مەنپەئەت
( ساتىرا )
ئىنساۋىنى ئاچكۆزنىڭ خالاس قىلغان مەنپەئەت،
مۈشۈك بىلەن چاشقاننى" ئاداش "قىلغان مەنپەئەت،
ھەتتا ۋەھشى يولۋاسنى"يوۋاش"قىلغان مەنپەئەت،
تويمىغۇرنىڭ نەپسىنى ساناچ قىلغان مەنپەئەت،
تاماخورنى دۈمبىگە ھاپاچ قىلغان مەنپەئەت.
سىنى كۆزلەپ تالىشىپ يېقىنلارمۇ ياتلىشار،
قەدىناسلار سىنى دەپ بىر بىرىنى تاشلىشار،
سىنىڭ ئۈچۈن سەتلىشىپ بەزى بىرلەر مۇشتلىشار،
سىنى كۆرگەن نومۇسسىز رودوپايدەك چاپلىشار،
ھەركىم سىنى ئالماققا ئىلاج قىلغان مەنپەئەت.
كۆرۈنەرسەن پاقىراق خۇددى تەييار ئولجىدەك،
چاپلىشىدۇ ئاچكۆزلەر ساڭا مەھكەم سالجىدەك،
سىنىڭ ئۈچۈن بەزىلەر بولۇر پەسكەش قۇل-دېدەك،
ئۇلار ئۈچۈن ئالدىڭدا ۋىجدان دىگەن نە كېرەك،
مەن-مەن دىگەن نوچىنى خاراپ قىلغان مەنپەئەت.
ئىرادىنى-مەۋقەنى شەيتان بولۇپ ئازدۇرۇپ،
ئازغانلارنىڭ ئۈزىگە ئۆز گۆرىنى قازدۇرۇپ،
كەلتۈرۈدۇ ئىندەككە ۋىجدانىدىن تەزدۈرۈپ،
پۇشايماننىڭ دەردىنى ئۆمۈر بۇيى تاتقۇزۇپ،
ھەر كىملەرنى كۆپ تالان-تاراج قىلغان مەنپەئەت.
قىزىقتۇرۇپ ئۈزىگە ھەردەم نەپسى ياماننى،
تاماخورنى يېتىلەر گۈل كۆرسۈتۈپ غازاڭنى،
تونۇتمايدۇ گاھىدا ھەتتا ئاتا-ئاناڭنى،
تەكرار ئېچىپ_ تاقىتىپ رەستىلەردە دۇكاننى،
ساقنى پايدا كويىدا ساراڭ قىلغان مەنپەئەت.
نەچچە تاڭنى ئىشقىڭدا كىرپىك قاقماي ئاتقۇزۇپ،
ئۆز دوستىنى دۈشمەنگە نەرقى ئەرزان ساتقۇزۇپ،
مۆتىھەمگە كۈچ بىرىپ ئاجىزدىن ياش ئاققۇزۇپ،
چاڭگال سېلىپ رىزقىغا دەردۇ -غەمگە پاتقۇزۇپ،
بىچارىگە بىر ئۆمۈر ئۇۋال قىلغان مەنپەئەت.
توغرا ئىشنى تولغايسەن بىر ئاماللاپ خاتاغا،
كۆرەڭلەيسەن-تاشلايسەن پىرىنسىپنى پەگاغا،
ياگىپىمىز ئۆتمەيدۇ يۈگۈرسەكمۇ دەۋاغا،
ھوقۇق بىرىپ گاھىدا ساۋاتسىزغا-كالۋاغا،
گېزى كەلسە موزدوزنى"ۋىراچ"قىلغان مەنپەئەت.
*********
مەنبە: ئۆزقەلىمىم (ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي)