tumurkala يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 03:46 PM
سىزگىزە مۇسۇلمانچە دەپ يىزىۋىلىپ باشقىچە تاماق چىقىر ...
قارىغاندا سىز خۇيزۇلارنى تازا بەك چۈشۈنۈپ كەتمەيدىكەنسىز ، قاراشەھەر ، توخسۇن ، ئۇششاقتال دىگەندەك ئۇلار قويۇق ئولتۇراشقان رايونلاردا تۇرۇپ باقسىڭىز بىلىسىز ....
سىز ئاشخانىدىن بىرنى ئېچىپ ، ( خۇيزۇچە تائاملار ،خۇيزۇچە ئاشخانا )دەپ لوزۇنكا ئېسىپ بېقىڭ .....شۇندا ئۇلار سىزنى قانداق ئىزدەيدىكىن بىلىسىز ...
ئۇنداق قىلسا نىم بوپتۇ ، مۇسۇلمانچە ئاشخانا يەي دەپ كىتىپسىز ، نىمىشقا خۇيزۇچە ئاشخانا دىمەي ئۇيغۇرچە دەپ يازىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟؟؟ خەنزۇچە خېتىدە (خۇيزۇ ئاشخانىسى)،ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە (ئۇيغۇر ئاشخانىسى ) ئىكەن ، بۇ نىمىشقىدۇ ھە ؟؟؟ تەرجىمە قىلشنى بىلمەيدىغانلار ئوخشايدۇ ھە ......؟؟؟؟؟