‹‹ھوشۇقتىن دىڭدىڭ يامان،ساقچىدىن مىنبىڭ يامان.››دىگەن گەپمۇ، ئەسلىدە تۇرغۇن مۆمىننىڭ گېپى ئىكەن،مەن بۇنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاپ ئىشەنمەي سورىسام، ئابدۇكېرەم ئابلىز بىلەن بولغان پارىڭىنى دەپ بەرگەن، ھەم بۇنىڭغا قوشۇپ،ئابدۇكېرەم ئابلىز غۇلجىغا بارغاندا، غۇلجا چاخچاقچىلىرى ئۇنى مات قىلىش ئۈچۈن، ئالدىغا بىر تاۋاق قېتىقنى ئەكىلىپ قويۇپ،‹‹قېتىق ئىچىپ بۇزۇلۇپ كىتەرسىلەنمۇ ئەمدى›› دىسە، ئۇ قىتىقنى قولىغا ئېلىپ ‹‹جوزىنى ئوڭشىغان چېتىق،ئوغۇل بالىنى ئوڭشىغان قىتىق››دەپلا ئېچىۋېتىپ،ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈۋېتىپتىكەن.