ھازىر يوۇقلۇق تىزلىگىنى ئۈلچىگەن تەجىربە ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى ھەققىدىمۇ ئۇخشىمىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.فۇتۇننىڭ ھەركەت شەكلىنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ ئۇنىڭ ئەمىلى تىزلىگىنى توغرا بىكىتكىگىلى بولمايدۇ.بۇ ھەقتىكى بەزى قاراشلىرىمىزنى 2009-يىلى چوڭچىڭ ئۇنۋىرىستېتى نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىدا ئوتتۇرىغا قويغىنىمىزدا لى فاڭيۆئەپەندى«بۇ مۆمكىن،لىكىن پىرىنسىپال مەسىلە ئەمەس»دىگەن ئىدى.ھالبۇكى بۇلتۇر نىترۇنۇ تەجىربىسىدىكى(كىيىن ئۇسكۆنىدىكى خاتالىقكەن دىيىلىپ نەتىجە رەت قىلىندى) كىچىككىنە قىممەت دۇنيانى شۇنچە ھاياجانلاندۇرىۋەتتى.شۇنىڭدىن قارىغانداقىممىتىنىڭ چوڭ ياكى كىچىك بولىشىدىن قەتئى نەزەر يورۇقلۇق تىزلىگىدىن ئىشىپ كەتسىلا بۇ ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ پىرىنسىپال ئاساسىغا بىرىپ چىتىلسا كىرەك. سەۋەپ يورۇقلۇق تىزلىگىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپى تار مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرى.بۇ پىرىنسىپ ئاغدۇرۇلسا تار مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى غۇلاپ چۈشىدۇ.تار مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريەسىسىز كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدۇ.
فۇتون تۇز سىزىق بويىچە ھەركەت قىلامدۇ ياكى تەكشىلىكتىكى سىنۇس ئەگرى سىزىغىدەك ھەركەت قىلامدۇ.ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ھەركەت شەكلى ئېنىقلانغاندىن كىيىنلا ئۇنىڭ ئەمىلى تىزلىگىگە توغرا ھۆكۆم قىلغىلى بولىدۇ.يەنى:
كۆرۆنۆپ تۇرۇپتىكى يۇقۇردىكى سىنۇس ئەگرى سىزىغى بىلەن،بۇ ئەگرى سىزىقنىڭ ئوتتۇرسىدىن ئۆتكۆزۆلگەن تۇز سىزىقنىڭ ماكاندا ئىگەللىگەن گىئومىتىريىلىك مىقدارى تەڭ ئەمەس.
ئەسكەرتىش:رەسىمنى مەقسەتنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن باشقا مەنبەدىن ئېلىپ كەلدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-17 10:57 PM