زىمىن ئۆزىنىڭ قەھىرلىك يىغىسىنى يىغلاۋاتقان ئەشۇ دەقىقلەردە،ئاسمان ۋۇجۇدىدىن ئۆرتىنىپ ،بۇلۇتلىنىپ،زىمىننىڭ قايغۇسىغا ھەمدەم بولۇۋېتىپتۇ.بۇقۇلداپ يىغلىغان يىغىسىدىن دىللىرى ئېچىشىپ،قەھىرلىك چاقماقلىرىنى چاقتۇرۇپ،زىمىننى يىغلاتقان ھاياتلىقلارغا سەگىپ ياشاشنى تىلەۋېتىپتۇ.بۇمۇ كار قىلمىغان چېغى، دەھشەتلىك تىترەپ زىمىننىڭ باغرىدا تەپتارتمايۋاتقان نىجىس ھاياتلىقنى، قاراشقىمۇ رايسىز، ئۆز ئىسكەنجىدە جازالاۋېتىپتۇ. قارىغىنە قېرىندىشىم، يارىتىلغان تەبىئەتتە بىر بۈيۈك ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ سىماسى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ھىسلىرىڭنى ئالدىما-!
سەن، ھامان قايتقۇچىسەن!