مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: بۇغداي

ئايال ۋە ئاياللىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17555
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1509 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 03:37:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ھەقىقى ئايال


●مېھرىنى ھەممىگە، سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى بىرلا ئادەمگە بېغىشلىيالىغان ئايال ھەقىقىي مۇھەببەتلىك ئايال؛

● ھەم جىسمانىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تەن ئالىدىغان، ھەم روھىي جەھەتتىكى كۈچلۈكلىكىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقىي قۇدرەتلىك ئايال. ھەم پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى بۇلغىمايدىغان، ھەم ھالال پۇلى بىلەن مەئىشەت سۈرەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي ئەخلاقلىق ئايال؛

●گۈزەللىكىنى جاھان ئەھلى ئالدىدا نامايەن قىلالايدىغان، لېكىن ئۇنى ھەرگىز بازارغا سالمايدىغان ئايال ھەقىقىي نومۇسلۇق ئايال؛ كۆڭلى بولمىسا، ھەتتا پادىشاھنىمۇ رەت قىلىپ، ئىشقى باغلانسا، كۆك نامراتنىڭمۇ ئايىغىغا باش قويالايدىغان ئايال ھەقىقىي ئىپپەتلىك ئايال؛

●ھالۋىنى تولا يېگۈزۈپ زاڭ تېتىتىپ قويمايدىغان، ۋاقتى كەلگەندە كەكرىنىمۇ شېرىن ھېس قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقىي پەزىلەتلىك ئايال؛ ھەم سۆيگەن يارىنىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىشنى بىلىدىغان، ھەم يىقىلغان يارىنى پۈتۈن جىسمى بىلەن يۆلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي ۋاپادار ئايال؛

●راستنى ھامان راست دەيدىغان، لېكىن ئۆزگىنىڭ زىل كۆڭلىنى ئايايدىغان يەردە، چىن مەۋقەسىنى باشقىچە شەكىلدىمۇ ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي سەمىمىي ئايال؛ ئىچى قاينىغاندا توغاندەك ئىچىگە يىغالايدىغان، ئىچى توشۇپ كەتكەندە تاشقىندەك تاشالايدىغان، شۇنداقتىمۇ ئەتراپنى، يىراقنى نەزەردە تۇتالايدىغان ئايال ھەقىقىي سالماقلىق ئايال؛

●چوغنى پۈۋلەپ ئوت قىلىپ، ھۇۋۇلداپ قالغان ئائىلىنى ئىللىتالايدىغان، لېكىن لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ماي چېچېپ ئۆينى يانغىنغا ئايلاندۇرۇۋەتمەيدىغان ئايال ھەقىقىي ئەقىللىق ئايال؛ ئۆزىنى قەدىرلىگەنگە قۇللارچە ئىتائەت قىلىشنى بىلىدىغان، ئۆزىنى خارلىغانغا باتۇرلارچە قارشى چىقىشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي غورۇرلۇق ئايال؛

●ھېجران ئازابى ئىچىدە ئۆمۈر بويى يارىنى كۈتۈپ ئولتۇرالايدىغان، بېشىغا جۇدالىق كەلسە، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋىتىپ، يەنە يېڭىۋاشتىن ھاياتنى سۆيەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي ساداقەتمەن ئايال؛ بالا ئۈچۈن ئانا زېمىندەك بارلىق ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈپ ئىڭرىمايدىغان، ھەتتا قورساقتىكى بالىسىنىڭ ئامان-ئېسەن تۇغۇلىشى ئۈچۈن كۈلۈپ تۇرۇپ جان بېرەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي پىداكار ئايال؛

●پەرزەنتىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلەشنى بىلىدىغان ھەم ئۆزىنىمۇ شۇنىڭغا لايىق ئۈزلۈكسىز تەربىيلەپ ماڭالايدىغان ئايال ھەقىقىي كۆيۈمچان ئايالدۇر.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
بۇغداي + 39 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 370 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 09:02:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىز ئاياللارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈ ل بۆلگەنلىك

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90280
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 74
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2013-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 05:52:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
钱财用的完,交情吃不光。所以别人存钱,我存交情。存钱再多不过金山银海,交情用起来好比天地难量。












上海税务发票http://fp19.com

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش