ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ تەكلىپ ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ. ئىتتىپاغلىق بولغاندىلا ھەقىقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
نادىر فىلىملارنى تەرجىمە قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىش، دۇنيانى بىلىش، چۇشىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان قۇتيار، ئاق بۈركۈت، كۆكلەم، تۇرانىم قاتارلىق تور بېكەتلەرگە ۋە تەرجىمە قىلىشقا جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان مېھنەت ئېگىلىرىگە سەمىمىي رەخمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
شۇنداقلا كىچىككىنە بىر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.
تەرجىمە فىلىم ئىشلەش تور بېكەتلەردە بەزى ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق تەرجىمە قىلىنغان فىلىملەرمۇ قايتىدىن خەتلىك فىلىم قىلىپ ئىشلىنىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭغىمۇ كۆپ ئەجىر كېتىدۇ. مېنىڭچە ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق تەرجىمىسى ئىشلىنىپ بولغان فىلىملەرنى قايتىدىن تەرجىمە خەتلىك فىلىم قىلىپ ئىشلەشنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق. ئاشۇ فىلىملەرنى قايتا تەرجىمە قىلىشنىڭ ئورنىغا باشقا يېڭى، خەلقىمىزنىڭ تەربىيلىنىشىگە پايدىلىق بولغان فىلىملەرنى تەرجىمە خەتلىك فىلىم قىلىپ ئىشلەشنى ئويلىنىپ كۆرسەڭلار.
ئەمىلىي مىسال ئورنىدا ئامېرىكا فىلىمى <<ئازغۇن>>(LoST) فىلىمىنى مىسالغا ئالساق، بۇ فىلىم نەچچە يىل ئىلگىرىلا 1-قىسىمدىن 72- قىسمىغىچە ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق ئىشلىنىپ بولغان بولسىمۇ داۋامى تېخىچە تەرجىمە قىلىنمىدى. قۇتيار بېكىتىدە بۇ فىلىم يەنە تەرجىمە خەتلىك قىلىپ ئىشلىنىپ 1-9قىسمغىچە ئىشلىنىپ بوپتۇ. مېنىڭچە قايتا ئىشلەش توغرا كەلسە چىقمىغان داۋامىنى تەرجىمە قىلىشنى ئويلىشىپ كۆرسە. يەنى 72- قىسمىدىن كېيىنكى قىسىملىرىنى ئىزدەپ تېپىپ تەرجىمە خەتلىك قىلىپ ئىشلەشنى ئويلىشىپ كۆرسەڭلار.
بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق تور ئادرىسى:<<ئازغۇن>> 1______72- قىسمىغىچە:
http://ksfilim.com/read.php?vid=1150
خەتلىك قىلىپ قايتا ئىشلەنگەن تور ئادرىسى:
http://www.qutyar.net/MB/thread-3315-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-7 08:46 PM