|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەربىرىڭىزلەرگە سالامەتلىك نېسىپ بولسۇن!!!
بىر قىز كېلەر
كۆك قەھرىدىن ئېقىپ چۈشكەن چولپان كەبى،
بىر قىز كېلەر قامىتىدىن بېرىپ جۇلا،
ئەگىم-ئەگىم قاشلىرىدۇر ئايغا مىسال،
تال-تال قارا كىرپىكلىرى ئوقيا گويا.
بىر تەبەسسۇم ئەيلىسە گەر مىڭ ناز بىلەن،
غەرىق قىلار مۇھەببەتنىڭ دەرياسىغا.
كۆزلەر تامان بالقىپ چىققان نۇ زىيالار،
چېقىن بولۇپ يۈرەكلەرنى قىلار يارا،
تۈن كۆزىدەك سۇمبۇل چېچى ئارقان بولۇپ،
دۇچار قىلان سۆيگۈنىڭ تاغ داۋانىغا،
نەزەرىگە نائىل بولغان ھەر يىگىتنى،
مەجنۇن قىلار يەتكۈزمەستىن ئارمانىغا.
مەنبەسى:ئۆز قەلىمىم(ئەردەمئاي)
|
|
|
|
|
|