«ئازاپلىق لەززەت»تىلۋىزىيە تىياتىرى توغرىسىدا
سىنارىست-ئۆمەر قادىر.رىژىسۇر-تۇرغۇن ئەخمىدى. ئاساسلىق روللاردا:ماھىرە مۇئەللىم-مىھرىگۈل ئەمەت. گۈلزار-ئايگۈزەل ئابدۇۋايىت. دىلبەر-خەيرىنگۇل ھەسەن. نۇرمەمەت-نامان رەھمىتۇللا.تۇرسۇنئاي-گۈلزار تۆمۈر. جالالىدىن-تۇرغۇن ئىمىر. ئۆركەش-نىجات تۇرسۇن. فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ فىلىمدە گۇلزار بىلەن قەيسەرنىڭ نىكاھ ئىشىدىكى توسقۇنلۇقلار، ئۆركەشنىڭ ئايالى-دىلبەرنى قاتار چايغا بېرىشتىن توسۇشى،قاتار چاي چەمبىرىكى ئىچىگە كىرىپ قالغان- ماھىرە مۇئەللىمنىڭ قەلبىدىكى روھى توقۇنۇش زىددىيىتىنىڭ باشلىنىش نوختىسى بولۇپ، قاتمۇقات چىگىش ۋەقەلەر ئارقىلىق، ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ئىجتىمائى رىياللىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن. بولۇپمۇ فىلىمدە ماھىرە مۇئەللىمنىڭ ئاق قان دانچىللىرى كۆپۈيۈپ كېتىش كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بېغىشلىغانلىقى،پۇل ۋە كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەن دىلبەرنىڭ ئەخلاقتا چۈشكۈنلىشىش،ئائىلسى ۋە باللىرى بىلەن كارى بولماسلىقى، دوللارچى- جالالىدىن بىلەن بولغان بىنورمال مۇناسىۋىتى، تۇرسۇنئاينىڭ نام-ئاتاق ۋە ئابرۇي قوغلۇشۇپ، پەرزەنتىنىڭ نىكاھ ئىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشلىرى، قاتار چايدا ھەشەمەتچىلىككە بېرىشلىرى، چوڭچىلىقى ئاخىرى بېرىپ، ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىشتەك ئېچىنىشلىق تەقدىرى، ئاقكۆڭۈل ساخاۋەتچى-نۇرمەمەتنىڭ باشقىلارغا يارىدەم قىلىشتەك ئېسىل پەزىلىتى،جالالىدىننىڭ تۇرمۇشتىكى شاللاقلىقى ھەم دىلبەر تەرىپىدىن ئالدىنىپ، ئاخىرى بىر مۇنچە پۇشايمانغا قالغانلىقى، سەبىي قىزىنى ئۆيدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان ئۆركەشنىڭ ھەسرەت-ئەلەملىرى ناھايىتى چىن،جانلىق ھەم تەسىرلىك يورۇتۇپ بېرىلگەن. بۇ فىلىمدە پىرسۇناژلارنىڭ ئوخشىمىغان روھى ھالىتى ھەم كەچۈرمىشلىرى تاماشىبىنلار قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، ئۇلارنى تۇرمۇشقا، ھاياتقا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش ھەققىدە چوڭقۇر ساۋاتقا ئىگە قىلىدۇ. بۇ تىلۋىزىيە تىياتىرىنى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى 2001-يىلى ئىشلىگەن. تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 8-ئاۋغۇست يېزىلدى. قەشقەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-9 12:01 AM
|