مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ghojidar

توردىشىمىز ئابلەتجانغا ئوچۇق خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇھاببەت ئۈلۈمنىڭ يەنە بىر ئىس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65194
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5613
تۆھپە نۇمۇرى: 539
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2012-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 03:23:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارلىقتىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تاللىغان ئۇسۇل توغرا. لىكىن ماقالە بەك چېشلىپ كىتىپتۇ. قايىل قىلىش سەۋەپ يىتەرلىك ئەمەس.

مەن قاچان ئەخمەق بۇلىدىكەنمە، قىزلارغا ئالدىنىپ قالىمە.قىزلار قاچان ئەقلىدىن ئازىدىكەن، ماڭا ئىشىنىپ قالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65070
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3106
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2011-11-14
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 03:35:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلەر نىمە توغۇرلۇق  ،قايسى تىما توغۇرلۇق سۆزلىشىۋاتسىلەر  ؟  
مەن پەقەت چۈشنەلمىدىم ..
ئەگەر بۇ ئۇچۇق خەت بىزگە ياۋرۇپا  لوڭقىسى  پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن رىياسەتچى ئابلەتجانغا قارتىلغان بولسا  ،
مىنىڭ شەخسى كۆز قارشىم : مەن ئۇنىڭغا ، خەلقى ئۈچۈن تارتقان جاپا -مۇشەققەتلىرىگە ،
ئىزدىنىشلىرىگە ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن .
ھەم ئۇنىڭ بۇندىن كىيىن نەتىجىلەرگە ئېرشىشىنى  .تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم ئۈتۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،ۋە ئۇنى قوللايمەن .
بەلكىم تىما ئىگىسى بىلەن ئابلەتجان مەلۇم تېمىدا مۇنازىرلەشكەن ئوخشايدۇ ، مەن ئۇ تىمىدىن خەۋەرسىز ئىكەنمەن ، بۇنى  بۇ تىمىنى ئۇقۇپ تىما ئىگىسىنىڭ بايانلىردىن بىلدىم .
ۋە ھىس قىلغىنىم ؛تىما ئىگىسى ئابلەتجاننىڭ بىر قانچە جۈملە سۆزىنى  تىرناق ئىچىگە ئېلىپ
بۇ سوزلەرگە قارتا رەددىيە بىرىپتۇ .   مېنىڭچە  ئابلەتجاننىڭ ئۇ تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان سوزلىرمۇ ئورۇنلۇق ، ھىچبىر ئورۇنسىز گەپ قىلغىنى يوقكەن .
بىزنىڭ  سۆزلەرگە بولغان سەزگۈرلۈكىمىز بەكلا ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق ؟
تىما ئىگىسىنىڭ ئابلەتجاننىڭ ھەربىر ئېغىز ئۇششاق سوزلىرگىچە تەھلىل قىلىشى شۇنچە زۆرۈرمۇ بۇ يەردە ؟؟
ئەگەر ئارتۇقچە پىكىر قاتناشتۇرغان بولسام رەنجىمىگەيسىلەر .
ئاخىردا ئابلەتجاننىڭ ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ تور دۇنياسىدا بىز بىلەن ئەسرالاشقىنىدىن مەمنۇنمەن .ۋە چېچىلغان كىچىككىنە سوغۇق سۇلار سەۋەبىدىن  تور دۇنياسىدىن جۈملىدىن مۇنبەرلەردىن كوڭلى سوۋۇپ بىز بىلەن ئارلىقى يىراقلاپ كەتمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن ..
ئابلەتجان ياخشى نەتىجىلەرۋە غەلبىلەر . خوشاللىق ۋە خاتىرجەملىك سىزگە يار بولسۇن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   naziye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 03:36 AM  


يىللار ئىزى چىھرىمىزدە نۇرغۇن قورۇقلارنى قالدۇردۇ ،ھايات بىزگە بەزىدە ئاچچىق بەزىدە تاتلىق بۇلۇپ تېتىيدۇ ،ئەڭ ئاخىرقى تىنقىمىزدىمۇ ھاياتقا قانماي ئۆتۈپ كىتىمىز ،مانا بۇ ھايات ،ئۇ نىمدىگەن گۈزەل ھە_؟....

يۇرت_ئوغلانى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34400
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6362
تۆھپە نۇمۇرى: 226
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 06:33:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپ يۇزدە ياخشىدە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82350
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3099
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 07:03:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nap--rat يوللىغان ۋاقتى  2012-8-9 12:32 AM
توغرا...................

قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت.

ئۆمىد بىلەن ياشايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4009
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 07:46:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنيا مىھرى مۇھابەتكە تولسۇن.ئۇزئارا چۇشنۇش ياشىسۇن.

ئادىل ئابابەكرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81586
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3384
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-6-14
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 08:17:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، توردىشىمىز غوجىدارنىڭ ليۇ شياڭ تېمىسىدىكى تېمامغا قالدۇرغان ئىنكاسىغا، ئۇچۇر شەكلى(يوشۇرۇن) بويىچە جاۋاب قايتۇرغانىدىم. كېيىن بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سائەت 22 دە يەنە ئۇچۇر شەكلىدە جاۋاب خەتمۇ يازغان. خېتىم يېزىلىپ بولغۇچە توردىشىمىز مۇنۇ خەتنى تېما سۈپىتىدە تورغا يوللاپ، كەڭ قېرىداشلىرىمىزنىمۇ ئەركىن، ئىلمىي مۇنازىرىدىن بەھرىمان قىلىش كۈچلۈك ئىستىكىدە بولغان ئوخشايدۇ. شۇڭا، دوستىمىزنىڭ ئۇشبۇ ياخشى كۆڭلىنى قايتۇرغۇم كەلمەي، تۈنۈگۈن كەچتە ئۆزىگە يازغان خۇسۇسىي مەكتۇپنىمۇ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا يوللاپ قويدۇم. مۇنازىرىنىڭ ئىلمىي، غەرەزسىز بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ: ئابلەتجان ياسىندىن.
  
  مەندىن 14 ياش چوڭ تۇرۇپ مېنى يەنىلا دوستىڭىز قاتارىدا كۆرۈپ ھەربىر جۈملەمگىچە خەت يازغانلىقىڭىزدىن سۆيۈندۈم...
تۇرمۇش تەجرىبىڭىز ئەلۋەتتە مەندىن كۆپ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن... بەزى نەرسىلەر راست سىز  ئېيتىپ ئۆتكەندەك، مەن دېگەندەك بولسا توغرا، بولمىسا خاتا بولىدىغان ئىش يوق، شۇنداقلا بۇ خىل ھەقىقەت ھەممىزگە ئورتاق...
تەنتەربىيە ھەقىقەتنى سۆزلەيدۇ! توپ، پۇتبول مەيدانى، توساق گەپ قىلالمايدۇ، بىراق، گەپ قىلالايدىغان تاماشىبىنلارمۇ ئۆزىنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكىدىن پايدىلىنىپ، بۇ خىل ھەقىقەتنى قانداقتۇر غەرەزلىك ھالدا باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىدىغان ۋاستىگە، قورالغا ئايلاندۇرۋالماسلىقى كېرەك ئىدى، ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە چىنلىقىنى تونۇپ ئاندىن سۆزلىشى كېرەك...
بۇ يەردىكى مەمەتتۇرسۇن چوڭنى مىسالغا ئېلىش قانداقتۇر ئىككىسىنىڭ تۈرى بىرسى - بىرسىنىڭكىگە ئوخشايدۇ، دەپ ئوخشىتىلغان ئىش ئەمەس، يەنە كېلىپ سىز قايىل بولغۇدەك دەرىجىدە تەنتەربىيىنى چۈشەنگىنىمگە قارىغاندا بۇ ئىككىسىنىڭ تۈرىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنىمۇ خېلى يامان ئەمەس بىلىمەن. بۇ يەردىكى مەسىلە دەل ھەر ئىككىسى مەيلى قانداق شەكىل بىلەن بولسۇن(ئەمەلىيەتتە، ليۇ شياڭمۇ مۇسابىقە جەريانىدا مەغلۇب بولغان، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يۈگۈرگەنلەردىنمۇ ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولغانلاردىن يەنە ئىككىسى بار، مۇناسىۋەتلىك فىلىملەر قايتا كۆرۈلگەي) بىرىنجى مەيداندىلا مەغلۇب بولغان، خەلقنىڭ يۈكسەك ئۈمىدىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىز ئۇنى مۇشتىن بىر نەچچىنى ئېتىپ ئوغۇل بالىدەك يېڭىلدى دەيسىز، يەنە بىرسى بىر قانچە مۇشنى ئوشۇق يەپ قالدى شۇ دەيدۇ، بىراق، دەل مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىۋاتقان، ئالتۇن مېدال ياكى مېدال ئالمىسا «لاتا» دەپ ھاقارەتلەيدىغان بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئۈچۈن ئاخىرىقى ھېسابتا مەمەتتۇرسۇنمۇ خەلقنىڭ ئۈمىدىنى قىلچە ئاقلىيالمايدىغا ئىش  قىلغانغا چىقىپ قالغاندەك بولمامدۇ؟!!؟؟ باشقا مىللەتنىڭ ئادەملىرى دەل مۇشۇنداق سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىسە، توغرا بولمايدۇ ، دە !!!  مەن دېمەكچى، يېڭىلسۇن - يەڭسۇن تەنھەرىكەتچىدە گۇناھ يوق!! سىزمۇ ئۆزىڭىز دەپسىز، دوختۇر،دوختۇرلىقىنى قىلۋاتىدۇ،توپچى توپ ئويناۋاتىدۇ،شوپۇر ماشىنا ھەيدەۋاتىدۇ،تازلىقچى تازلىق قىلۋاتىدۇ،سەتىراچ سەتىراچلىق قىلۋاتىدۇ،دەپ، دېمەك، تەنھەرىكەتچىلەر تەنتەربىيەنى، مۇسابىقىسىنى ئوينايدۇ. ھەممە دوختۇرنىڭ ئىلغار، ھەممە شوپۇرنىڭ مۇسابىقە ئاپتوموبېلى ھەيدىگىدەك سەۋىيىدە بولۇپ كېتىشى ناتايىن... مەن بۇرۇنقى ئىنكاستىمۇ دېگەن ليۇ شياڭ ئىككى ئاي بۇرۇنقى مۇسابىقىدە دۇنيا رېكورتى بىلەن تەڭلىشىپ، بىرىنجىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ ۋاقىتتا كىشىلىرىمىز (بەلكىم پۈتۈن جۇڭگولۇقلىرىمىز)پىسەنتمۇ قىلمىغان، ئىنكاسمۇ يازمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ قېتىم ئۇنىڭ قالغان رەقىبلىرىنىڭمۇ يېقىندىن بۇيانقى ئومۇمىي ئىپادىسى دېگەندەك ياخشى ئەمەس، ھېچبولمىغاندا، ليۇ شياڭ قورقۇپ كىرگىلى كامار تاپالمىغىدەك دەرىجىدە ياخشى ئەمەس... ئۇنىڭ ئاغرىق مەسىلىسىگە كەلسەك، 8 - چېسىلا چۈشتىن كېيىن داڭلىق پۇتبولچى بېكخامنىڭ دوختۇرىنىڭ ئۇنىڭ پۇتىنى ئوپراتسىيە قىلدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى بارلىق ئىشلارغا ئەڭ ياخشى جاۋاب. ليۇشياڭ مۇسابىقىدىن چېكىنىپ قالسا ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتە زىيان تارتىدىغىنى دەل ئۇنىڭ ئۆزى!!! پەقەت ساراڭ كىشىلا مۇشۇنداق ۋاقىتتا قەستەن چاتاق چىقىرىشى،مۇسابىقىدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن...
  خەلقىمىزدە بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايىما، دېگەن ماقال بار... مېنىڭ :«خەلق ئارىسىدا بەلكىم تەنتەربىيىنى بىلىدىغانلار ‹سان - ساناقسىز›بولىشى مۇمكىن »دېيىشىمدە، ئۆزۈمگە تۇشلۇق سەۋەبىم بار... مەن تىرىشىپ - تىرمىشىپ، ھەرخىل سىناقلاردىن ھەرھالدا ئۆتۈپ ئاڭلىتىش گورۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولدۇم، كېيىن ئەل ئىچىدىن مۇشۇ مۇسابىقىلەرگە  مۇسابىقە توغرىسىدىكى تېخنىكىلىق ياردەم ۋە ئاڭلاتقۇچىلار قوشۇنىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا ياردەم تەلەپ قىلغان بولساقمۇ لېكىن ياردەمگە، قىسقىسى، مۇشۇ ساھەدە ھەقىقي ئىزدەنگەن، تەجرىبىسى مول كىشىلەرنى ئاساسەن تاپالمىدۇق... بۇرۇن شىنجاڭ كوماندىسىدا تۇرغان پېشقەدەملىرىمىز ھەتتا 90 - يىلىدىن 2000 - يىللىرىغىچە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولغان ئوپېراتورىمىزمۇ ھازىرقى زامان تەنتەربىيىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە پۇتبول جۇغراپىيىسىدىن بىز گە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرەلمىدى... مەن بۇ ھەقتە مىسرانىم مۇنبىرىگە، پۇتبول تورىغا، ئىزدىنىش تورىغا تېما يوللاپ پىكىر - تەكلىپ، چۈشەندۈرگۈچى ئىزدىسەم، قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ياكى ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئەزىمەت پەقەت بىر - ئىككى بىلەنلا چەكلەندى... چۈشەندۈرگەنلەرنىڭ بىرسىمۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ ئادىمى ئەمەس.. مەنمۇ ھەم شۇنداق، بىزمۇ دوختۇر دوختۇرلىقىنى، ساتىراچ دېگەن ساتراچلىقىنى قىلىدۇ دەپ ئۆزىمىزنىڭ كەسپىگىلا كۈچىسەك، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى قىلمىساق بولىدۇ... دېمەك، مەيلى ئاز بولسۇن  كۆپ بولسۇن كۈچ چىقاردۇق،مېنىڭ بۆلەك ئىشىم بار دەپ، بېشىمىزنى تىقىۋالمىدۇق. رەھمەت ئېيىتقىنىڭىزغا تەشەككۈر.. خەلقىمىز ئۈچۈن قانچە قىلساق ئەرزىيدۇ...
‹‹ھېچبولمىدى دېگەندە، تىل ئىشىتساممۇ، قارشىلىققا ئۇچرىساممۇ، خەلققە ئاز - تولا نەپ يەتكۈزىمەن دەپ، يەنىلا تىرىشتىم.›› دېگەن گەپنى  بۇ تېمىنى نەزەردە تۇتۇپ دېگىنىم يوق. بۇ يەردە نەزەردە تۇتۇلغىنى پەقەت ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بىلەن 2010 - يىلدىكى دۇنيا مۇسابىقىسىلا ئەمەس. بۇ يىلقى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ساھىبخانا مەيداندىكى بارلىق مۇسابىقىسىنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ تەكلىپى بىلەن، نەق مەيداندا خالىس، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن چۈشەندۈرۋاتىمەن. ھەر ھەپتىدىكى شىنجاڭ تەنتەربىيىسى پروگراممىسىدا قويۇلىۋاتىدۇ. ۋاقتىڭىز يەتسە كۆرۈپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ. بىر ئوبزور، بىر ماقالە ئەمەس دېگىنىڭىزگە كەلسەك، ئەگەر ۋاقتىڭىز يەتسە، مېنىڭ شىنجاڭ «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلغان شىنجاڭ پۇتبولى ۋە شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيىسىگە ئائىت ئوبزورلىرىمنى، تەھلىل، ماقالە، خەۋەرلىرىمنى ئېۋەتىپ بەرسەم ئوقۇپ باقسىڭىز بولىدۇ. مەتبۇئات نىزامى بويىچە تورغا يوللىيالمىدىم... ئەگەر شىنجاڭ پۇتبولچىلىرى ئەكرەم، بارى قاتارلىقلار بىلەن بولغان سۆھبەت شۇنداقلا شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى قىسقىچە مۇلاھىزە، تەھلىللەردىنمۇ خەۋەردار بولۇشنى راۋا كۆرسىڭىز مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسسىنىڭ بۇ يىل 1- ئايلاردىكى «تۇرمۇش» پروگراممىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىرىنى ئاڭلىغايسىز...
يەنە بىر ئىش، سىزنىڭ خېتىڭىزغا جاۋاب قايتۇرۇپ بولغىچەمەزكۇر تېمىدىكى بىر قىسىم كىشىلىرىمىز تەنتەربىيەدىن ھالقىپ ئۆز - ئارا تىللىشىپ، مۇنبەرنى ۋە بۇ تېمىنى بىر ئاز پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ، ئاخىرىدا مەزكۇر تېمىنى تاقىۋىتىلشكە مەجبۇر قىپتۇ. تەنتەربىيە توغرىسىدا غەيرىي ھىسسىيات ۋە زەھەرخەندىلىك ئارىلاشمىغان مۇنازىرىگە قاتنىشىش ئويۇم يەنە بىر قېتىم سۇغا چىلاشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزگە قويغان تەلەپ بويىچە  ئۆز سۈرىتىمىز، نامىمىزدا توردا بۇنداق «قىزىققان» مۇنازىرلىشىپ، جەمئىيەتتە تەسىر قوزغاشقا بولمايتتى. شۇڭا سىزگە ئايرىم خەت يازدىم، توغرا چۈشىنىڭىزنى ئۈمىد قىلىپ:
                                           كامالىي ئېھتىرام بىلەن ئىنىڭىز: ئابلەتجان ياسىندىن.
                                                      2012 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى  سائەت 22. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan312 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 11:43 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
مەلىكە + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 08:44:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ahsaxum يوللىغان ۋاقتى  2012-8-9 12:29 AM
ئاۋۇ تىمىنى بىر كۆرۈپلا چىقىپ كەتتىم ، چۈنكى بۇ تىما ئا ...

جانلىق   ئىنكاس    .
توردىشىمىز      ahsaxum   نىڭ  يوللىغان ئىنكاسىغا  قايىلمەن   . تۆۋەندىكى    ahsaxum    نىڭ يوللىغان ئىنكاسىنىڭ بىر قىسمى  ، ھەممىمىزنىڭ ئويلۇنۇپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ   .

يەنە بىر گەپنى دىسەم ، بىزنىڭ بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۇلارنى سۆكۈش ھوقۇقىمىز يوق ! يامان بولساق بىزمۇ ئاشۇنداق مۇسابىقىلەرگە چۈشۈپ مەغلۇپ بولۇپ كېلەيلى . مەن ئەنە شۇنداق مەغلۇبىيەتچىلەردىنمۇ پەخىرلىنىمەن ! چۈنكى ئۇ ئاشۇنداق مۇسابىقىگە چۈشۈپ مەغلۇپ بولۇپمۇ بولسا كەلدى ، ئەمما بىزچۇ ؟ كومپىيۇتېر ئالدىدا نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز !  


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55775
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3870
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1523 سائەت
تىزىم: 2011-9-10
ئاخىرقى: 2012-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 10:16:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىسىيات ئارىلاشتۇرماي باھا بېرىش بەندىنىڭ قولىدىن كەلمەس(رىۋايەتتە ئېيتىلىشچە مال -مۈلكى ھەددى ھىساپسىز بولغان سۇلايمان پەيغەمبەرمۇ «ھوزۇرۇمغا ئالما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ كۆتىرىپ كىرگەن كىشى كۆزۈمگە ئىللىق كۆرۈنىدۇ»دەپتىكەن).
خەلق ئەڭ ياخشى باھالىغۇچىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28813
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5388
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2011-2-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:30:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     مۇشۇ قولىمىزدىكى جۇۋالدۇرۇزنى قاچانمۇ  تاشلىۋېتەرمىز ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

‹زىمىن نەپەسلەنسە بىزمۇ ياشايمىز، زىمىن نەپەستىن توختىسا بىزمۇ ھالاك بولىمىز...›
      __ جىبران خېلىل جىبران

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 205
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14449
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 1776 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:37:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ahsaxum يوللىغان ۋاقتى  2012-8-9 12:29 AM
ئاۋۇ تىمىنى بىر كۆرۈپلا چىقىپ كەتتىم ، چۈنكى بۇ تىما ئا ...


يامان بولساق بىزمۇ ئاشۇنداق مۇسابىقىلەرگە چۈشۈپ مەغلۇپ بولۇپ كېلەيلى . مەن ئەنە شۇنداق مەغلۇبىيەتچىلەردىنمۇ پەخىرلىنىمەن ! چۈنكى ئۇ ئاشۇنداق مۇسابىقىگە چۈشۈپ مەغلۇپ بولۇپمۇ بولسا كەلدى ، ئەمما بىزچۇ ؟ كومپىيۇتېر ئالدىدا نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز ! ................................................................................................................................................
مەن بۇ ئىنكاسىڭىزغا ئانچە قايىل بولمۇدۇم ...( بۇ سۆزۈم ئۆزۈمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HENRY تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 11:40 AM  


ھىنرىي ، Henry  ، ヘンリー  ، هنري ، 헨리 ، Αυτεπαγωγής  ،  Henri
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش