qog يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 11:46 AM
ۋاي خۇدايىم بۇ ئوردۇلارنى كۆرسەم بەكلا ئاچچىغىم كىلىد ...
ئىچكىرىدە سودا قىلىدىغان ئەرەب ھەم پاكىستانلىقلارنى دېمەيسىز. قارىماققا شۇنچىلىك ئەدەبلىك، ئىمانلىق. سىزنى كۆرسە بىر چىرايلىق«ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!» دەپ سالام قىلىدۇ كۈلۈمسىرېرەپ. ساددىلىرىمىز «ۋاي بىر مۇسۇلماننى كۆردۇق...» دەپ چالا ئېنىگىلىز تىلىمىز بىلەن سالاملىشىمىز. بۇنى كۆرگەن زېرەكلەر:«ئىشىڭىزنى قىلىپ، ئالدىڭىزغا قاراپ مېڭىڭ. سالاملىشىپ، تونۇشۇپ ئوبدان ئۆتۈپ قالماڭ ئەمدى...» دەپ تەنە قىلىپ ، ئادەمنى سىلكىپ، قولىدىن تارتىپ ئېلىپ كېتىدۇ. باشتا گېپىنى چۈشەنمەپتىمەن، كېيىن ھەتتا خەن سەتەڭلىرىنى قولتۇقلاپ، قۇچاقلاپ ماڭغان ئەرەب،پاكىستانلىقلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ شۇ زېرەككە تەشەككۈر دېدىم. مانا جاھان شۇنداق بولۇپ كېتىپتۇ، بۇ ئەخلاقسىزلىشىش، ئېتقادنىڭ سۇسلىشىشى دېگەن يالغۇز بىزگىلا ئەمەس، ھەممە مۇسۇلمان مىللەتلىرىگە ئورتاق بولۇپ قاپتۇ ئەمەسمۇ؟