tazz يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 09:08 PM
تاكسىچىلار كىرا تاپالماي قاقشىساڭلار يولوچىلار تاكسى ...
نەدە كىرا تاپالمايدىغان گەپكەن؟ تۇتىيا بوپ كىتىۋاتىدۇ ھازىر. قىشتىغۇ ئۇلارنىڭ ھالىنى پويىز سۆرىيەلمەيدۇ. يازدىمۇ تولا يامغۇر يىغىۋاتسا. 5 كوي قىممەت ئەمەس. 15 يىلنىڭ ئالدىدا 10 كويتى تىخى.لادا شالى ۋاقىتلار.
لىكىن شۇ 5 كويغىمۇ تاپالمايمىز تاكسىنى. توكسىكىلىتقا كەلسەك ھويلامنىڭ ئىچىدىلام مىنىۋالسام مەنزىلىمگە بارغۇچە مىنىمەن. قوياپ قويغان جايىدا ساقلاپ تۇرىدۇ مىنى. قولايلىق، ۋاقىت تىجەيدۇ.
نۇرغۇن ئاممنىڭ ۋاختىنى تىجەۋاتقان توكسىكىلىت قاتناش قىستاڭچىلىقىدا نۇرغۇن ماشىنىسى بارلارنىڭ ۋختىنى ئەپ قويىدۇ شۇ.
سىزنىڭ ۋاختىڭىزنى دەپ بىزنىڭ ۋاختىمىزنى قۇربان قىلامدۇق؟ مەن ئۇنچىۋالا ئىنسانپەرۋەر ئەمەس. ۋاقىت سىزگىمۇ ماڭىمۇ ئوخشاشلا قىممەت.بىزمۇ سىزدەكلام ئالدىراش.بىزمۇ سىزدەكلام ياشىشىمىز كىرەكتە؟.
بۇ خۇددى ئاتقا مىنىۋالغانلار پىيادىنى يول بوشاتسۇن ياكى ماڭمىسۇن دىگەندەكلام. ھەممە ئاممىنىڭ قاتنىشى رازى بولغۇدەك ئۇرۇنلاشقاندا ئاندىن توكسىكىلىت ئۆزلىكىدىن شاللىنىدۇ.
تاكىسىچىلار پۇل تاپالماي قاخشىمايدۇ. پۇل تاپالمىغان بولسا تاكسى رەسمىيىتى 500مىڭ بولامتى؟ پۇل تاپالىغاچقا تاكسى رەسمىيىتى ئۆسەۋاتىدۇ.ئادەمنىڭ خۇنىنىمۇ ئۇنچىلىك پۇلغا ئالمايۋاتسا ھازىر
ئىتتىك ماڭالمايۋاتىمىز دىمەكچى شۇ تاكسىچىلار، بىزمۇ تاكسى ھەم ئاممىۋى ئابدۇبۇستا ئىتتىك ماڭالمىغاچقا ئىلاجسىز ئىتتىك ماڭارمىزمىكىن دەپ توكسىكىلىت مىنىۋاتىمىز. دىمەك سىزنىڭ ئىتتىك مىڭىشىڭىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ئىتتىك مىڭىشىمىزدىن ۋاز كەچمەيمىز.
يىغىنچاقلىساق تاكسىنىڭ قىممەتلىكى ياكى مۇلازىمىتىدە ئەمەس سۈۋەرەكنىڭ كۆپىيىشى.ئىھتىياجىمىز قەشقەردە شۇ توكسىكىلىتنى تاللايدۇ. ۋاقىت ئۈچۈن
ھەزرگىز زىدىيەتلىك ئەمەس تاكسى بىلەن،
قىتىق ئىچىشىمىز ھەرگىزمۇ شورپا بىلەن خوشىمىز يوقلىقىدىن ئەمەس بەزىدە بەدەننىڭ ئىھتىياجى شۇنداق بوپ قالىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زاغرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-6 09:38 PM