tazz يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 11:55 PM
توۋا ئاي شارىنىڭ ھەجمى بىلەن ئالەم كېمىسىنىڭ ھەجمىنى ...
كۆز-قاراشلىرىڭز ئىچىدە كۆپ پىكىرىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار. مەن ئىنكاسىڭىزنى قايتا-قايتا شۇنداق تەھىللىل قىلغاچ ئوقۇسام . گەرچە سىز مەسىلىنىڭ نېگىزلىك يىرىنى ،ئىلىم كۆرگەن كىشىدەك يىغىنچاق ۋە قاراتمىلىق ئۇسۇلدا ئوتتۇرغا قويماستىن خۇددى بىر پاراڭچىدەك ئوتترۇغا قويغان بولسسىڭىزمۇ ( ئىنكاس يىزىش ئۇسۇلىڭىز ماڭا ئوخشايدىكەن . تۈز كىتىپ بىرىپ پات-پات تىيلىپ كىتىدىغان ) . ئىنكاستىكى كۆز-قاراش يەكۇنلىرىڭىزدىن سىزنىڭ ئەقلى قۇۋىتتىڭىزئىلمى تەكەپپۇرغا ھەقىقەتەن بايكەن . قىنى كىيىنىكى قەدەمدە باشقىلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىپ بىقىڭە ؟ مەن راستىن سىزگە قىزىقىپ قالدىم .
مۇشۇ مۇنبەردە ھازىرغۇچە مەن-مەن دىگەن پەننى تىما ئۇستىدە ۋە قۇرئان ئايەتلىرى ئۈستىدە مۇنازىرە ئىلىپ بىرلسا ، ئىنكاسلىرىنىڭ ئېسىللىقىغا قاراپلا قالدىغان مۇنبەرداشلاردىن توخماق ، ئۇيغۇر زادە ، كۆزنەك ( ئۇ ھازىر غايىپ بولغان چىغى كۆرۇنمەيدۇ ) ، ئابدۇرىھىم ئابلەت ....قاتارلىق مۇنبەرداشلار ئىدى . سىزنىڭ ئىنكاسلىزنى بۇ كۈنگىچە ھەجەپ ئۇچۇراتماپتىكەنمەن . بۇگۇن بۇ تىمىدا كۆردۇم ئىنكاسىڭىزنى
مەن مۇشۇ ئادەم ئەقىلىق دىگەن ئادەمنىڭ خاراكتىرىنى ئىككى خىلغا ئايرىمەن .
بىرسى قۇرۇق خىيالپەرەس ،ئىككىنجىسسى رومانتىك خىيالپەرەس .
قۇرۇق خىيالپەرەس دىگىنىمىز . ئىنتايىن پۇلدار بىر كىشىنىڭ تومۇزدەك ئىسىسقتا، چەكسىز كەتكەن قۇم بارخانلىرى ئىچىدە ئۆزىچە يانپاشنى قىززىق قۇمغا چاپلاپ يىتىپ ،ئۆزىچە خىيال سۈرۈپ ! -مۇشۇ قۇملۇق بىر دەريا بولغان بولسا مۇشۇنداق تومۇز ئىسىقتا پولتۇڭڭىدە موللاق ئىتىپ تازاد بىر يۇيۇنۇپ دەريادىن چىقىپ تۇرسام . دەريا ياقىسىدىكى بۇكىدە ئورمانلىق ئىچىدىن بويى 1.80 كىلدىغان . چاشلىرى قۇڭۇر ،كۆزلىرى دىڭىز رەڭگىدە تىرسسى تۇخۇمدەك ئاپپاق بىر قىز تاتلىققىنە كۇلۇمسىرگەن ھالدا ،بىر پەتنۇستا مۇزدەك ئىچىملىك ۋە ھەر خىل نازۇ-نىممەتلەرنى ئىلىپ كەلسە . شۇ قىز بىلەن بىرگە دەريا بويدا ئوتقاشتەك گىلەمنى سىلىپ قويۇپ بىر-بىرىمزى بىلەن شىرىن سۆھبەتلەرنى قىلىپ ئولتۇرۇپ كەتسەم دىگىنىگە ئوخشاش قۇرۇق خىياللارنى قىلدىغان كىشىلەرنى نېرۋىسى ئەڭ ئىشلىمەسلەر دەپ قويمەن .
ئىككىنجى خىلدىكى كىشىلەر بولسا . پۇلىسىز بىر نامراتنىڭ چەكسىز كەتكەن بىر قۇمۇقتا ، يانپىشىنى قۇمغا چاپلاپ يىتىپ ، مىنىڭ قولۇمدا يىتەرلىك پۇل ئىقتىسات بولغان بولسا . مۇشۇ قۇملۇقنىڭ باغرىغا ئىنتايىن ئىلغار بولغان بىر يەر ئاستىدىن سۇ چىقرىش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىپ . شۇ قۇرۇلمىلارغا سانسىز كەتكەن ئىنچىكە سۇ نەيچىللىرىنى ئورنىتىپ . ئۇ نەيچىلەرنى بۇ چەكسىز قۇملۇقنىڭ يۈزىگە مۇۋاپىق ئارلىقتا ئورۇنلاشتۇرۇپ . شۇ ئارلىق ئىچىگە ھەر خىل كۆچەتلەرنى تىكىپ ئەجىر قىلىپ باقسام . ئاللاھ قىلغان ئەجرىمگە تەسىرلىنىپ ، نەچچە يىللاردىن كىيىن بۇ چەكسىز كەتكەن قۇم بارخانلىرى ئىچىدە باغۇ-بوستانلىق بىر رايۇن شەكىلەنسە. بۇگۈنكى كۈندە بۇ يەرگە كىلىشنى خالىمغىان كىشلەر ،بۇ يەرگە قىزىقىپ كۆچۇپ كەلسە .قىز-ئوغۇللىرى بۇ يەردە ئۆسۇپ يىتىلىپ ئۆزىگە مۇۋاپىق لايىقى بىلەن . دەل-دەرەخلەر ئىچىدە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى غايىسى ھەققىدە شىرىن سۆھبەتكە چۇشۇپ كەتسە .......دىگەندەك ئىلمىيلىققا ياتىدىغان مۇشۇنداق خىياللارنىڭ خاراكتىرىگە چۈشىدىغان خىياللارنى قىلدىغان كىلشىلەرنى كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ سەر خىل ۋە ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەردۇر دەپ قارايمەن .
بىرنجى خىلدىكى خىيال پەرەسلەر ،قۇرۇق خىيالپەرەسلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ قول-ئىلكىدە قانچىلىك كۆپ ئىقتىسات بولسۇن . تەبىئەتتىكى ھەر خىل شەيئىلەر ئۈستىدىن قۇرۇق خىيالپەرەس خاراكتىر لېنيەسىنى بويلاپ ھەر قانچە مۇكەممەل خىيال قىلىپ باقسۇن .بۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى خىياللىرى مەڭگۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ . لاتاريەدىن چىقىپ قالسا بۇ بىر گەپ ) ،ھەم مۇنداقلارنىڭ بۇ خىلدىكى قۇرۇق خىياللىرىنى ھىچكىم قوللىمايدۇ . رىغبەتلەندۇرۇش خيالدىا بولمايدۇ .
ئىككىنجى خىلدىكى خىيال پەرەسلەر بولسا ،ئىلمىيلىكى بار خىياللارنى قىلدىغان ئىلمى خىيالپەرەسلەر بولۇپ ، بۇلارنىڭ قىلىۋاتقان خىيالنىڭ خاراكتىرىگە ئوخشاش خىياللارنى سۈرىدىغان كىشىلەر بولسا . قىلغان ھەر بىر خىياللىرىغا يىتەرلىك مەبلەغ ۋە يىتەرلىك شارائىيتلار ھازىرلانسا مۇتلەق كىىسپ كىيتىمەن. بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئارزۇ خىياللىرى تولۇق ئىشقا ئاشىدۇ . ئەگەر پۇلى يىتەرلىك ئىقتىساتى بولماي تۇرۇپ .ئۆزىنىڭ يۇقارقىدىكىدەك پىلان ۋە لايىھەلىرىنى ئىقتىسادى يىتەرلىك بولغان ئەقىللىق كىشىگە ئىيىتسا ، بۇنداق پىكىرنى ھەر قانداق ئەقىل ئىگىسى قوبۇل قىلىدۇ ، ۋە شۇ ئەقىل ئىگىسىنىڭ ھەمكەرلىشىشى ئاستىدا بولسىمۇ ئىشقا ئىشىشى مۇمكىن.
ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى نۇپۇزلۇق ئالىملار دەل ئىككىنجى خىلدىكى ئىملىيلىكى بار خىيالپەرەسلەر تۈرىگە تەۋە كىشىلەر بولۇپ ، بۇ كىشىلەرنىڭ قىلغان ئىلمى خىياللىرى ئۆزىنىڭ تەرىپدىن ئىقتىسادسى يار بەرمىسە باشقىلارنىڭ ھەمكەرلىشىشى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشقان .
-چۈنكى بۇلارنىڭ ئىلمى خىياللىرىنى ھەر كىم قوبۇل قىلالىغان ئۈچۇن . ئەقىللىق پۇلدارلار بۇلارنىڭ ئىلمىي خىياللىرىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزلىرىگە كەلتۇردىغان قىممەتنى ئالدىن ئويلاپ يىتەلىگەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-7 06:04 PM