مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: rawna007

ئۇيغۇر كىنوچىلىقى توغرىسىدا ئەندىشىلىك خىياللار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 02:55:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

باشقىلار كۆكتە ئ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3642
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 02:55:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە بۇ ئىشتا كىنوچىلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ كىچىكىنى ياراتماسلىق، چوڭىنى تاپالماسلىقتەك قانائەتسىز ھالەت ساقلىنىپ قالغان، كۆپ قىسىملىق بولمىسىمۇ بىر ئىككى قىسىملىق كىنو ئىشلەشكە مېنىڭچە ئۇنچە كۆپ مەبلەغمۇ كەتمەيدۇ، ئۆگزىگە چىقىش ئۈچۈنمۇ بىردىن بىردىن يامىشىپ چىقىدىغان گەپ، شۇنداق بولغان ئىكەن بىزمۇ بىراقلا ئۆزىمىزنى ئۆگزىدە كۆرىمىز دىمەي ئۆز تىرىشچانلىقىمىزنى جارى قىلدۇرساقلا بولاتتى. ئەمما بۇ ئىشلارغا ئارىلىشىشنى، كۆڭۈل بۆلۈشنى خالىمايدىغانلار كۆپ ئوخشايدۇ. مىليونگۈل فىلىمىنى ياقتۇرىمەن، ئۇمۇ ياخشى ئىشلەنگەن كىنو، ئەمما ئىقتىساد مەسىلىسىدىنمىكىن بىلمىدىم ئېلان خاراكتىرىنى ئالغان كۆرۈنۈشلەر بىزە كۆپرەك. (بۇ مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم، ئىنكاسىمنى نەقىل قىلىپ تىللاپ يۈرمەڭ)

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 02:56:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33703
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5720
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 1325 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 03:00:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي، بىزنىڭ كىنوچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىي قىلالماسلىقىدىكى مەسلە تۆۋەندىكىدەك.
1. كىنو مەزمۇنىغا قويۇلغان چەكلىمە:   بىز پەقەت ئاددى تۇرمۇش فىلىمى،مۇھەببەت فىلىمى، كومىدىيىلىك فىلىم،  تەربيىۋى-تەشۋىقات خاراكتېرىنى ئالغان فىلىملەرنى ۋە كارتون فىلىملەرنى( تارىخىي، ئۇرۇش، قورقۇنىچلىق، تېرورلۇق، ھەركەتلىك فىلىملەردىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنچلىكى يوق) يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشىلىشىمىز كېرەك.
2. بىزدە ياخشى سىنارىيە يازالايدىغانلار بار، ھمدە ياخشى سىنارىيەلەشتۇردىغانلارمۇ بار، لىكىن ئەپسۇسلىنارلىقى كۈڭۈلدىكىدەك چىققان سىنارىيەدىن كۈڭۈلدىكىدەك كىنو چىقىرىشتا ھەر تۈرۈلۈك، ئىقتىساد، سىياسەت، قوللاش، ۋە ھەمكارلىق جەھەتتىكى قېينچىلىق، كىنو ئىشلەيمەن دەپ ئوتتۇرغا چىققانلارنى ھاردۇرۋىتىپ جۇلىقىنى چىقىرۋەتكەچكە، ئۇلاردا ئارمانغا چۇشلۇق ‹‹ دەرمان›› بولمىغاچقا  توختاپ قېلىشقا مەجبۇر بولماقتا.
3. نۇرغۇن مەبلەغ، ئادەم كۈچى ۋە ماددى كۈچ بىلەن جاپالىق ئىشلەپ روياپقا چىقارغان كىنولار، باشقۇرۇش يېتەرسىز، ئىگە بولىدىغانلار بولمىغاچقا ئەڭ ئالدى بىلەن نەشىرىيات ئورگانلىرى ۋە  ئوغىرى نەشىرچىلەرنىڭ قولىدا ۋاشاڭ قىلىنىپ، ( ئىززەت ئابرويى يوق ئەسەر ھوقۇقىدىن گەپ ئاچمايلى) كىنوغا كەتكەن دەسمىيمۇ تىرىلمەي، مەيدىسىگە چىكىپ چىققان كىنوچىلارنىمۇ ھالسىرتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەڭ ياخشى سىنارىيەنىمۇ ھاياجان ئىچىدە كۆرۈپ بۇلۇپ، قاتمۇ-قات  سىياسىي، ئىقتىسادىي  قيىنچىلىق تۈپەيلدىن  بېشنى چايقىغان ھالدا ئۈستەلگە تاشلاپ قويۇشقا مەجبۇر بولدى.
4. جايلاردىكى كىنوخانىلار خاراپلىشىپ ئائىلىدە تېلىۋىزورنىڭ ئۇمۇملشىشىمۇ كىنوچىلىقنىڭ خاراپلىشىشنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۋەتتى. چەتئەللەردە بولسا تېلىۋىزور ئۇمۇملىشىپ بولغىلى نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ كىنوخانىلىرى يەنىلا ئىسىل كىنولارنى قويۇش بىلەن قەدىر-قىممىتىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا. بىزنىڭ يېقىندا ئىشلەنگەن كىنولىرىمىزدىن قانچىلىكى كىنوخانىلاردا قويۇلۇپ باقتى، بۇنى ئەسلەپ باقساقلا ئېغىر تىنىپ قويىمىز.
5. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسىدىن باشقا بىرقانچە خۇسۇسىي كىنو شىركەتلىرى مەۋجۈتلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئۇلار بار مەبلەغنى شىركەت قۇرۇپ، ئاشقىنىنى تۇنجى كىنولىرىنى ئىشلەپ، سالغان مەبلەغ تۇزۇپ كىتىپ، يۈرىكى سۇ بۇلۇپ، ئىشلىمەكچى بولغان كىنولىرىغىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مەبلەغ سالالماي، مەبلەغ يېتەرلىك بولماي ئىشلەنگەن كىنو كۈتكەن جايدا بولماي، يەنە شۇنداقتىمۇ پايدا ئورنىغا بىر پاتمان زىيان قىلىپ،  كىنو ئىشلەش‹‹ ئاقماس سودا›› غا ئايلىنىپ قالدى. تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسىمۇ كىنو ئىشلەشنى باشلىماي تۇرۇپلا  يىللىق پىلان، تەستىق، مەبلەغ، ئەمىللىشىش، ئىجرا بولۇش، قولغا تىگىش... دىگەندەك باسقۇچلاردىن ئۈتۈپ بولالماي، باسقۇچتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كىنو ئىشلىنىپ بولغاندىن كېيىنمۇ تەرجىمە قىلىش، تەستىقلىتىش... دىگەندەك مۇرەككەپ باسقۇچلارنى ئۇرۇنلاپ بولغىچە يىلغا ئۇزۇراپ، ئىشلەنگەن كىنونىڭ سان ۋە سۈپەت جەھەتتە خەلقىمىزنىڭ تەشنا قەلبىنى سوغارغىدەك بولمايۋاتقىنىمۇ بىزنىڭ كىنوچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتىنىڭ مۇشۇنداق بۇلۇپ قېلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەپ.
6.مۇشۇ ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقانلاردا ئارمان بولسىمۇ ‹‹ دەرمانى›› يېتەرلىك بولمىغاچقا تۆمۈر تاۋاقتىكى تاماققا شۈكرى قىلىپ تېخنىكىسى، بىلىمى ۋە تەجىربىسى خوراپ، داتلىشىپ پەسكويغا چۇشۇپ قالغىنىمۇ يەنە بىر سەۋەپ.
7. خەلقىمىزنىڭ چەتنىڭ ئۇسۇرقىنىمۇ ئەتىر بىلىپ ئۆگىنىپ قالغان خۇيى، ئۆزىمىزنىڭكىنى ياراتماي باشقىلارنىڭكىنى چوڭ بىلىپ ، قارا دەيچىلەر ئالدىدا ئۆچىرەتتە، ھەتتا ئالدىن زاكالەت پۇلى بېرىپ، كېچلەپ ئۇخلىمەي كۆرۈشلىرى ( مۇشۇ ئاساستا dvd..hdvd,evd ياسىتىپ ساتقۇچىلارغا پۇل تېپپ بەردى) كىنوچىلىقىمىزنىڭ خاراپلىشىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى.
يىغىپ ئېيتقاندا ‹‹قوشناچىمنىڭ ئېشنى ئوخشاتقان موللامنىڭ ئوت-يېشى›› دىگەندەك ئاددى فىلىمگىمۇ كېتەرلىك مەبلەغ كەمچلىكى( سەۋەبى سېتىشتىن كېيىنكى كېرىم، مەبلەغنى قاپىلىيالمايدۇ) تۈپەيدىلدىن روياپقا چىقماي، بۇ ساھەگە مەبلەغ سالىدىغانلار تەۋەككۈل قىلىشقا پېتىنالماي،  فىلىم ئىشىلىگۈچىلەر بىلەن ئوغىرى نەشىرچىلەر ئوتتورىسىدا ‹‹ تاز چىۋىننى قوندۇرماس، چىۋىن تازنى تىندۇرماس›› دىگەندەك مۇناسىۋەت شەكىللىنىپ دەل ھازىرقىدەك كىنوچىلىك خاراپچىلىقى، كىنو نامراتچىلىقى، تىلۋىزىيە فىلىم نامراتلچىلىقى يۈز بېرىپ؛ تەرجىمە فىلىم مەركەزلىرىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان كىنولارنى بۇلۇشىغا تەرجىمە قىلىپ، بۇ كىنولارنىڭ مەدەنىيەت ، ئاڭ جەھەتتە بىزلەرگە سىڭىپ كىرىپ، مەدەىيەت ھادىسلىرنىڭ روھىمىزنى چىرتىپ ئۆزلىك ئېڭىمىزنىڭ سۇسلىشىپ كىتىپ بارغانلىقىمۇ ئۇيغۇر كىنوچىلىقىمىزنىڭ خاراپلىشىشنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى.
يۇقارقىلار پەقەت مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم. توغرا دەپ قارىغانلار ھەزىم قىلسا، خاتا دەپ قارىغانلار بولسا ئۆز پىكرىدا قالسا بولىدۇ. بۇ جۇئىنلەينىڭ ‹‹ئوخشاش پىكىردە بىرلىككە كىلىش، ئوخشىمىغان پىكىردا ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قېلىش ›› دىگىنىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

پاسىبان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6181
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 04:14:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر كىنوچىلىغىنى قوللىساق ،ھۆكىمەتمۇ يارىدەم قىلسا نۇرغۇن ئېسىل كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىز بار كىنو قىلىپ ئىشلەشكە .

خارلانماسلىقنىڭ يولى - خارلىماسلىق

يول سورىغان يولد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38732
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6526
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 5142 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 04:28:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1. ئوغۇر دەيچىلەر(ئوغۇر نەشىرياتچىلار)دىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىنو تىلىۋىزىيە ئىشلىگۈچىلەر كومپىيۇتېر شىركەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ نۇر دىسكىلارغا ئالاھىدە شىفىر كىرگۈزۈپ كۆچۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ ئىشلىسە بولماسمۇ؟
2.تارىخى فىلىملەردە قىسماق كۆپ بولسا تۇرمۇش فىلىملىرى ئىشلىسە،ياكى فانتازىيەلىك فىلىم ئىشلىسە قانداق بولۇر؟
3.ئۇيغۇر كىنوچىلىقى ئارقىلىق خەلقىمىزنى مەنىۋى جەھەتتە يىتەكلەش ،بولۇپمۇ ئۆسىۋاتقان ياش ئۆسمۈرلەرگە ئەن-ئەنىللىرىمىزنى ئۈگىتىش مۇھىم ئىدى،سىتودىيىلەر مۇشۇ نوختىلارنى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرسە!

دۇنيادا  يول يوقتى،ماڭىدىغانلار كۆپەيگەچكە يول پەيدا بولغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83627
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3128
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 04:48:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاساسەن مۇھەببەت توغرىسىدىكى كېنولار جىقراق. .باشقا تېمىدا ئىشلەنسە تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى.

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83294
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4330
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 05:36:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئاناتىلىم

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30281
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4911
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2011-2-13
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 06:31:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«چىڭگىزخان»دىگەن كىنومۇ مۇڭغۇللارنىڭ تارىخنى ئاساس قىلىپ ئىشلىگەن كىنوغۇ؟ئۇ كىنومۇ جۇڭگۇدا ناھايىتى داڭ قازىنىپ كەتكەن .ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنىمۇ ئاساس قىلىپ ئىشلىگەن كىنولار ئەڭ نەزەرگە ئېلىنىپ ئىشلەنگەن بولسا بولاتتى.بەلكىم ئۇ كىنولار شىنجاڭ بازالىرىدا بازار تاپالمىسا باشقا يەرلەردە بازار تاپقان بولاتتى.بەلكىم مەزمۇنى سىياسىيغا ئۇيغۇن
بولسىلا ئۇنىمۇ بەك چەكلەپ كەتمەس.ئەمما ئەڭ تەس يېرى شۇنى تەستىقلايدىغان باشلىقلارنىڭ
قولىدىن ئۆتمىكى تەسمىكىن دەيمەن.

قەشقەر سالونى
ئىزدەش نۇمۇرى:kaxkar

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28759
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 07:28:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
HENRY يوللىغان ۋاقتى  2012-8-12 01:09 PM
گەپنىڭ پوسكاللىسى پۇل يوق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر پىلاستىن ...

سىزمۇ شۇنداق دەپ قاقشايسىز ، مەنمۇ شۇنداق دەپ قاقشايمەن ، ئەمما شۇنداقلارنى كۆرگەندە توسىدىغان ، نەسىھەت قىلىدىغان ئادەم يوق .

مۇھتاجىلىق بەك يامان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش