پىسخىكىلىك چارچاشنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى ـ مۇھەببەت ...
بۈگۈن جى ۋان خانقىزنىڭ كەيىپياتى بەكلا ناچار ، پۈتۈن بەدىنى خۇددى
تاغ بېسىۋالغاندەك ئېغىر ، ئۇ ئىشتىن كىلىپلا ھوجرىسىغا كىرىپ كارىۋاتقا
ئۆزىنى ئاتتى . ھېچ ئۇيقۇسى كىلىدىغاندەك ئەمەس . ھەر خىل چۈشنىكسىز
خىياللار ، ئۈمىدسىزلىك ، چۈشكىنلىك ئۇنى چىرمىۋالغان ئىدى .
مۇشۇ دەقىقىدە تىلفۇنى سايراپ كەتتى . تېلفۇننى ئۇ ياخشى كۆرىدىغان
يىگىت ئۇرغان ئىدى . بۈگۈن ئۇنى كەچلىك تانسىغا تەكلىپ قىلغان ئىدى .
جى ۋاننىڭ بايامقى كەيىپياتىدىن قىلچە ئەسەر قالمىغان ئىدى .
ئۇ يىگىت بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئەڭ چىرايلىق كۆينىكىنى كىيدى .
چىرايلىق ياساندى . ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى كەيىپياتى تۇلىمۇ ياخشى
ئىدى . يىنىك قەدەملىرى بىلەن روھلۇق ھالدا كۈلۈمسىرگىنىچە يىگىتى
بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ماڭدى .
بىكارچىلىق ، مەسئۇليەتسىزلىك ، ئەپلەپ ـ سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈش
ھورۇنلۇق ، قولنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ قويۇشلارمۇ ئادەمنى چارچىتىپ
ئاسان كاردىن چىقرىدۇ . ئادەم كۆپ ئىشلەپ كەتكەنلىكتىن ئەمەس
ھورۇنلۇقتىنمۇ ئاسان چارچايدۇ . شۇڭا ما ھورۇن خۇتۇنلار سەھەر تۇرۇپ
نامازغا تۇرۇڭلار ، ھوجرا ياتاق ، ھويلا ـ ئاراملارنى پاكىز تازىلاپ ، بەدەن ـ
چاچلىرىڭلارنى پاكىز تۇتۇڭلار ! ئاتا ـ ئاناڭلار نەچچە يىل جاپايىڭلارنى
تارىتتى . سەھەر تۇرۇپ ئۇلارغا ناشتىلىق تەييارلاڭلار !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-11 07:44 PM