بىرىنچى پارچە رەسىمنى مەن مۇنداق تەسەۋۇر قىلدىم
كۈز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى بىر چۈپ ئاشىق مەشۇق باخچىدا سەيلى قىلىپ كېتىۋاتاتتى ، ئۇلار دەل رەسىمدىكى ئورۇندۇقنىڭ قېشىغا كەلگەندە يىگىت قىزنى بىر دەپ ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىشقا تەكلىپ قىلدى ، قىز تەكلىپنى قۇبۇل قىلىپ ئەمدىلا ئولتۇرۇشقا تەرەدۇت قىلىۋىدى ،يىگىت توساتتىن ؛ توختاڭ ، ھاۋا سۇغۇق ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورۇندۇق ئۇستى ئازراق مەينەتكەن دىدى - دە بوينىدىكى شارپىسىنى يىشىپلا ئورۇندۇققا يايدى ، شۇنداق قىلىپ قىز يىگىت ئورۇندۇقتا يانمۇ - يان ئولتۇرۇپ ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا مۇڭداشتى ، كۈن پېتىپ قاش قارىيىشقا باشلىدى ، ئەمما ئۇلارنىڭ شىرىن گەپ سۆزلىرى تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، ئۇلار بىر چاغدا ئورنىدىن تۇردى -دە مۇڭداشقاچ ئاستا مېڭىپ كەتتى . ئۇلار يولىغا راۋان بولدى ئەمما ئورۇندۇق ئۈستىدىكى شارپا ئەنە شۇنداق ئۇنتۇلۇپ قالدى .. پوتوگىراپ كەسپىگە بەكلا ھەۋەس قىلىدىغان ئەخمەت مەخەت ئەپەندى دەل شۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدى ۋە ئىختىيارسىز ئورۇندۇق ئۈستىدىكى شارپىغا كۆزى چۈشۈپ قالدى ،ئۇ فوتو ئاپراتىنى قولىغا ئالدى ، 'چارس ' لا قىلىپ سۆرەتكە تارتتى ، ئاندىن بۇ رەسىمنى مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللاپ قويدى ...
مېنىڭ تەسەۋۇرۇم توغرا بولدىمۇ -يا ؟!