مېنىڭ ئانا مەكتىپىم!!! تولۇقسىزدىكى ۋاقتىمدا ئىككى-ئۈچ ھەپتىدە بىرەر قېتىم بېرىپ قوياتتىم،تولۇققا چىققاندىن كىيىن بېرىپ بولالمىدىم،ھازىر تېخى مەكتىپىمىزنىڭ بوشاپ قالغان ۋاقتى،بىز ئوقۇغان ۋاقىتلاردا يۈسۈپ ھاجى ئاكىمىز بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مۇئەللىمىدەكلا بولۇپ قالغان،كۈندە دېگۈدەك بار ئىدى مەكتەپتە!ۋاي يۈسۈپ ساقال كەپتۇ دېسە، بالىلار توپلىرىنى قولتۇقلىشىپ چىقىپ كېتىشەتتى،قىزلار پۇتبۇل كوماندىسىمۇ بار ئىدى مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان!توپ قىزغىنلىقى بىزنىڭ قېنىمىزدا بار ئىكەن!
بۇرۇنقى مەكتەپ مۇدىرىمىز ئوسمان مۇئەللىم، يارمەمەت مۇئەللىملەر مۇشۇ دەرىجىگە كەلتۈرگەن بۇ مەكتەپنى!سەندىن پەخىرلىنىمەن سۆيۈملۈك مەكتىپىم!!!