مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

ئەردەشىر ۋە گۇلنار ھەققىدە قىسسە(‹‹شاھنامە›› 9-بۆلۈم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 08:28:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر دۈشمىنىڭ ئۇرۇش قىلىشتىن ۋازكېچىپ سۈلھ قىلىمىز  دەپ يالۋۇرسا رايىغا باق.ھەرگىزمۇ ئۇرۇش قىلىشقا زورلىما.ئەگەر بويسۇنمىسا ئاندىن ئاياپ ئولتۇرمىساڭمۇ بولىدۇ.شۇنداق قاتتىق زەربە بەرگىنكى، نامىڭنى ئاڭلىسىمۇ تىتىرىشىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتسۇن.ئەگەر تىلىدا سۈلھى قىلىشنىڭ گېپى بولۇپ دىلىدا سۈيىقەست قىلىشتىن ئەسەرمۇ بولمىسە، ئۇنىڭدىن قىساس ئالىمەن دەپ يۈرمەي باج ئۈندۈرىۋالساڭ بولىدۇ.
باج پاراۋانلىق ۋە يۈكسەك ئابرۇينىڭ ئاساسىدۇر.دانىشمەن شاھلاردىن بولۇش مەقسىدىگە مۇيەسسەر بولاي دېسەڭ بىلىمنى دوست تۇتۇپ بىلىمدىن كۆڭلۈڭنى مۇنەۋۋەر ئەيلە.دانالق ساڭا يۈكسەك نام ئاتا قىلسا ،خەير- ساخاۋەت ئىشلىرى ھۆرمەت- ئېھتىرامغا نائىل قىلىدۇ.سەن مەن قالدۇرغان تاجۇ-تەختنى جېنىڭ بىلەن قوغدا.بۇ ئۈزۈلمەس ئەنئەنە بولسۇنكى،سەنمۇ كەلگۈسىدە شۇنداق قىلىشنى ئوغلۇڭغا مۇقەددەس ۋەسىيەت قىلىپ قالدۇرغىن.مەن ئاتىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ بولدۇم.ھىچكىمگە ئازار بېرىشنى راۋا كۆرمۈدۈم.سەنمۇ ئاتا پەندىنى تۇتماقنى  ئۆزۈڭگە مۇقەددەس يول دەپ بىلىپ قولۇڭدىن كېلىشىچە ياخشلىق قىل.يامانلىققا قول سوزما.
بەش يۈز يىلغىچە زامان شۇ تەقلىدتە ئۆتىدۇ.بۇ دەۋراندا شاھلىقىمىز پايانىنى تاپىدۇ.بۇ مەزگىلدە  پەرزەنتىڭ يەنى پەيۋەندىڭدىن بولغان پەيۋەندىڭ  ساڭا بويسۇنماي بويۇنتاۋلىق قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن تەدبىر ۋە دانىشمەنلىكلەر كار قىلماي بىر تەرەپتە قالۇر.بۇلار دانىشمەنلەرنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى پال،تەسەۋۋر ۋە تونۇشلىرى ھەققىدىكى پەندلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن دانا قىياس.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 08:29:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەزگىلدە كىشىلەر ئەھدۇ -ۋاپاغا پەرۋا قىلماي داۋاسىز جەۋرى-جاپاغا يۈز تۇتار.ئۇلار كەڭ جاھاننى تار قىلىدۇ.خۇداگۇي ئىنسانلارنى خارلايدۇ.گەدىنىگە ياۋۇزلۇق يۈكىنى ئارتىپ شۇم ئەھرەمەنگە ساداقەتمەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.بۇ زامانغا كەلگەندە ئۇلار بىز تۇتقان يولنىڭ ئەينىنى بۇزۇپ تەتۈر يول تۇتىدۇ.بىز ئەزىز بىلگەن دىننىمۇ دەسسەپ – يەنچىپ خار قىلىدۇ.شۇ چاغ كەلگەندە مېنىڭ بۇ پەندىمنىڭ قەدرى ئۆتۈلىدۇ.پۈتكۈل مال-مۈلكۈم ۋەيران بولىدۇ.شۇنداق يامان كۈنلەرنىڭ كەلمەسلىكى ئۈچۈن قۇدرىتى بىلەن پۈتكۈل جاھاننى ياراتقان،جىمىكى ئاشكارا ۋە پىنھان ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇدىغان ئۇلۇغ تەڭرىدىن پاناھلىق ئىزدەيمەن.ئۇ ھەردائىم سەندىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغاي.ياخشىلىق يوللىرىدا ساڭا مەدەتكار بولغاي.قايسى پەرزەند  ئەقىل ۋە ئادالەتنى پەيۋەند قىلسا ئۇ تەڭرى ئېگەمگە يېقىن بولۇر.مېنىڭ ئەھدىمگە نۇقسانلار يەتكۈزمەس.ھىچقاچان تائامىمغا زەھەر سالماس،ھىچبىر رەسمىلىرىمنىمۇ بۇزماس.مەن پادىشاھلىق تاجىنى كەيگەندىن بۇيان قىرىق ئىككى يىل ئىككى ئاي ۋاقىت ئۆتۈپتۇ.بۇ جەرياندا قىلغان ئىشلىرىم،قەدەم ئىزلىرىمنى ياد قىلسام ھاۋاسى ئەتىردەك خۇشبۇي پۇرايدىغان جەننەت كەبى گۈزەل باغلىرى بار ئالتە چوڭ شەھەر قۇرۇپتىمەن.ئۇلارنىڭ بىرىنى ‹‹ئەردەشىر سەفاسى›› دەپ ئاتىدىم.ئۇنىڭ سۇلىرى سۈتتەك شېرىن،باغلىرى پۈتۈنلەي ئىپار -ئەنبەر پۇرايدۇ.يەنە بىر شەھەرنىڭ نامى‹‹رامەردەشىر››،ئۇنىڭدىن پارس تەرەپكە ساياھەت قىلىپ بارغىلى بولىدۇ.ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمى ‹‹ھۇرمۇزد ئەردەشر››.بۇ شەھەرنىڭ ھاۋاسى ساپ،سۇلىرى ئابىھاياتتەك شىپالىقكى، ھەر بىر خۇش بۇي پەسلى قېرىنى ياشارتىدۇ.تۆتىنچىسىنىڭ نامى‹‹ھەۋزەئى ئەردەشىر››بۇ سۇغا باي،تامامى يېرى باغ-گۈلشەن بىلەن قاپلانغان ئاۋات شەھەر. بەشىنچىسىنى ‹‹مەيساند››،ئالتىنچىسىنى بولسا ‹‹فۇرات›› دەپ ئاتايدۇ.بۇلاردا زىلال چەشمىلەر كۆپ.چارۋىلىرى ھەددى-ھېساپسىزلىقتا ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى ئەسلىتىدۇ.بۇ شەھەرلەرنى پادىشاھ ئەردەشىر بىنا قىلغان دەپ تا دەۋرى قىيامەتكىچە ياخشى نامىم ساقلىنىپ قالىدۇ.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 08:30:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ قىلغان بۇ سۆزلىرىمنى ئەستە مەھكەم تۇت.بۇ پەندلەردە كۆپ قىرلىق مەنا بار.مەن بۇ دۇنيادا ياشاپ بولدۇم.ئەمدى زاۋاللىق تامان يولغا چىقىمەن.ماڭا تاۋۇت تەييارلاپ بەرگىن -دە تەختنى قولۇڭغا ئال.مەن بۇ جاھاندا بەزىدە ئاشكارا،بەزىدە پىنھان بولۇپ كۆپتىن –كۆپ دەرت چەكتىم.سەن ئۈمىدىمنى يەردە قويماي ئادالەت ۋە ئىنساپتىن روھىمنى شاد قىل.خۇش بەخت دەۋران سۈرۈپ تەختنى ئاۋات قىل.
شاھ ئەردەشىر شاپۇرغا قىلغان پەندلىرىنى تاماملىدى.پەلەكنىڭ ئىمكانى ئەنە شۇ.تا ئەزەلدىن تاجۇ-تەختتە مەڭگۈ ئولتۇرغان بىرەرسى ئۆتكەن ئەمەس.بارلىق جاھاندارلارنىڭ ئاقىۋىتى ئەنە شۇ.بۇ تېپىشماقنىڭ سىرىنى يېشىمەن دېگۈچىلەر كۆپ مالال بولۇپ قالىدۇ.سەردار ئەمەسلەر بەختلىكتۇر.چۈنكى ئۇلار تەختتىن مەھرۇم قېلىشنىڭ تەشۋىشىنى يېمەيدۇ.ئەي ئىنسان پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن بېرىلىپ،جان كۆيدۈرۈپ  دۇنيا يىغارسەن.ئەمما ئۇلاردىن ساڭا بىر قېتىممۇ ۋاپا يەتمەس.ھەممىمىز ئاقىۋەت يەرگە باراۋەر بولۇمىز.قاپقارا چېدىر يۈزىمىزنى توسىدۇ.قېنى كەل،جېنىمىزنى ياخشىلىققا بېغىشلاپ، خۇداپەرەس شاھلارنىڭ نامىنى ياد قىلىپ ، جاھاننى يامانلارغا ئەسلا تاشلاپ بەرمەيلى.
كىمىكى مەي كۆتۈرسە شۇ زات بەختلىكتۇر.غەم-ئەلەمنى ئۇنتۇپ،تا خۇشال بولغانغا قەدەر ئارامىمىزنى بۇزماي  مەي تولغان جامنى دەممۇ-دەم ئىچەيلى!


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 08:35:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدىرلىك ئوقۇرمەن شۇنىڭ بىلەن ‹‹ئەردەشىر ۋە گۈلنار ھەققىدىكى قىسسىە››مىز تۈگىدى.ئاللاھ نېسىپ قىلسا ئەتىدىن باشلاپ ‹‹گۆر ئوغلى شاھ بەھرام ۋە مەلىكە گۈلئەندام ››ناملىق باتۇرلۇق ۋە مۇھەببەت كۈيلەنگەن مەشھۇر داستان ‹‹شاھنامە››نىڭ ئونىنچى بۆلۈمى سۈپىتىدە ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ.
ھېيتتىن بۇيان يازمىنىڭ ئاخىرىنى ۋاقتىدا يېزىپ  ۋاقىتىدا يوللىيالماي سىزلەرنى كۆپ ساقلىتىپ قويغىنىم ئۈچۈن دوستلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-26 08:39 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82472
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3622
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 09:36:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشتا ئىنكاس يېزىپ قويۇپ ئاندىن ئوقايچۇ رەھمەت سىزگە

مەن ھامان پارتىلايمەن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 601
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8664
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 09:38:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھنامە دېگەن داستاننى زادى بىر قېتىم ئۇقۇيمەن  

گـەرچـە مـەن جەمىيـەت تەرىـپىدىن لۈكـچـەك دەپ ئاتالغـان بولـسامـمۇ، لېـكىن  ئۆزەمنـىڭ ھامـان بىر پارلىغـان يۇلـتۇز بولـىدىغانلـىقـىمغا ئىشىنىمـەن ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش