باھادىر يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 11:41 PM
توغرا دەيسىز، مەنمۇ ئاڭلىماپتىكەنمەن، ھەممىلا يەردە ...
ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدا ھارۋىدا گۈلە ساتىدىغانلاردىن «قەيەرنىڭ؟»دەپ سورىسىڭىز 80پىرسەنتى ئىككىلەنمەيلا «بارىننىڭ» دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپ قىسمى ھەتتا ئۆزى دەۋاتقان «بارىن»نىڭ نەدىلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ(ھارۋىسىدىكى گۈلىمۇ ئەلۋەتتە بارىن ئۆرۈكىنىڭ ئەمەس). بۇ «بارىن ئۆرۈكى»نىڭ داڭقىنىڭ ئەڭ كىچىك كارتىنىسى.
كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ بىلمەسلىگىدىكى سەۋەپ، شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىدا نەگىلا بارسا ھېچبولمىسا نەچچە تۈپ ئۆرۈكنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ھەممىلا يەرنىڭ ئۆزىگە خاس ياخشى ئۆرۈكلىرى بار. شۇڭا سىرىتنىڭ ئۆرۈك مەھسۇلاتلىرىغا ئاساسەن ئېھتىياجى چۈشمەيدۇ. لىكىن مۇشۇ كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىۋاتقانلار، چوڭ شەھەرلەردىكى قۇرۇق مېۋە سودىگەرلىرى ۋە سىرىتتىن كېلىپ شىنجاڭ ئۆرۈكلىرىنى كۈزەتكەنلەر، تەتقىق قىلغانلار شىنجاڭدا ھەتتا دۆلەت ئىچى-سىرتىدا سۈپىتى، تەمى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى بارىن ئۆرۈكىگە يىتىدىغان ئۆرۈك يوقلۇغىنى ئېتراپ قىلىشىدۇ.