?mod=viewthread&tid=425&page=1&extra=#pid660 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-28 08:51 PM