axpaz يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 01:20 PM
تورداشلارنىڭ بىلمىگەننى زورىغا بىلەرمەنلىك قىلماسلىق ...
خاپا بولماڭ،مىنىڭ بىلەرمەنلىك قىلىش مەقسىتىم يوق،سىزگە زەربە بىرىش خىيالىممۇ يوق،قارىغاندا ئىبارىگە دىققەت قىلمىغان ئوخشايمەن،ئىنكاسىم سىزگە سوغۇق تەگكەن ئوخشايدۇ،
چۈشەنمەي قۇسۇر چىقاردى دىسىڭىز ئادىل بولماي قالامدىكى،پۇرچاق بوتقىسى بىلەن ماش ئۇيۇما دىگەننى ئالماشتۇرۇپ قويغىنىم راس،ئادەتتە بۇ بىرنىمىلەرنى خەنچە ئاتايمىز،لىكىن ماۋۇ رەسىمدىكى پۇرچاق بوتقىسىمۇ ئوخشاشلا مۇسۇلمانچە ئەمەس.سىز بۇنىڭ زاۋۇت ئادىرىسىغا،ئۇزۇن ساقلاش ئۈچۈن قانداق ماددىلارنى قوشقانلىقىغا قاراپ بىقىڭ،مىنىڭچە خەنچە سەۋىيڭىزدە سو يوق.
ئەگەر مەن بۇ يەردە ئۆزۈم بايقىغان شۈبھىلىكنى ياكى ھارامنى ئەسكەرتمىسەم ۋىجدانىمغا يۈز كىلەلمەيمەن،چوقۇم بىلىسىز، سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزدىن زوقلانغان نۇرغۇن ئادەمنىڭ بۈگۈن كەچتىلا بۇ بىرنىمىلەرنى ئۇقۇشماستىن،ھىچ شۈبھىلەنمەي تاماق ئۈستەللىرىگە چىقىرىشى مۇمكىن.شۇڭا ئازراق ‹بىلەرمەنلىك›قىلسام شۇنداق بوپقىلىشنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولامدىكى دەپ ئويلۇدۇم.توغرا چۈشۈنۈڭ. تىمىڭىزغا رەھمەت،سىزنىڭ توختاپ قالماي تىخىمۇ ئىسىل تىمىلارنى يوللاپ تۇرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن،ئاخىرىدا تىنىڭىزغا سالامەتلىك،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە،بىزنىڭ سىزگە ئىشىنىپ تائاملىرىمىزنى تەييارلىشىڭىزغا تاپشۇرىدىغان،پاكىزلىققا،ھالاللىققا،شۈبھىدىن خالى بولۇشقا قاتتىق دىققەت قىلىدىغان (چۈنكى ھەممىمىز قىلمىش-ئەتمىشلىرىمىزدىن ھىساب بىرىمىز) ماھىر ئاشپەزلەردىن بولۇشىڭىزنى ئۆمۈد قىلىمىز.