فوتو سۈرەت دەقىقە ئىچىدىكى كۆرۈنۈشنى خاتىرىلىۋالىدۇ. يۇقىرىقى سۈرەتتە پالۋىنىمىزنىڭ رۇسىيىلىك رەقىبىنىڭ كۆزىگە كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئۇغانلىقىنى ھەممىمىز بىلەلەيمىز.
لىكىن ئاستىدىكى بۇ سۈرەتنى مەن تۇنجى قېتىم كۆرۈپلا ئۆزۈم تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان بىر خىل ھېسسىيات يوشۇرۇنغاندەك ھېسسىي سىزىم پەيدا بولغان. پات-پات ئېچىپ قاراپ قويىمەن. رەقىبىنىڭ مۇشتۇمىنى توسۇۋالغان ۋاقىتتا يۈزىدىكى ئازراق قان، كۆزى بىر نۇقتىغا تىكىلگەن، ئاغزى ئېچىلغان بۇ ھالىتى مېنى ئويلاندۇرىدۇ، دانداقتۇر بىر نەرسىنى ئويلايمەن تاپالمايمەن. ئەلۋەتتە بۇ بىر پارچە ئاخبارات سۈرىتى، بەدىئىي سۈرەت ئەمەس، باشقا ھېسسىيات بولىشىمۇ ناتايىندۇ، بەزىدە تاسادىبى تارتىلغان ئاخبارات سۈرىتىمۇ ئادەمگە بەدىئي سۈرەتتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. مەن بىر نەرسىنى تاپالۋاتىمەن.
سىزمۇ مەمەتتۇرسۇننىڭ ئاغزىغا، كۆزىگە، قان يۇقى يۈزىگە بىرلەشتۈرۈپ قاراپ بېقىڭە، سىزدىمۇ شۇنداق سىزىم بارمۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا DILKASH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-4 07:42 PM