http://www.sina.com.cn 2012年07月30日06:59
中国青年报
تاغ ئىچىدىكى بالىلار
سىچۈەن ئۆلكىسى لىياڭشەن يىزۇ ئاپتۇنۇم ئوبلاستى گەنلو ناھيەنىئېرجۆ يېزا نىيۇۋۇ كەنىت باشلانغۇچ مەكتەپ دۆۋلەت ئىچىدىكى بىر داڭلىق شىركەت مەبلەغ ياردەم قىلىپ قۇرغان مەكتەپ بۇلۇپ، جەمئى 342نەپەر ئۇقۇغۇچى، 8 سىنىپ ۋە 5 نەپەر ئۇقۇتقۇچى بار يىزۇتىلىنى ئاساس قىلغان مەكتەپ بۇلۇپ، بۇيەردىكىلەر ئاساسەن تاغدىن سىرىتقا چىقىپ باقمىغانلار. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئارزۇقىلىپ مەكتەپكە پەقەت بىرۋاسكىتبول مەيدانى بولسىلا مۇشۇ 300نەچچە بالا خۇشال ئوينىالىسا دەيدۇ. بۇمەكتەپتىكى بالىلار رىزىنكا ئاتلاش ئۇيۇنى ئوينايدۇ، ياز كۈنلىرى ئاساسەن يالاڭئاياغ. مەكتەپتىكى بىردىن بىر تەئەلۇقات ئەسكىرىپ كەتكەن كونا گار. چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ئۇقۇتقۇچىلارمۇ، ئۇقۇغۇچىلارمۇ چۈشلۈك تاماق يىيەلمەيدۇ.
ئەڭ مۇھىمى مەكتەپكە كېلىدىغان يولدىكى 30يىللىق تارىخقائىگە پۇلات سىملىق كۆۋرۈك ئىدى، بالىلار مۇشۇ ئەگرى-بۈگرى كەتكەن ئىككى سائەتلىك تاغ يۇلىدىن كۈرە مۇشۇ پۇلات سىملىق كۆۋرۈكتىن ئۈتۈشنى تېخىمۇ ياخشى كۈرۈدۇ، چۈنكى يولدا تاش دۇمىلاپ چۈشىدۇ، پۇتقا تىكەن سانچىلىپ كىتىدۇ، تاشلارغا پۇتلۇشۇپ يىقىلىپ كېتىدۇ. ئەمما بۇكۆۋرۈكمۇ خەتەرلىك ئىدى، ئاستىدىكى سۇئىچىدە نۇرغۇن يۇشۇرۇن خاداتاشلار بار بۇلۇپ، ئۆتكەن يىلى بىرقىز ئۇقۇغۇچى پۇلات سىمدىن تېيلىپ كىتىپ، سۇغا چۈشۈپ كىتىپ ئۈلۈپ كەتكەن ئىدى. ئەمما بالىلار بولسا:" پۇلات سىملىق كۆۋرۈكتىن ئۈتۈش ئۆيدە چوشقىغا چۆپ ئورغاندىن ياخشى" دىيىشىدۇ.
سوپو مۇئەللىم بۇمەكتەپتە ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغىلى 23يىل بولغان ئىدى، 3يىل ئىلگىرى ئۇقۇش تارىخى مەسلىسى تۈپەيلى ئۇقۇتقۇچىلىقتىن قالدۇرۇلۇپ، ئىشىك باقار بولدى. ھەرقېتىم يامغۇر ياغقاندا ئۇ بالىلارنى ھاپاش قىلىپ مۇشۇ پۇلات سىملىق كۆۋرۈكتىن بىخەتەر ئۆتكۈزۈپ قۇيىدۇ، سوپو مۇئەللىم مۇشۇياشقىچە شەھەرگە بېرىپ باقمىدى، ئەمما ئۇ مۇشۇ بالىلارنىڭ بىلىم ئۈگۈنۈپ كەلگۈسىدە سىرىتقا چىقىشىنى ئارزۇقىلىدۇ، مەكتەپ مۇدىرىمۇ شەھەردىكى " تازلىق ئۈيى" دېگەن گەپنىڭ ئەسلى " خالا جاي" دېگەنلىك ئىكەنلىكىنى ئاران بىلگەن.
بۇيەردىكى بالىلارنىڭ بەھرى ئېلىۋاتقان بەخت دېگىنى پەقەت تاغ بىلەن دەريا، بالىلارنىڭ ئارزۇسىمۇ شۇنچىلىك ئاددى ئىدىكى، ئۇلار كەلگۈسىدە تاغ سىرتىغا چىقىپ كۈرۈپ باققۇسى بارئىدى.
مەنبە: شىنلاڭ تورى: ئەسلى مەنبە:
http://news.sina.com.cn/c/p/2012-07-30/065924869204.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-30 06:04 PM