katran يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 06:51 PM
مېنىڭچە تىلىنى بىلىدىغانلارنىڭ دەرىجىسى يۇقۇرى بولۇش ...
ئەمەلىيەتتە، كىيۇ كىيۇ نىڭ دەرىجىلىرىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ئۈنۈمى، ئىقتىسادى قىممىتى يوق، پەقەت مودا قوغلىشىش ئۈچۈنلا. دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇلازىمەتلىرى ئەمەلىيەتتە پۇل تېىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەسىلەن، ھەر ئايدا 10 يۈەن تۆلەپ ئەزا قىلدۇرسا كىيۇكىيۇنىڭ دەرىجىسى ئاشىدۇ، ئەمەلىي قىممىتى يوق. يېڭى ئالغان كىيۇ كىيۇ بىلەنمۇ ئوخشاشلا بىرەرسىگە ھۆججەت ئەۋەتەلەيسىز، باشقىلاردىن ئۇچۇر قۇبۇل قىلالايسىز، قانداقتۇ دەرىجىسى تۆۋەن بولسا، ئەۋەتكەن خەت- چەكلەرنىڭ چېكىت، پەشلىرى چۈشۈپ قېلىپ كېلىدىغان ئىش يوق.
ئەگەر زادى كىيۇ كىيۇنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇراتتىم دەپ چىڭ تۇرىۋالسىڭىز، ھەقسىز، ھەم ۋىروسنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىدىغان بىر دىتال بار، QQ管家 نى قاچىلاپ، QQ رىڭىزنى ئوڭ تەرەپ ئۈستىنكى بۇرجەكتىكى يەرگە تىزىملىتىپ قويسىڭىزلا، 1 كۈن چىقسىڭىز، 2 كۈن ھىسابلىنىپ ماڭىدۇ.