|
|
|
|
قانداق قىلاي بۇ ئىشقا ‹ساتىرا›
خوشنام بېقىپ توخۇنى، قويۇپ بەرگەچ مەيلىگە. باغچا ساناپ ھويلامنى، كېلەر بولدى <سەيلىگە>.
قوغلىغانغا چىقمىدى، كۈندۈز بىلەن كىچىدە. يەپ تۈگەتتى ئۈنگەننى، ئۈچ_تۆت كۈننىڭ ئىچىدە،
<تاق>دىسەممۇ چىقمايدۇ، ھەر تەرەپكە پالاقلاپ. مىنى زاڭلىق قىلىدۇ، بار ئاۋازدا قاقاقلاپ.
سەيلە قىلسا ھويلامدا، ئۇيان- بۇيان يۈگۈرۈپ. <گۈل>چىېكىدۇ ھەريانغا، كەينى بىلەن تۈكۈرۈپ...
خوشنام كۆرۈپ بۇ ئىشنى، كىتەر بەزى ئالىيىپ. خوشنا بولغاچ كۆرۈپ چوڭ، مەن تۇرىمەن سالپىىيىپ.
دوستۇم سىزگە بىر سۇئال، گۇنا كىمدە ئيتىڭا؟ قانداق قىلاي بۇ ئىشقا، بىر يولىنى تېپىڭا...؟
مەنبە :كىچىك ئاتامنىڭ ئىجادىيەتلىرىدىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-6 11:59 AM
|
|
|
|
|
|