مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: شەۋقى

باشلانغۇچ مەكتەپتە ئانا تىل ئوقۇتىشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا نۇتۇق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4237
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8871
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2010-7-18
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 02:15:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بالسىنى ..... مەكتەپكە بىرۋاتقان ھەرقانداق ئىنسانغا لەنەتلەر بولسۇن ~~~~

. سېنى شۇنچىۋالا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17650
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7971
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 187 سائەت
تىزىم: 2010-11-15
ئاخىرقى: 2013-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 01:46:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە 30 يىللار ئەتىراپىدا ئۇيغۇر تىلى . دىگەن تىل يەر شارىدا مەۋجۇت ئەمەس.... بۇ بىر ھەقىقەت .. ....... ئېھ  ئۇيغۇرۇم ئانا تىلىم... مۇشۇ تاپتا ئىچى ئىچىمدىن بۇقۇلداپ يىغلاپ كىتىۋاتىمەن.. قېرىنداشلار.. ئانا تىلىمىز....جاللاتنىڭ قېلىچى ئالدىدىكى گۇناھكاردەك .. ئېچىنىشلىق ئېڭراۋاتىدۇ... ئىشەنمىسەڭلار.. مىللى خورورڭلار بىلەن يۈرىكىلارنى تۇتۇپ بېقىڭلار.. .. ئەمدى كۆز ياشلىرىمنى سۈرتىۋالاي..............

جۇدالىق ئەزگەندە مىسكىن دىلىمنى، دەرىت تۆكتۈم پايانسىز تاغۇ-دەرياغا. ۋولقاندەك ئۆرتەندى يۈرۈگۈم گويا، دەرغەزەپ بولدۇممەن رەزىل دۇنياغا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6509
يازما سانى: 1017
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14061
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 6072 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 01:14:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز......مىسرانىمدا بۇگۇن ئەڭ ياختۇرغان تىمام مۇشۇ ......... ھەممىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىن ماسلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

توغرا يول ھەمىشە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12762
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 02:22:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
10كۈننىڭ  ئالدىدا ، ئۇكۇل سالدۇرغىلى مەھەللىمىزدىكى  سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتىدا بالام بىلەن (ئەمدىلا 2 ياش )ئولتۇرسام يېنىمدىكى قىسماق كۆز ئۆزىنىڭ تىلىدا «بالاڭ بەك ئوماقكەن ، خەنزۇ تىلى ئۆگەتتىڭمۇ ؟» دەيدۇ ،
مەن : بالام ئەمدىلا سۆزلەشنى ئۆگىنىۋاتسا ، نىمە دەپ ئۇ تىلنى ئۆگىتىدىكەنمەن ؟
ئۇ : يەسلىگە بەرسەڭ خەنزۇ تىلىنى بىلمىسە قانداق قىلىسەن ؟ مەكتەپكە بەرسەڭمۇخەنزۇ تىلىنى بىلمىسە دەرس بىلمەيدۇغۇ ؟
مەن : ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ئەمدىلا ئۆگىنىۋاتقان بالىغا خەنزۇ تىلى ياكى باشقا تىل  ئۆگىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارما ؟ سەن بالاڭغا شۇنداق قىلغانما ؟
ئۇ : ياق ، مەن بالاڭنىڭ ئىستىقبالىنى دەپ شۇنداق دىدىم ،
مەن : سەن «بەك ئەقىللىق » ئىكەنسەن ، خاتىرجەم بول ، مەن بالامغا ئاۋال ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلەشنى ، يىزىشنى ، ئۇقۇشنى ئۆگىتىپ بۇلۇپ ئاندىن سەن دىگەندەك خەنزۇ تىلىنى ئۆگىتىمەن ، ئاندىن ئۆزەم بىلىدىغان ئىنگىلىز تىلى بىلەن ياپۇن تىلىنىمۇ ئۆگىتىمەن ، كەلگۈسىدە بالام سەندىن كۆپ تىلدا سۆزلىشىشنى بىلىدىغان بولىدۇ   - دىدىم .
ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن ئويلىغانسىرى ئاچچىقىم كەلدى  ، بۇندىن كىيىن ئۇيغۇردىن  كىمدە كىم ئۇيغۇر تىلىدا ماڭا ئەبجەش سۆزلەرنى قىلدىكەن ، ئۇنداق ئادەمگە گەپ قىلىدىغان ئاغزىم يوق  ، خالىسام ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدە خالىغان ئادەمگە ئۆز تىلىمدا سۆزلەۋىرىمەن ، ھىچكىمنىڭ مىنىڭ تىلىمغا ھاقارەت قىلىدىغان ، قارا سانايدىغان ھۇقۇقى يوق  ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاپتۇنومىيە قانۇنىدا بىر ئوبدان مەزمۇنلار بار ، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى تەرەققى قىلدۇرۇش- ئىشلىتىش ھۇقۇقى بار ، ئانا تىلنى يەرلەپ قۇيىدىغان بولدۇق دەپ نالە قىلغانلارنىڭ ئاغزىغا ئاشۇ .......

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5257
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8569
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 02:45:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى كۈچلۈك، ئەمەلىيەت ئاساس قىلىنغان ھالدا سۆزلىنىپتۇ. ھازىر مەكتەپلەردە «قوش تىل»دىن ئىبارەت خەنزۇتىلى ئوقوتۇشى ئاساس قىلىنغان باشقا تەرەپلەر نەزەردىن ساقىت قىلىنغان ھالدا ئوقوتۇش ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، رەھبەرلىك ۋە ئاساسى قاتلامدىكى ئوقوتقۇچىلار ئىدىيسىدە «قوش تىل» بويىچە نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ئوقوتقۇچىلارنى ماختاپ كۆككە كۆتىرىش، «ئانا تىل» بويىچە ئوقوتۇشقا ھەقىقەتەن سەل قاراش خاھىشى ئەۋج ئىلىۋاتىدۇ. ھەممىنىڭ ئىغىزىدا «قوش تىل» بار. ھەمدە ئوقوتۇشتا «قوش تىل» بويىچە دەرىس ئۆتۈش ئەمەس بەلكى نوقۇل ھالدا خەنزۇتىلىدا دەرىس سۆزلەش، ئۇيغۇرتىلىنى ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىشتەك ناچار خاھىشلار باش كۆتۈرۈپ چىقتى.
مەنمۇ قوشۇمچە قىلىپ تۆۋەندىكى ئىككى تۈرنى قوشۇپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ.
1- مائارىپ ساھەسىدە ئوموميۈزلۈك بىرتەرەپلىمە بولغان كۆزقاراش ئىدىيسى كۈچلۈك.يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك «قىلىسەن» دىگەننى ئۆز ئەمەلىيتىگە تەدبىقلىسا ماس كىلەمدۇ-كەلمەمدۇ؟ بۇ نىڭ بىلەن ھىچ كىشىنىڭ كارى يوق. پەقەت  يۇقىرىنىڭ يوليۇرۇقىنى قارغۇلارچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ تەتقىقات ئىلىپ بارماسلىق، ئوقوتۇش تەتقىقات ئورۇنلىرى ئۆز خىزمىتىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەلمەسلىكتەك ئىنتايىن ئىچىنارلىق ئەھۋاللار قەدەمدە، ھەرقايسى ناھىيە شەھەرلەردە ئورتاق ئەھۋالغا ئايلىنىۋاتىدۇ. ماس كەلمەسلىك ئەھۋاللىرىغا قارىتا مەكتەپ رەھبەرلىكى دادىللىق بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا ئەھۋال مەلۇم قىلماسلىق، ئەھۋال مەلۇم قىلىش سەۋەبلىك رەھبەرلەرنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشتەك قورقۇنۇشلۇق ئەھۋالغا قىلىشتىن ئەنسىرەش(مەكتەپ راسخۇتلىرىدىن كىلىدىغان قوشۇمچە تاپاۋىتىدىن قۇرۇق قىلىشنى خالىماسلىق) تەك مەنپەئەتپەرەسلىكى مىللى مائارىپىمىزدا ئىنتايىن چوڭ ھاڭ پەيدا بولۇشنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «كالا مەپىدە، ئات جۇۋازدا» تەمسىلى بويىچە مائارىپنى چۈشىنىدىغان، مائارىپتا ھەقىقى ئىسلاھات ئىلىپ بىرىپ مىللى مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىشى، مىللەت ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە كۈچ قوشىدىغان كىشىلىرىمىز باشلىقلارنىڭ كۆزىگە مىخ بولۇپ سانجىلىدىغان، بەرگەن ئورۇنلۇق تەكلىپلىرى ئۈچۈن ئورۇنسىز مالامەتلەرگە ئۇچرايدىغان ئىشلار مائارىپ تەرەققى تاپالماسلىقتا ئاساسلىق سالماقنى ئىگەللەۋاتىدۇ.
2-ئوقوتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئەتەي ئىغىرلىتىش، ئوقوتقۇچىلارنىڭ زىھنى قۇۋۋىتىنى خورىتىپ چارچىتىش، ئارام ئىلىش پۇرسىتى بەرمەسلىك. ئاساسلىق پەن، قوشۇمچە پەندىن ئىبارەت مائارىپتىكى ئىنتايىن، ئىنتايىن، ئىنتايىن ئەڭ ئىچىنارلىق ئۇقۇم پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ كەمتۈك بولۇشى، كىيىنچە قولدىن ئىش كەلمەيدىغان، جاپاغا چىدىمايدىغان، بىر ئىشنى باشقا ئىلىپ چىقالمايدىغان يارامسىزلارنى كۆپلەپ يىتىشتۈرۈشتە موھىم رول ئويناۋاتىدۇ.
مەن مۇنداق بىر ئەمەلىي مىسالنى ئوتتورىغا قويۇپ ئۆتەي. (ئۆز خىزمەت ئەمەلىيتىمدىن خۇلاسىلىغانلىرىم)
بىر ئوقوتقۇچىنىڭ ھەپتىسىگە 20سائەت دەرىسى بار دىگەندە بۇ ئوقوتقۇچى ھەپتىسىگە تەكرار ئەمگەك بولغان دەرىس پىلانى تۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ دەۋرىيلىككە ئىگە بولغان ئىشنى ئىشلەيدۇ. بىزنىڭ دەرىس پىلان دەپتىرىمىز بىر سائەت ئۈچۈن ئۈچ بەت بولۇپ تەلەپ بىر سائەتلىك دەرىس پىلانى تۈزۈش ئۈچۈن 2سائەت ۋاقىت كىتىدۇ، ئۇنداقتا 20سائەتلىك پىلان ئۈچۈن 40سائەت ۋاقىت سەرىپ بولىدۇ. ئۇندىن باشقا بۇ ئوقوتقۇچى 40نەپەر (ئەمەلىيەتتە سىنىپلارنى ئىخچاملاپ ئوقوتقۇچىلار كۈچىنى تىجەش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە سىنىپلىرىمىزدا ئەڭ يۇقىرى 57نەپەر تۆۋىنىدە 40 نەپەر بالا بار) ئوقوغۇچىنىڭ بىر قىتىملىق تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەشكە توغرا كىلىدۇ. بىر ئوقوغۇچىنىڭ تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرۈشكە 5مىنۇت ۋاقىت كەتتى دىگەندە 40 بالا ئۈچۈن 200مىنۇت. ئوتتورىچە ھىساب بىلەن 3سائەت، ئىككى قىتىملىق تاپشۇرۇقى ئۈچۈن 6 سائەت ۋاقىت كىتىدۇ. ئۇندىن باشقا قوشۇمچە يازىدىغان سىياسى ئۈگىنىش،سىنىپ مۇدىرلىق خاتىرىسى قاتارلىق 11خىل خاتىرىنى يىزىشى، مەكتەپلەرگە ئايرىپ بىرىلگەن تۈرۈلۈك قوشۇمچە خىزمەتلەرنى ئىشلەش، دەرىس ئۆتۈش بولۇپ، بىر ئوقوتقۇچى بىر ھەپتىنىڭ تولۇق 5 كۈنىدە بىكارقالمايدۇ. ئەمدى ئوقوتقۇچىنىڭ ئائىلە ئىشىچۇ؟؟؟؟ بۇنىڭ بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى يوق. شۇنىڭ بىلەن ئوقوتقۇچى بۇنىڭغا بەرداشلىق بىرەلمەي جان ساقلاش كويىغا چۈشمەي نىمە ئىلاج، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى كىرەك ، دەرىس پىلانى تۈزۈشكە ۋاقىت يوق دەرىسخانىدا پىلان تۈزۈش، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش ئىشلىرى كىلىپ چىقىدۇ. ئەتە ئۆتمەكچى بولغان دەرىسنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئوقوتقۇچى بەزىدە ئۆزى بىلمەيدۇ ھەتتا دەرىستىن بۇرۇن ئۆتىدىغان دەرىس مەزمۇنىنى بىرقىتىم كۆرۈپ چىقىپ ئۆزلەشتۈرۋىلىشىغا يىتىشەلمەيدۇ. بالىلار قاراپ تۇرۇپ زىيان تارتىدۇ.
مىنىڭ بۇجەھەتتە ئويلايدىغىنىم. يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىدىكى ئوقوتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى تەييار تۈزۈپ تارقاتقان دەرىس پىلانلىرىنى ئوموملاشتۇرۇپ ئوقوتقۇچىلارنى دەرىس پىلانى تۈزۈشتىن ئازات قىلىپ، ئۇلارنىمۇ مەلۇم ۋاقىت بوشلۇقىغا ئىگە قىلىپ، ئائىلە ئىشلىرى، تۇرمۇش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزسا، ئۆتىدىغان دەرىس مەزمۇنىنى دەرىستىن بۇرۇن كۆرۈپ ئۆزلەشتۈرۈشكە يىتەكلىسە ئۈنۈم يۇقىرى كۆتىرىلمەمدۇ؟
دەرىسلىك ئىچىدىكى تەبىئى پەنلەر (ھەممىمىزگە مەلۇمكى تەبئى پەن ئىنتايىن موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ) ماتىماتىكا دەرىسلىكى نىسپەتەن چىڭ تۇتۇلغاندىن باشقا ئىلىم-پەن، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئەت، مۇزىكا قاتارلىق ئوقوغۇچىلارغا ئەمەلىي نەپ بىرىدىغان، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى يۇقىرى كۆتىرىدىغان، ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك دەرىسلىكلەرنى ئۆتەلەيدىغان ئوقوتقۇچىلارنى باشقا پەن ئوقوتۇشىغا ياكى سىنىپ مۇدىرلىقىغا قەستەن قويۇپ يۇقارقى دەرىسلىكلەرنى كەسىپ ئەھلى بولمىغانلارغا تۇتقۇزۇپ ئۇلارنىڭ جان ساقلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بۇ دەرىسلىكلەريىتىملار قاتارىدا مۇئامىلىگە ئۇچراش سەۋەبلىك مىللىتىمىز ئىچىدە بۇ تۈرلەردە ئۇزۈپ چىققانلار ئاز بولۇش، ھەرقايسى ناھىيە شەھەرلەردە بۇ ساھەدە ئىپتىخارلىنىدىغان كىشىلىرىمىز ئاز ھەتتاكى يوق بولۇشتەك ئەھۋاللارغا داۋاملىق مەدەت بەرمەكتە.
شۇنىڭغا ھەيرانمەنكى مائارىپتىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مائارىپ قانۇنىيىتىگە زىت بولغان ئەھۋاللار كۆپ تۇرۇقلۇق بۇنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدەنمەي، ئۇنى ھەل قىلماي يەنە تىخى «نىمە ئۈچۈن ئوقوتۇش سۈپىتى تۆۋەن؟»، «قانداق قىلغاندا ئوقوتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟» دىگەندەك قاملاشمىغان تىمىدا مۇزاكىرە، ماقالە يىزىشقا ئۇيۇشتۇرۇشلارنىڭ كۆپلىكى.
قىسقىسى ئۇيغۇرلارمائارىپىدا كۆرىلىۋاتقان كىرىزىس ھەقىقەتەن ئىغىر بولىۋاتىدۇ. تۆۋەننىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلايدىغانلاريوق دىيەرلىك ئاڭلىغاندىمۇ ھەل قىلىنىش ئىشى يوق.
قوشۇمچە؛ مۇنبەردىكى باغۋەن ئىسىملىك توردىشىمغا شۇنداق دىگۈم كىلىۋاتىدۇ. «سىزمۇ كىنو تەشۋىق قىلىپ يۈرگۈچە مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ياخشى تىمىلارنى يوللىسىڭىز ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ئوقوتۇش داۋامىدا توپلىغان ياخشى تەجرىبىلىرىڭىزگە ئاساسلىنىپ بىزگە تەلىم بەرسىڭىزچۇ كاشكى، قىرىلار، ياشانغانلار ياشلارغا ئۆز تۇرمۇش تەجىرىبىسىنىڭ مىغىزلىرىنى ئىرىنمەي سۆزلەيدىغان سىزمۇ 50گە بىرىپسىز. بىزگە نەدىكى پەتىۋالارنى سۆزلىمەي مىللەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەر، مائارىپچى بولسىڭىز، يۈرىكىڭىزدە ئوت كۆيىدىغان مائارىپچى بولسىڭىز مانا مۇشۇ تىمىدەك ياخشى تمىلار ئاساسىدا بىزگە نەپ بىرىدىغان تىمىلارنى قالدۇرۇڭ. شۇندىلا ھەممىمىزنىڭ قولىمىز كۆكسىمىزدە، ھەرۋاقىت سىزگە ئىھتىراملىرىمىز، ھۆرمەتلىرىمىز بىلەن سىزنى ئالقىشلايمىز»
(مىنىڭ يازغىنىم ئۆز رايۇنۇمدىكى ئۆزۈم تۇرۇشلۇق مەكتەپلەردىكى ئەھۋاللار، باشقا رايۇنلارنىڭ بۇنىڭدىن پەرىقلىنىشى مۇمكىن ئوموميۈزلۈك تەدبىقلىۋالماسلىقىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن)
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم مەن بىر ئوقوتقۇچى بەك پەلسەپىۋىيلىك يۇقىرى سەۋىيىلىك پىكىر قىلالمىغان بولساممۇ لىكىن ئازراق بولسىمۇ ئەمەلىيەتنى سۆزلىدىم. تورداشلارنىڭ كۆڭلىگە ياقمىغان، ئەمەلىيەتتىن چەتنىگەن يەرلىرى بولسا ئىلمىيلىك ئاساسىدا كۆرسىتىپ بەرسەڭلار.

جاھاندا بىكارلىق تاماق يوق. ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە نەپسىڭ مىنىۋالمىسۇن.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83555
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 520
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2012-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 04:14:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
تەۋپىق روھى
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83555
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 520
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2012-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 10:37:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
تەۋپىق روھى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38649
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3809
تۆھپە نۇمۇرى: 147
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 08:28:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izdanguqi يوللىغان ۋاقتى  2012-8-16 02:45 AM
بۇ تىمىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى كۈچلۈك، ئەمەلىيەت ئاساس قى ...

دېگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق، بۇلار ئارتۇقچە پەلسەپە ئەمەس مائارىپچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئاڭ ۋە مەسھۇلىيەت~

باشقىلارغا تەبە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 1427
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8971
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 6376 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 12:07:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھازىرقى ئانا تىل ئوقۇتىشىنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ كۆڭلۈم يېرىم بۇلىدۇ. مەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆلىمى خېلى چوڭ ئۇيغۇر خەنزۇ ئارلاش مەكتەپتە ئىشلەيمەن.بىزنىڭ مەكتەپتە ئالى مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن بىرلا ئوقۇتقۇچى بار. ئۇ تېخى سىنىپ مەسئۇلى ئەمەس .سىنىپ مەسئۇلى بولغانلار ئاساسەن تىل ئەدەبىيات دەرسى بېرىدۇ.دەرسلەر ئاساسەن خەنزۇچە بولغاچقا ئانا تىل دەرسىگە چىقىپ ئۇيغۇرچە بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار كۆپىيۋاتىدۇ.ھەر قانداق ئوقۇتقۇچى ئانا تىل دەرسىنى بەرسە بۇلىۋىردىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.كەسىپى ئانا تىل بولمىغانلار  ئانا تىل دەرسىنى ئۈسىتىگە ئېلىۋاتىدۇ.ئالى مەكتەپتە ئانا تىل كەسپىدە ئوقۇغانلار خەنزۇچىنى ياخشى ئۆگەندى دەپ خەنزۇچە دەرسكە بەلگىلىنۋاتىدۇ.ئازراقلار خەنزۇچىنى جايلاپ سۆزلىسە بىلىملىك ھىساپلىنۋاتىدۇ.ھەقىقى بىلىملىك ئوقۇتقۇچىلار تىل بىلمىگەچكە ئۆي چىقىش ئىشخانىسى ياكى مەھەللە كۆمتىتىلىرىغا چىقىپ شۇ يەردە ۋاقىتلىق ئىشلىمەكتە.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79090
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3258
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 12:43:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا ھەممىمىز ئۇرۇق تۇققانلانىڭ ئانا تىلغا بولغان چۈشەنچىسىنى تۈزىشىمىز كىرەك . قۇرۇق گەپكە   ھىشنىمە كەلمەس

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش