weten520 يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 10:56 AM
سىز بىلوگ دەپ تېخىچە 33591 مەھەللىسىنى دەيدىكەنسىز ھە~ھە ...
ئۇنداقمۇ دەپ گەپنى كېسىۋەتمەڭ. ھەممە نەرسە يوقتىن بارلىققا كېلىدۇ ، كىچىكلىكتىن چوڭىيىدۇ ، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلايدۇ .
ئۆزۈمنى مىسالغا ئالسام ، مەنمۇ بۇرۇنتىن تورغا كىرگەن ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپ مۇشۇ بلوگ بىلەن ھەپىلىشىپ كەلدىم .دەسلەپتە تورغا كىرگەن ۋاقىتلىرىم مەيلى ياش، مەيلى قېرى، ئەر ياكى ئايال بولسۇن ھەممىسى دېگۈدەك فېنبېي تورىدا يۈرەتتىكەنتۇق( ھازىر ئېچىلمايدۇ) .بىزلەرمۇ شۇ يەردە پائالىيەت قىلاتتۇق، كېيىن ئاستا -ئاستا فېنبېيغا تەقلىد قىلىپ ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ ،9ساراي، رېتىم ، سەلكىن، دېگەن تور بەتلەردە بلوگ تارقىتىلدى ، شۇ بلوگلارمۇ ئۆز ۋاقتىدا شۇنچە كۆڭۈللۈك ئىدى . بلوگلارنىڭ مەزمۇنىمۇ شۇ بلوگ ئىشلەتكۈچىنىڭ ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، باشقىلارغا ياخشى يامان تەسىر بېرىش،شۇ كىشىنىڭ ئەخلاقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇنداقلا ياخشى ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلار بىلەن ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە ئىجابى ياكى سەلبى تەسىرلەرنى كۆرسىتىش، بۇ پەقەت شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىش .شۇ ۋاقىتلاردا مېنىڭ فېنبېي ، رېتىم بلوگلىرىممۇ ناھايتى ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلار بىلەن كۆپلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن . يەنە رېتىم بلوگىممۇ ياخشى بلوگلارنى تاللاش مۇسابىقىسىدە 2- لىككە ئېرىشىپ بىلگىيار لۇغىتىدىن بىرنى مۇكاپات قىلىپ بەرگەن ئىدى .ئۇنىڭدىن كېيىن بلوگبۇس سۇپىسىدىن بلوگ ئېچىشقا يۈزلەندۇق، ئۇ يەرمۇ ئۆز ۋاقتىدا بلوگخۇمارلارنىڭ ياخشى ماكانى بولغان ، ھازىرمۇ يەنە ئىشلىتىۋاتقانلار كۆپ . ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا ئۇزاققا قالماي رايونىمىز تەۋەسىدە تور ئۈزۈلدى ،تور نورماللاشقاندىن كېيىن بولسا بۇرۇنقى ئۇيغۇرچە تارقىتىلغان بلوگلار بىراقلا يوق بولدى . شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن ئىسىق سۇغاقنى بېشىدىن كەچۈرگەن بلوگچىلىقمۇ ئاستا تەرەققى قىلىپ ھازىرقى ئالىم ئەھەت، يۈكسەل ، ئۇيغۇربەگ، ئېلىشات، شاھ ئۇيغۇر، 80 خالتا، قىسمەت بلوگلىرىدەك مۇستەقىل تىزىم ئاستىدىكى داڭلىق بلوگلارغا قاراپ تەرەققى قىلدى ، مۇشۇ جەتيانلاردا مەنمۇ ھەرقايسى بلوگ سۇپىلىرىدىن ئۆزۈمگە يارىشا بلوگ ئېچىپ ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن . سىز دېگەن ئاشۇ 33951 بلوگ سۇپىسىدا بولسا مېنىڭمۇ بار ، بىلسىڭىز ئۇ بلوگلارنىڭ بەزى ئىقتىدارىدىن پايدىلنىپ ئۆزىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايسىز . شۇنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭكى ھەممىسىنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە خاس رولى بار ، شۇڭا ھەممىگە ئوخشاش پوزىتسىيەدە بولايلى . بلوگلارنى ئويان تاماشا سورۇنىغا ئايلاندۇرۋالغان بىر قىسىم ياشلىرىمىز ئۆزلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقسا، بىكارغا كېتىۋاتقان قىممەتلىك ۋاقىتلىرى ئۈچۈن قايرىلىپ نىمىلەرنى ئىسراپ قىلىپ، نىمىلەرگە ئېرىشىپ، نىمىلەرنى يوقۇتۋاتقانلىقىغا ياخشىراق قاراپ باقسا بولىدۇ .......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا attirgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-6 04:07 PM