tewelgha يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 12:11 AM
بۇ ھۈنەرنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئاۋۇ بۇۋايغا ھۆرمىتىم قو ...
مەن بۇنداق تارازىنى ئىشلىتىپ باقمىغان، بىراق كىچىك ۋاقتىمدا بوۋامنىڭ ئۆيىدە بىرى بار ئىدى، مەن تېخى ئۇنى ئۆزى ياسىۋالدىمىكىن دەپتىكەنمەن، ئەپسۇس ئۇ ۋاقىتلاردا ئىھتىياجىم بولمىغاچ ئىشلىتىپ باقمىغان.
ئەجدادلىرىمىز تەكرار تەجرىبە ئاستىدا تەدرىجى يېتىلدۈرگەن بۇلىشى ئىھتىمالغا يېقىن، چۈنكى ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنلا مەدەنىيەتلىك، سودا سېتىققا ماھىر مىللەت بۇلۇپ، شەھەرلىشىشكە باشلىغان، تارازا بولسا سودا سېتىقنىڭ ئاساسى.
ھازىرقى زاماندىكى گىر تېشىمۇ دەسلەپتە ئىپتىدائى ھالەتتىن تەرەققى قىلىدۇ، ئۇنى قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ يېڭى ئەسىردىكى جۇلاسى دىسەك توغرا بۇلار، چۈنكى بىزدە زەگەرچىلىكنىڭ تارىخىمۇ ناھايتى ئۇزۇن. مەسىلەن ھازىرقى كونا موزدوزلار ئاياغ تىككەندە ياغاچتىن ياسالغان قېلىپ ئىشلىتىدىكەن، بىراق خەن موزدوزلار بولسا سۇلياۋدىن ياسالغان قېلىپ ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سەرراپچىلىقمۇ تاكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىغىچە داۋاملاشقان كەسىپنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئۇلار پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئىقتىسادىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان، مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ھاللىق كەسپلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ، دۆلەت غەزىنىسىگىمۇ خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن، ئېنىقكى بۇ كەسپمۇ تارازىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇڭا قەدىمكى دەۋردىكى تارازىنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ھازىرقى زاماندىكى گىر بىلەن خاتالىق پەرقى يوق دىيەرلىك بۇلىشى مۇمكىن، پەقەت بۇنىڭ ئۈچۈن قەدىمكى ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ھەقتە كۆپ ئۇقمايدىكەنمەن، بىلىدىغان تورداشلار تەپسىلى چۈشەنچە بېرىۋەتسە .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-8 12:50 AM