arnaw يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 07:55 PM
سىز بايقاپ سويلەڭىز ، ارا باغىپ بال تارتقان قازاقتارد ...
ئارناۋ،مەن قازاقشا يازالمىساممۇ،ئەمما قازاقچىنى چۈشىنىمەن.بوپتۇ سەن مېنىڭ ئىنكاسىمنى پۈتۈنلەي خاتا چۈشىنىپ مېنى ئەڭ يامان سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلەش ئارقىلىق،خېلى ئاچچىغىڭىنى چىقىرۋاپسەن.بۇمۇ سېنىڭ قانچىلىك ساپاغا ئىگە ئىكەنلىگىڭنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ،مەن سەندەك ئادەم تىللاشنى كەسپ قىلمىغان بولغاچقا ساڭا قايتۇرۇپ تىللاشنى بىلمەيمەن.مەيلى قوبۇل قىل ياكى قىلمىغىن،مەن قىسقىلا يازغان ئىنكاسىمنىڭ ھىچبىر يەردە قازاققا قارىتىلمىغانلىغىنى ئەسكەرتىپ قوياي.
ھازىر ھەسەلچىلىك پۈتۈنلەي ساختا ئىشلەپچىقىرىش يولى بىلەن بازارغا سېلىنىدۇ،ھەقىقى ساپ ھەسەل تېپىش بەك تەس،مەن ئىلىدا ھەسەل ئىشلىگۈچىلەرنى ئوبدان بىلىمەن،مەن يايلاقتا ھەسەل بېقىۋاتقانلاردىنمۇ(چارۋىچى ئەمەس)ھەقىقى ھەسەل سېتىۋالغىلى بولمايدىغانلىغىنى بىلىپ بەك ئەپسۇسلاندىم،شۇنىڭ بىلەن شۇ يەرلىك قازاق يولداشتىن ئەھۋال ئۇقۇشتۇم،سىلەر ئۆزۈڭلاردىكى ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلنىپ ھەسەل ھەرىسى بېقىپ ھەقىقى ساپ ھەسەل ئىشلەپچىقارساڭلار بولمامدۇ دەپ سورىسام،ئۇ كىشى كۈلۈپ كېتىپ،بىزنىڭ بېشىمىز ئىششىپ قالمىسا بال ئىشلەيمىز دەپ نىمە ئاۋارە بولىمىز،بۇ بىزنىڭ كەسپ ئەمەس،بىز يەنىلا مال باققىنىمىز تۈزۈك دېدى،مەسخىرە ئارىلاش.مەن قايتۇرۇپ سورىدىم،بۇ نىمە دېگىنىڭىز چۈشىنەلمىدىمغۇ؟دېدىم.ئۇ كىشى خېلى گەپدان ئادەمكەن.ئۇ دېدى:ئۆزىڭ بىلېسېن،قازىر بازاردا ساپ بال جوق،ھەممىسى يالغان.بىز يالغاننى قىلمايمىز ھەم قىلىشنى نومۇس دەپ بىلەمىز،بالنى يەنىلا باشقىلار ئىشلەپ ساتسۇن،بىز قازاقلار بال ئىشلىسەك،بىزنىڭكىنى باشقىلار يەنە يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ ساتىدۇ.ئاخىرى بېرىپ قازاق يالغان ھەسەل ساتات دەپ باشقا ئۇلتتار بىزنى مەسخىرە قىلىدۇ ،شۇڭا بىز ئاساسەن بال ئىشلىمەيمىز، ساتمايمىز،بىز تېخى ئۇنىڭغا(يالغانغا)ئۆتمىدۇق دەپ جاۋاپ بەردى.بۇ مەن ئۆتكەن يىلى موڭغۇلكۈرە يايلىغىدا بىر قازاق چال بىلەن پاراڭلاشقاندىكى جەريان.دېمەك چارۋىچى مىللەتلەردە تېخى يالغاننى ياساش باشلانمىدى،ئۇلار يەنىلا ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى ئىشلەپچىقىرشنى داۋاملاشتۇرۋاتاتتى.مەن شۇ چاغدا بۇ ئادەمگە كۆڭلىمدىن قايىل بولدۇم،ھەم ئۇنىڭ ئاددىلا دېگەن سۆزلىرىدىن كۆپ نەرسىلەرنى چۈشىنىۋالدىم.يىراق قىردىكى ئاددى بىر قازاق چارۋىچىدا ئۆز مىللى غورۇرىنى ساقلاش ئۈچۈن زور پايدىدىن ۋاز كەچكەنلىگى مېنى كېچىچە ئويلاندۇردى.بىزدىمۇ شۇنداق ئاددى ئەمما غورۇرلۇق كىشىلەرنىڭ كۆپ بولىشىنى ئۈمۈت قىلدىم.ماڭا مۇشۇ جەريان بەك تەسىر قىلغاچقا،بۇ تېمىدىكى بىر تورداشنىڭ روسلارنى قازاق دەپ بىلىپ يازغان ئىنكاسىغا،مەن ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچىسى بىلەن مەسخىرە ئىنكاس يېزىپ قويغان ئىدىم.مانا بۇ مېنىڭ ئاددى ئىنكاسىم ئارناۋنىڭ تىتاڭ تومۇرۇغا تېگىپ كېتىپتۇ.مېنىڭچە ئۇ ھېلىھەم چۈشەنمىسە كېرەك.مەيلى كېرەك يوق!مۇھىمى مەندە چارۋىچى مىللەتلەرگە نىسبەتەن ھىچقانداق غەيرى قاراش يوق..ارناۋمۇ قازاققا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ،ئۇنىڭ مېنى تىللىغىنى پەقەتلا ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلالايدۇ دەپ قارايمەن.چارۋىچى دېسە بەزىلەر مېنى پەس دېدىڭ دەپ چۈشىنىۋالىدىكەن،مۇنبەردە مەن پالانچى،پۇستانچى دەپ يۈرمەي چارۋىچى دەپلا ئالغانىدىم.