قاراماي 18-ئەسىردىن ئىلگىرى ئادەمزاتسىز چۆللۈك بۇلۇپ،كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلالمىغان.19-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە قاراماي ھەققىدە ئانچە-مۇنچە خاتىرىلەرقالدۇرۇلغان.مەسىلەن:‹‹ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يازما ھۆججەتلەر ھەققىدە ئومۇمىي تەھسىل ›› دە ‹‹ قارامايدا ( قارا مايتاغ دەپ ئاتالغان ) ماي بۇلاقلار بەك كۆپ.بۇنىڭ ئىچىدە تاغ چوققىسىدىكى بۇلاق ئەڭ چوڭ،ھەر كۈنى 200 جىڭدىن كۆپ ماي ئالغىلى بۇلىدۇ ›› دەپ خاتىرلەنگەن.‹‹ شىنجاڭنىڭ ساياھەت خاتىرىسى ›› دىگەن كىتاپتا: ‹‹ چۆچەكتە نىفىتلىك بار.نىفىت چىقىدىغان جاي ئۇنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى يېزىدا.چوڭى كۆكتاش،كىچىكى قارامايتاغ دەپ ئاتىلىدۇ.دىخۇا بىلەن ئارلىقى 680 چاقىرىم كىلىدۇ.ھازىرغىچە بايقالغان ماي بۇلاقلار بەك كۆپ...شەخسىيلەر پايدىلىنىدۇ.ماينىڭ سۈپىتى ياخشى بۇلۇپ قۇيۇق ھەم قارا ›› دەپ يېزىلغان.يۇقارقى تارىخى بايانلاردا قارامايدىن ماي چىقىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ،ئەمما ماينىڭ كىم تەرىپىدىن قانداق ئېلىنغانلىقىدەك مۇھىم مەزمۇن خاتىرلەنمىگەن،مەن تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى كۆز-قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتەي
قاراماي دىگەن بۇ نام بۇ جاينى تۇنجى قېتىم تاپقان ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانغان كىشى-سېلىم بوۋاي تەرىپىدىن قويۇلغان.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا،ئۇ قارامايغا بېرىشتىن ئىلگىرى شىخونىڭ چېپەيزە دىگەن يېرىدىكى ئەشمەت ئىسىملىك بىر چارۋىچىنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل ئىشلىگەن ئىكەن.بىر قېتىم ئەشمەت مال باققىلى چىققاندا قاتتىق بوران چىقىپ كىتىپ قايتىپ كېلەلمىگەن.سېلىم ئۇنى ئىزلەش جەريانىدا ھازىرقى كونا قارامايدىكى تاغ ئۈستىدىن بۇلدۇقلاپ ماي چىقىپ تۇرغان بۇلاقنى ئۇچۇرتىپ قالغان.شۇ چاغلاردا ئۇ تىرىكچىلىك قىلىشنىڭ يولىنى ئىزلەپ يۈرگەنلىكى ھەم ئەشمەتنىڭ ئۆيىدە بىكار يېتىپ يۈرۈشنى ئۆزىگە لايىق كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن،شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ جاينى ماكان تۇتۇپ ياشاپ ئالەمدىن ئۆتكەن.بۇ 1911-يىللارنىڭ ئالدى-كەينى بولغاچقا،ئۇ چاغلاردا شىنجاڭدا تېخى ئىلىكتىر چىراقلار يوق ئىدى.شۇڭلاشقا سېلىم بوۋاي ماي بۇلاقتىكى ماينى يەرلىك ئۇسۇلدا چەككىلەپ ئەتىراپتىكى يېزا-قىشلاقلارغا ئاپىرىپ سېتىش بىلەن جان باققان.كىشىلەر ئۇنىڭدىن ‹‹ سەن نەلىك؟ ›› دەپ سورىسا ئۇ: ‹‹ ماي بۇلاقلىق ›› ( يەر يېغى چىقىدىغان يەردىن) دەپ جاۋاپ بەرگەن.كېيىنچە ئۇ بۇنىڭغا قانائەتلەنمەي يەر يېغى قارا بولغاچقا ھەم ماي بۇلاقلار جايلاشقان تاغلار قارا بولغاچقا ئۆزىنى ‹‹ قارا مايلىق ›› دەپ ئاتايدىغان بولغان (بۇ جاي ھېلىمۇ كونا قاراماي دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە).سېلىم بوۋاي ئۇستا قوشاقچى ۋە سازەندە بۇلۇپ،ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلىرى ھەققىدە
نەلىكسەن دىگەنلەرگە،
قارامايلىق دەپ كەتتىم
ئېشەكلىك ئۈچ كۈن مېڭىپ
شىخۇغا ئاران يەتتىم
دەپ قوشاق تۇقۇغان.
سېلىم بوۋاينىڭ تىۋىپلىقتىنمۇ خەۋىرى بۇلۇپ،ئۆز كېسىلىنى ئۆزى كۆرگەن.شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئۆمىرى جاپادا ئۆتكەن بولسىمۇ،70 ياشتىن ئاشقاندا ئالەمدىن ئۆتكەن. سېلىم بوۋاينىڭ ماي بۇلاق (قاراماي) دىكى ھاياتى 1911-يىلدىن 1957-يىلغىچە داۋاملاشقان بۇلۇپ، ئۇ بۇ ئۇزاق جەرياندا ماي بۇلاق ئەتىراپىنى كېزىپ نۇرغۇنلىغان ماي بۇلاقلارنى بايقىغان تۇنجى ئىگلىك ياراتقۇچى.ئۇ ئازادلىقتىن كېيىن جۇڭگۇ نىفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئومكىگە يولباشچى بۇلۇپ قاراماي نىفىتلىكىنىڭ ئېچىلىشىغا زور تۆھپە قوشقان.
ماكانىمدۇر ماي بۇلاق،
جەرەن بۇلاق،ئاق بۇلاق.
توھمەت،ئالۋاڭ-ياساقتىن،
باغرى تازا ساق بۇلاق.
نەلىكسەن دىگەنلەرگە،
قارامايلىق دەپ قويدۇم.
تاپسام يېڭى ماي بۇلاق،
دۇرۇت ئوقۇپ ئات قويدۇم.
ئوت-چۆپى بار بۇ يەرنىڭ،
سۈيى يوكەن بۇ يەرنىڭ.
قاراماي دەپ ئات قويدۇم،
مېيى باركەن بۇ يەرنىڭ.
‹‹ سېلىم بوۋاي قوشاقلىرى ›› دىن
مەنبە:شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر مۇنبىرى