hiyal0097 يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 01:26 AM
بەزى ناۋايلار ئوتۇن ئورنىغا كۆمۈر ئىشلىتىدۇ ، مۇشۇندا ...
راس دەيسىز....بولسا ئوخشىتىپ دۈملەنگەن موما يېسەك ھە....!تۇزمۇ سالمايدۇ،كۆمۈرمۇ قالىمايدۇ...
ئەقلى دۈمبىسىگە ئۆتۈپ قالغان زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولغا قېرىنداشلىرىم كىم شامال چىقارسا ئەگىشىپ شاۋقۇن چىقارماي ماۋۇ مۈرىمىزنىڭ ئۈستىدىكى قاپاقنى سىلكىپ باقايلى.
سانائەت تۇزى،كۆمۈر يەنە بىر مۇنچە زىيانلىق بىر نەرسىلەرنى ئايرىپ چىقتىڭلار خوپ ...ئەگەر ئىش مۇشۇنداق بولسا بىز نېمە يەيمىز؟بولكا يەمدۇق؟موما يەمدۇق؟ياكى ماۋۇ <خ>لارنىڭ قازان نېنىنى يەمدۇق؟ مەن سىلەرگە بىز ئادەتتە يېيىشكە تولىمۇ ئامراق نەرسىلەرنىڭ قانداق <پايدىلىق>ئىكەنلىكى ئۈستىدە يەنە بىر توختىلاي گەرچە باشقىلار تولا سۆزلەپ لاۋزا بوپ كەتكەن بولسىمۇ.
1.كالا گۆشى ئۈگرىسى :ئادەتتە بۇنىڭ خېمىرىنىڭ چىڭ ،ئېلاستىكىلىق بولۇشى ئۈچۈن <پېنخۇي>دەيدىغان بىر نېمىنى سالىدىكەن.ئۇيغۇرچە نېمە دەپ ئېلىشنى بىلمىدىم.
2.بىز ئۆچرەت تۇرۇپ يەيدىغان زىقلىق يېمەكلىكلەر: بۇ نەرسىنىڭ مېيىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ بولار.پىشۇرۇلىدىغان شۇ نەرسىلەرنى نەدە كىملەر تەرىپىدىن تەييار بولىدىغىنى خۇدانىڭ ئۆزىگە ئامانەت.<تېلىۋېزور كۆرگەن بولسىڭىز بۇ نەرسىلەرنىڭ قارا ئۇۋىدا كىملەر تەرىپىدىن قانداق تەييار بولىدىغىنىنى ئوبدان بىلىسىز!
3.توخۇ پاچىقى:ھەرخىل داڭلىق يېمەك-ئىچمەك سورۇنلىرىدا ئالاھىدە قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن يېمەكلىك توخۇ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە چوڭىيدۇ.<گۆشى بىر ياندا قالسۇن>بۇنى پىشۇرغان ماي توختىماي قايناپ زەھەرگە ئايلىنىدۇ مەيلى قانچە يۇلتۇزلۇق ،قانداق مۇسۇلمانچە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر.
4. ھېلقى ئاتالمىش گۈرۈچ پروژنىسى ۋە راڭپىزا:بۇمۇ تېلىۋېزوردا كۆرسىتىلىپ بولدى،بۇ يەردە قايتا سۆزلەشنىڭ ئورنى يوق.
بۇلا ئەمەس.......يەنە نۇرغۇن.ئەمدى ئاتالمىش سانائەت تۇزى ۋەقەسىگە كەلسەك سانائەت تۇزى بىلەن يېمەكلىك تۇزىنىڭ باھا پەرقىنىڭ بەك چوڭ بولۇشى ناتايىن،سانائەت تۇزىنى ھەممە يەردىن تاپقىلى بولامدۇ؟ناۋايلار سىزنىڭچە كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ ئاتايىن سانائەت تۇزىنى ئەكىلەرمۇ؟بىز تۇز نى،ناننى ئىمان قاتارىدا مۇقەددەس بىلىمىز.ھەر قانچە بولسىمۇ ئۇيغۇر ناۋايلىرى مەنپەئەت ئۈچۈن ئېتىقادىمىزنى دەپسەندە قىلىشقا قوپماس؟ يېتەر ئەمدى گۇمانخورلۇق...ھېلى بىرسىمىز چوشقا تۈكىدىن ياسالغان چوتكا دېدۇق بۇمۇ مەيلى،بىرسىمىز ناۋاينىڭ كىيىمى تونۇر بېشى بىلەن قالدۇق ئىشقىلىپ گۇمان قىلمىغان نەرسىمىز قالمىدى...شۇ نەرسە ئېسىمىزگە كەلمىدىكى بىزدە بار شۇ ئېتىقاد،پاكىزلىق ،ئىمان شۇلاردا يوقمۇ؟بەزىبىر بۇرنى بولمىسا پوق يەيدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئىچكەن ھاراقلىرىنى،چەككەن تاماكىلىرىنى ئۇنتۇپ بۇ يەردە ساغلاملىق ھەققىدە سۆزلىمەكتە...خەير ھېلىغۇ سانائەت تۇزى ئىشلىتىدىكەن ئوغا ئىشلەتسىمۇ شۇ ناننى يېگىنىم يېگەن،يېگۈسى يوقلار پاكىزە بولكا ۋە ياكى موما يېسۇن!بىز شۇ ناننى يەپ چوڭ بولدۇق يەنە شۇ ناننى يەپ ئۆلىمىز!!!
گەپلىرىم سەل قوپال كەتتى ئېغىر ئالماسسىلەر...تېما ئىگىسىمۇ ياخشى كۆڭلى بىلەن يوللىغان تېما،لېكىن بەزىبىر ساراڭ قېتىش دەلتىلەرنىڭ گېپى سەل نېرۋامغا تېگىپ قويدى ،مەقسەتنى خاتا ئىپادىلەپ قويغان جايلار بولسا چۈشىنەرسىلەر..........!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەجەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-3 06:28 PM