tewelgha يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 05:47 PM
يوقۇرى قەۋەتلەردىكى ئىنكاسلارنى ئوقۇپراق بىر نېمە دە ...
ئوقۇدۇم. ئوقۇغاندىمۇ بىرنى قويماي ئوقۇدۇم. بۇ تېمىغا كۆپ بولسا 100 ئادەم ئىنكاس قايتۇرغاندۇ. لېكىن ئۇيغۇرلانىڭ نوپۇسى 10 مېلىيوندىن ئاشىدۇ.
«ئاسان ھاياجانلىنىش ياخشى ئادەت ئەمەس» بۇ گېپىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىنكاسىغا بىر تەدبىقلاپ بېقىڭ.
دېمسىمۇ بىر مللەتنى چىشلاپ تارتىشقا نېمە ھوقۇقىڭىز بار.
ئەگەر شۇنداق بولسا نېمىشقا ئاۋال ئۆزىڭىزنى تۈزەتمەيسىز. ئۇنداق ساختا مللەتپەرۋەرلىك ئەمدى ئەسقاتمايدۇ. ئاۋال ئىنكاسىڭىزنى يەنە بىر ئوقۇپ بېقىڭ. ئەگەر سىزمۇ ئۇيغۇر بولسىڭىز ئاۋال ئۆزىڭىزدىكى ئاشۇ ئىللەتنى تۈزىتىپ، ئاندىن مىللەتنى ئەمەس ئەتراپىڭىزدىكى 10 ئادەمنى توغرا يولغا يېتەكلەڭ. مانا مۇشۇنداق ئەمەلىي ئىش قىلسىڭىز، ئۇنداق قۇرۇق شۇئارىڭىزدىن مىڭ ھەسسە ياخشى.
سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئۇيغۇر دېگەن بىرەر ئادەمما؟ ياكى بىر نەچچە ئادەممۇ؟ يەنە كېلىپ چوقۇم بىر قىسىم ناچار ئادەدتتىكى ئادەملەرمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ھەم سىزمۇ ئۇيغۇر بولسىڭىز سىزدىمۇ شۇنداق ناچار ئادەت بارمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا نىمىشقا ئاۋال ئۆزىڭىزنى تۈزەتمەيسىز؟ ئەگەر سىزدە ئۇنداق ئادەت بولمىسا سىز ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئۇيغۇر ئەمەس بولسىڭىز سىز مەخسۇس ئۇيغۇرغا باھار بېرىش ئۈچۈن كەلگۈنمۇ؟
بىرەر مىللەتكە پەقەت بىر قىسىم ئىللەتلىك ئادەملەرلا ۋەكىللىك قىلامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئىلغار پىكىلىك، بىلىملىك، ئەخلاقلىق، مىللىتىنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن كۆيۈپ- پىشىۋاتقانلار، كۆپ ساندىكى ياخشى ئادملەر نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ ئەگەر ئاشۇ بىرقىسىم ئادەملەر مىللەتكە ۋەكىل بولىدىغان ئىش بولسا ھەممىمىز ۋەكىل بولۇپ ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونىتىۋەتمەيلىمۇ؟
يەنە پالچىلىقنىڭ گېپىنى قىلىپ قاپسىز. مەن بىر ئادەمنى پەرەز قىلغان بىلەن سىز 10 مېلىيۇندىن كۆپ ئادەمنىڭ قانداقلىقىغا ھۆكۈم قىپسىز. سىزنىڭ ۋايىغا يەتكەن پالچىلىق ھۈنىرىڭىزنىڭ ئالدىدا مېنىڭ يوقلا بىر ئىشكەن. ئەۋلىيالارنىڭ ئالدىدا ئاتاكاچىلىق قىلىپ قويغان ئوخشايمەن.
ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە! كىمنىڭ سۆزى ھاياجان بىلەن چىققانلىقىنى ئۇ سۆزىنىڭ قارىتىلغان دائىرىسى، بېرىدىغان نەتىجىسىگە قاراپ ياخشىراق ئايرىپ باقارسىز.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم مەن بىر ئۇيغۇر توپىنى تەشكىل قىلغۇچى توپنىڭ ئىچىدىكى بىرى. شۇڭا ئۇيغۇر نامى بىلەن ئېلىنغان سۆزىڭىز ئوخشاشلا ماڭا قارىتىلغان سۆز بولىدۇ.
ئاۋا پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا ئۆزگىگە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yoltap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-4 09:03 PM