gulnaze يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 11:51 PM
بۇ كىچىدە بىر -قانچەيلەن ئولتۇرۇپ ،مۇڭداشسا بۇلدۇ .لىك ...
قەدىر كىچىسىنىڭ ئۇلۇغلىقى، خاسىيىتى توغرىسىدا تىما ئىگىسى بىلەن دوستىمىز bogaltir بىر قەدەر ئەتراپلىق چۈشەنچە بىرىپتۇ. مۇشۇنداق «قۇرئان كېرىم» ۋە ھەدىس شېرىپتا ئېنىق كۆرسىتىلگەن ئۇلۇغ كىچىدە، 83 يىلغا تەڭ خاسىيەتلىك كىچىدە بىر- قانچەيلەن مۇندىشىپ تۈنەش تولىمۇ ئەخمىقانىلىك بۇلىدۇ دەپ قارايمەن. مېنىڭچە بۇ كىچىدە تۈۋۈندىكى ئىشلارنى قىلىش كىرەك:
1. ساۋاتىمىز بولسا «قۇرئان كېرىم»نى تىلاۋەت قىلايلى.
2. قازا ناماز ئۇقۇيلى. تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن ھەممىمىزنىڭ گەدىنىدە ۋاقتىدا ئۇقۇيالمىغان قازا نامازنىڭ قەرزى بار، بۇنى ئاخىرەتكە ئېلىپ كەتسەك بولمايدۇ. بىر كۈنلۈك فەرز ناماز 17 رەكئەت، بۇنىڭغا 3 رەكئەت ۋىتىر(ۋاجىپ)نى قوشساق 20 رەكئەت بۇلىدۇ. مۇشۇ بۇيىچە قانچىلىك ئۇقۇيالىساق شۇنچىلىك ئۇقۇيلى.
3. « تەھلىل» ئۇقۇيلى. يۇقارقى ئىشقا قۇربىمىز يەتمىسە ياكى چارچاپ قالساق «تەھلىل» يەنى «لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممىدىن رەسۇلىللاھ»نى تەسپى سىرىغاچ ئۇقۇيلى. بىكارغا«تەسپى تارتىپ» ئولتۇرۇشنىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى يوق، لىكىن ئۇخلاپ قالماسق ئۈچۈن تەسپىدە ساناپ ئۇقۇسا خاتا بولمايدۇ.
مېنىڭچە « مەن مۇسۇلمان» دىگەن ئادەم يۇقارقى 3 ئىشنىڭ ئەڭ كەم بولغاندىمۇ بىرىنى قىلىشقا قۇربى يىتىدۇ، ياكى بۇ 3 ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلسىمۇ بۇلىدۇ.
ئاللاھ ھەممىمىزنى قادىر كچىسىگە مۇيەسسەر قىلسۇن!