تارىختىن بۇيان دەججاللار ھەر بىر زامان يۇقىرى زاماندىن تۆۋەنگە ، تۆۋەنكى زاماندىن يۇقىرىغا ئالمىشىپ ، تىگىشلىك زامان ئىگىلرى ئاشكارا مەۋقەلەر بىلەن چىققان ۋاقىتلاردا ، ئۇلار بىر تەرەپلىمىلىك << بىر كۆزلۈك >> قاراشلىرى ئىسيان قىلىش ئىچىدە بارلىققا كەلگەن . ھېچقاچان كۆپىنچە كىشىلەر كۈتىشىۋاتقان غايەت زور بىر مەخلۇقنىڭ كەلگەنلىكى ۋە ياكى كېلىدىغانلىقى ئەقىلدىن يىراقتۇر . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەججال توغرىسىدا توختۇلۇپ : << تەمىم خەلقى ئۈممەتلىرىم ئىچىدە دەججالغا ئەڭ قاتتىق جازا بېرىدىغانلاردۇر >> دېگەن . ۋە دەججال ئۈستىدە نۇرغۇنلىغان بايانلارنى بېرىپ << مەن ئۇنى خۇددى ئابدۇلئۇززانىڭ ئوغلى قەتادەگە ئوخشتىمەن . ئۇ چېچى قۇيۇق ، بۈدۈر چاچلىق بىر يىگىتتۇر >> دەپ تەرىپلىگەن . ھەم يەنە << سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىر كۆزلۈك ئەمەس >> دېگەن . ئۇنداقتا بىر كۆزلۈك غايەت زور بىر مەخلۇق ئاشكارا ھالدا << مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار >> دەپ كېلىدىغان بولسا ۋە رۇسۇللاھ << سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىر كۆزلۈك ئەمەس >> دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسا ، بۇنىڭدىن يەنە << تەخىر قىلىڭلە ، چوقۇم ئۇنىڭدىن كىيىن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئىككى كۆزلۈك ۋە ياكى بىر قانچە كۆپ كۆزلۈك ھالدا مەيدانغا چىقىدۇ ، زېمىنغا چۈشىدۇ ، سىلەر شۇنىڭدەك غايەت زور مەخلۇقنى كۆرگەندەك ، ئاللاھىڭلارنىمۇ ھايات تۇرۇپلا كۆرەلەيسىلەر >> دېگەنلىك چىقىدۇ . ئەمما بۇ ئەسلا ئەقىلدىن ۋە ھەقىقەتتىن يىراق ئەھۋاللاردۇر .
رۇسۇللاھ يەنە دەججال توغرىسىدا توختۇلۇپ : << دەججال مېنىڭ ئۈممىتىم ئارىسىدا پەيدا بولىدۇ . ئۇ ئوڭدىمۇ ، سولدىمۇ بارغانلىكى يېرىدە پىتنە تارقىتىدۇ >> دېگەن . بۇلاردىن دەججالنىڭ بىر قولىغان جەننەتنى ، بىر قولىغا دوزاقنى كۆتۈرۈپ كېلىدىغان غايەت زور بىر مەخلۇقنىڭ كېلىدىغانلىقى چىقمايدۇ . بەلكى ئۇنىڭ دىنى ۋە قۇرئان - ھەدىستە تېخى يىتىلمىگەن بىر سىنىڭ ياكى شۇنىڭدەك موللا - ئالىملارنىڭ جاھاننى قاپلايدىغانلىقى ، ئىش شۇ ئىشنىڭ ئەھلىگە بېرىلمىگەنكى ، كىملەر شۇلارغا ئەگەشسە ئاخىرەتنى دۇنيالىققا ساتقان بولۇپ ، دۇنيالىقنى تىلىگەن بولىدۇ . شۇنداق ئىكەن ، قارىماققا ھەر بىر ئەمەللەردە ئوخشاش كىشىلەر ، ئەمما بەزىسى دۇنيالىقنى تىلىگەن بولۇپ ، ئۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ھاياتىلىقتىكى نەپسىگە بېرىلىش بىلەن بۈگۈنكى بەخىتنى ئاخىرەتلىكتىن يۇقىرى ئورۇندا كۆرۈپ ، شەھۋەتكە ئەگىشىش بىلەن ئاخىرەتلىككە قارىتا ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى مۇشۇ دۇنيانىڭ مەنپەتىگە سۇندۇرۇپ خەجلىگەنلىكى چىقىدۇ . ئاللاھ بۇ توغرىسىدا كىملەرنىڭ دۇنيالىقنى تىلەيدىكەن ، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى مۇشۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىدىغانلىقىنى ، بىرىشتە ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمايدىغانلىقىنى ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتىن ھېچ نېسىۋىسى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان . رۇسۇللاھ ئېيتقاندەك ، ئاللاھ دىننى پاسىق ئادەم بىلەنمۇ كۈچەيتىدۇ . ئەمما ئۇلار دۇنيالىقنى تىلىگەن ئىكەن ، چوقۇم مۇشۇ دۇنيادىلا ئىشلىگەن نېسىۋىسىنى تولۇق كۆرىدۇ . شۇنداق ئىكەن ، ئىلگىرى ياخشى ئەمەل ئۈستىدە بولغان ، كىيىن دىندا ئالدامچىلارنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ كەتكەنلەر ... ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان بولسىمۇ كىيىن ئىمانىدىن يېنىۋېلىپ كاپىر بولغان ، ئىلگىركى ھالىتىدە ياخشى ئەمەللەرنى قانچىلىك ئىشلىگەن بولسا ئۇنىڭ نېسىۋىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن توغرىلانغان بىر ۋاقىتتا ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ زېمىنىدىن خالىغان رەۋىشتە << فۇرات دەريا >> لىرىنى چىقىرىش بىلەن ئىلگىركى ۋە كىيىنكى ياخشى ئەمەللىرىنىڭ نېسىۋىسىگە يېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ . ئۇ ۋاقىتتا ئاخىرەتلىكىنى دۇنيالىقىغا ساتقانلارنىڭ ھەدىستە ئېيتىلغاندەك ئەتىگەن ئوتلىغىلى كەتكەن كالىلىرى كەچتە سەمىرىپ ، يىلىنلىرى سۈتكە تولغان ھاللاردا قايتىپ كېلىشىدۇ . نېمەت شۇ قەدەر ئاشكارا ۋە جىددى ھالەتتە بېرىلىدۇ . مانا بۇ دەل شۇنىڭدەك دىنىي چۈشەنچىسى يۈزەكى بولغان چېچى قۇييۇق يىگىتلەرگە ئەگەشكەنلىكنىڭ كاساپىتى . ئىسلامنىڭ بىر نەتىجىسى نوشاڭ ئەقىل - تەپەككۇردىن چىقمايدۇ . ئىسلامدىن نەتىجە بەرگەن كىشىنىڭ تەپەككۇر قىلىش جەريانىدا چېچىنىڭ ئالدى تەرىپى چۈشۈپ پېشانىسى كېڭىيىپ كەتكەي . ھەقىقىي ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئۇلار ئەسلى سەۋىرلىك كىشىلەر بولۇپ ، ئاچچىقتىن كۆزلىرى پولتىيىپ چىقىپ كەتمىگەي . ئالدامچىلار قارشى مۇنازىرىگە قىستاپ ئەسلا ئۆز زامانىغا خاس بولمىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختۇلۇپ ، تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا قىستاپ قويۇشتەك ئەھۋال ئاستىدىمۇ ھەقنى بىر - بىرلىرىگە تەۋسىيە قىلىشقاي ، زالىملارنىڭ تاجاۋۇزلاشقان مەۋقەسىگە ۋاقىتلىق بەرداشلىق بېرىش بىلەن ئۇنىڭدىن كىيىن ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياغىدىغانلىقىدەك ۋەدىسىنى ھەمدە بۇ خىل ئالدى بىلەن پىتنە ، ئارقىدىن ھەق باتىلنى ئېتىپ كەلگەنكى ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس يولىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويمىغاي . مۆئمىنلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىمانىغا ئىشەنگەن ئىكەن ، تاكى ئاللاھ چىقىش يولى بەرگۈچە سەۋىر قىلغاي . مانا بۇ قاتتىق دىن ۋە ئىمان جەھەتلەردە ئىنتايىن قاتتىق سىلكىش بولۇپ ، بۇ قايتا - قايتا سىلكىشلەر بىلەن توغرا دىندىن ئىبارەت << مەككە - مەدىنە >> ئىچىدىكى مۆئمىنلەرنىڭ ئارىسىدىن مۇناپىقلارنى ئايرىپ چىقارغاي !!! ئاللاھ ئىرادە قىلغان ھىدايەتكارنىڭ تەقۋادارلىق قىلىش ، ئاللاھنىڭ يىتەكلىشى ئاستىدا كىبرى ، ھەسىتى ياكى مەنمەنچىلىك قىلغۇدەك ماجالى قالمىغاي . پەقەت شەپقەتنىڭ ئىگىلىرى بولغاي . ئەمما ئۇلارغا قارشى كۈچلەرنىڭ ھامان ئىپلاسلىقى ، ئاجىزلارغا رەھىمسىزلىكى ، نادانلارنىڭ ئەسلى شەكلىنى ئۆزگرتكۈچى زالىملىقى بىلەن ، زامانغا قارشى ئىسيان قىلىشتەك كاپىرلىقى ئەمەللىرىدىن ، گەپ - سۆزلىرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرغاي . دەججالنىڭ ئەنە شۇنىڭدەك سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلى ھەركىتى بولغان << پېشانىسىدە >> << كاپىر >> دەپ يېزىقلىق بولغاي .
زاماننىڭ ئىگىسى ئاللاھدۇركى ، كىملەركى زامانغا قارشى ئىسيانكارلىق قىلىپ ئۆز قورغانىغا باشقىلارنى تەكلىپ قىلىپ ، ئۆزى بەزى دۇنيالىقنى تىلىگەن كىشىلىرىنىڭ يامان ئەمەللىرىنىلا كۆرۈپ ھەممىنى بىر تاياقتا ئۇرۇپ << يامان >> دەپ قارىغانلارغا ئىسيانكار بولۇپ ئەسلى زاماننىڭ ئاللاھ خالىغان رەۋىشتە ئىش ئىگىلىرىگە قارشى پىتنە قىلىدىكەن ، مانا بۇ كاتتا كاپىرلىقتۇر . زامانغا قارشى ئىسيانكار قىلىش ۋە زامانغا قارشى يول تۇتۇش ھەمدە ئۆزىنىڭ پىتنىسىگە ئادەم توپلاش بولسا ئىككىنچى بىر تېخى ۋاقتى كەلمىگەن ياكى ۋاقتى ئۆتكەن زامانلىق يولنى تۇتقا قىلغانلىق بولۇپ ، بۇلار دەل خۇدالىق دەۋاسى قىلغانلاردۇر . شۇ ۋەجىدىن كېسىپلا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى ، دەججال زامانغا قارشى ئىسيان قىلغۇچىلاردۇر . ئەگەر كىملەركى ھېلىقى ئەپسانىۋى مەخلۇق بولغان دەجالنى ساقلايدىكەن ، چوقۇمكى ئاسماندىن چۈشىدىغان يەھۇدىي بولغان ئىسا پەيغەمبەرنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ . ئەمما قۇرئاندا بۇ ئىككىسىنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرالىغۇدەك ئورنى يوقتۇر .
ئەيسا ئەلەيھىسالام ۋە دەججال،«ئىبراھىم»«مەريەم»لەر توغىرىسدا چۈشەنچىگە ئىگە بۇلاي دىسىىڭىز مەرھەمەت
http://www.uighurislam.net/thread-3161-1-1.html