رەھىمى يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 05:35 PM
ش ئا ئە ت ئارىلاشسىمۇ شۇ ئامرىكىنىڭ پايدىسىغىراق بېقى ...
ئۆكتىچىلەرنىڭ ھازىرقى كۈچى بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنى بويسۇندۇرۇش ئىنتايىن تەس، ئاپتۇمات ئادەتتىكى مىناميوت، سىنارەدلەر ئارقىلىق قىرغۇچى ئايروپىلان، تىك ئۇچار ئايروپىلان، تانكا، بىرونىۋىكلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەسلىكىنى ئويلاپمۇ ھىس قىلغىلى بولىدۇ، ناۋادا لېۋىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىۋاتقان مۇساپىرلارمۇ قولىغا قورال ئىلىپ جەڭگە قاتناشقان بولسىدى ئۈنۈمى باشقىچىرەك بولغان بولاتتى.
ھازىرقى شارائىتتا بەشارنىڭ ھوقوقنى تاپشۇرۇشى ئۈچۈن ش ئا ئە ت نىڭ قاتتىق قول بىسىمىلا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالايدۇ، ئۆكتىچىلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ كۈچىنى مۈشۈك بىلەن يولۋاسقا ئوخشىتىشقا بولىدۇ، بەشار نىيىتىنى بۇزسا ئۆكتىچىلەرنى نەچچە ھەپتىدىلا يۇغۇشتۇرىۋىتەلەيدۇ، ھازىر ش ئا ئە ت نىڭ ئارلىشىشىغا باھانە تىپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن بولسىمۇ، ئاز بىرقىسىم تىك ئۇچار ئايروپىلان، بىرونىۋىك ۋە تانكىلارنىڭ ياردىمىدە ئۆكتىچىلەرگە تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ، ھەلىب شەھىرىنىمۇ ئۆكتىچىلەردىن تارتىۋاپ بولدى، ناۋادا نىيىتىنى بۇزۇپ ئېغىر تىپتىكى قوراللىرىنى ئىشقا سالسىلا ئۆكتىچىلەر بىرقەدەممۇ ئالغا ئىلگىرلىيەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا زالىملارنىڭ، زالىملارنىڭ قولى ئارقىلىق جازالانغىنى ياخشى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-10 07:36 PM