|
|
|
|
3-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك يامغۇر ياغىدۇ. بۇ قېتىم يامغۇر يېغىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزاق، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى كەڭ، قارا يامغۇر، كەلكۈن، لاي - لاتقا ئېقىنى، تاغ گۆمۈرلۈپ چۈشۈش قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى بىر قەدەر زور بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مېتېرولوگىيە ئىستانسىسى جايلارنى كەلكۈن ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتتى.
مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاۋغۇست كېچىدىن باشلاپ 7-ئاۋغۇست كېچىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا غەرپتىن شەرققە 2 مىللىمېتىردىن 12 مىللىمېتىرغىچە سىم-سىم ۋە ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەريا ۋادىسى، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونى ۋە ئىككى تەرىپى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربى قىسمى، بايىنغولىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قۇمۇل قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 12 مىللىمېتىردىن 30 مىللىمېتىرغىچە كۈچلۈك ۋە قارا يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا 50 مىللىمېتىردىن ئاشىدىغان پەۋقۇلئاددە قارا يامغۇر ياغىدىكەن، يۇقىرىدىكى قىسمەن جايلاردا تۆت بالدىن بەش بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى توققۇز بال ئەتراپىغا يېتىدىكەن.
3-ئاۋغۇست كېچىدىن 4-ئاۋغۇست كېچىگىچە، 30-ئىيۇل يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلار ئوتتۇرىھال ۋە قارا يامغۇر ياغىدىدىكەن، قىسمەن جايلاردا پەۋقۇلئاددە قارا يامغۇر ياغىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە بەش- ئالتە بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن.
3-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىندىن 4-ئاۋغۇستقىچە، ئۈرۈمچىدە غەرپتىن شەرققىچە كۆرۈنەرلىك ھۆل-يېغىن بولۇپ، تېمپپراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى، يۇقىرىقى تاغ، داۋانچىڭ تاغلىق رايونى، مىچۈەن-كۆكتاغ تاغلىق رايونلىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن كېلىشنىڭ ئېھتىماللىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر رايونىدىكى ئاسان سۇ يىغىلىپ قالىدىغان رايونلاردا سۇ يىغىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىندىن 5-ئاۋغۇستقىچە، ئۈرۈمچى شەھەر رايونى، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا قارا يامغۇر (10 مىللىمېتىردىن 20 مىللىلىتىرغىچە)،جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى، يۇقىرىقى تاغ، مىچۈەن-كۆكتاغ تاغلىق رايونى ۋە داۋانچىڭ تاغلىق رايونىدا قارا يامغۇر ۋە پەۋقولئاددە قارا يامغۇر (18 مىللىمېتىردىن 30 مىللىمېتىر) ياغىدىكەن ھەم تۆت بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، داۋانچىڭ رايونىدا ئوتتۇراھال يامغۇر (6مىللىمېتىردىن 15 مىللىمېتىرغىچە) ياغىدىكەن، بەش بالدىن ئالتە بالغىچە شەرق شامىلى چىقىدىكەن. يۇقىرىدا ئېيتىلغان رايونلاردا 4-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىندىن تۈن كېچىگىچە قىسقا ۋاقىت چاقماق چاقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا كۈچلۈك ھۆل-يېغىن كۆرۈلۈش قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.
بۇ قېتىمقى ھۆل-يېغىن تاشيول، تۆمۈر يول، خەلق ئاۋىئاتسىيەسى قاتارلىق قاتناش-تىرانسپورت ئىشلىرىغا خېلى زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، مېتېرولوگىيە مۇتەخەسىسلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتتى.
مەنبە:http://www.nur.cn/news/2012/08/77517.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Abdusalam508 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-2 08:51 PM
|
|
|
|
|
|