ئاپامنىڭ بىر ھەدىسى بولىدىغان ئۆيى يېزىدىراق ئىدى،ئارلىقتا بىر تىجارەت ئىشى بىلەن ناھىيە بازىرىدىن ۋاقىتلىق بىر ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇردى،تەتىل ۋاقتى بولغاچ بېرىپ كېلەي دەپ بارغان ئىدىم،ئارلىقتا نەچچە كۈن تۇرۇپ قالدىم،بالام ئاران كەلگەندە ئۇزاقراق تۇرۇڭ،كەلمىڭىز تەس دەپ،ياندىكى قوشنىلىرى پەقەتلا ياتمايدۇ،كەچلىكى ساراڭدەك توۋلاپ ئەتىسى قارىسام ھەر ساقاللىق بوۋايلار،مۈكچىيىپ ئاران ماڭىدىغان مومايلار،مۇشۇلارمۇ كېچىدىن ياتمىغان دېسەم ھە دەيدۇ،خۇدايا توۋا قېرىغاندا ئىبادىتىنى قىلسىچۇ بۇلار دېدىم.كۈيئوغۇل،كېلىن ھەم نەۋرىلىرى باركەن،شۇلارمۇ تەڭمۇ-تەڭ ئولتۇرۇپ كەيىپ قىلىدىكەن.
كېيىنكى كۈنى شۇ ناھىيەنىڭ بازىرى بولدى،بازار ئارلاۋېتىپ ئالدىمغا شۇلارنىڭ ئەمدى 6 ياشقا كىرگەن نەۋرىسى بىر يۈزىنى ئورىۋالغان،ئايالىنى بىر ھارۋىدا سۆرەپ ئەپ ماڭغان ھالەتتە ئۇچراپ قالدى،قارىسام ھېلىقىلارنىڭ نەۋرىسى شۇ،ئارىسىدا بىر پۇتى ئاقسايدىغان موماي بار ئىدى،شۇ مومايزە پۇتىنى ئېچىپ قويۇپ ئولتۇرۇپ تىلىگىلى تۇرۇپتۇ،ھېلىقى 6 ياشلىق بالا بولسا ھارۋىنى سۆرىيەلمەي كېتىپتۇ،توۋا دەپ قاراپ تۇرۇپلا قالدىم.
تىلىگەنگە چۇشلۇق قورسىقىنى تويغازسا بولمامدۇ،كۈندۈزى تىلەپ ئاخشىمى ھاراق ئىچىپ،نېمە پايدىسى.
نېمە دەيدۇ دېسە ھويلىدا ئولتۇرسام ھە دەپ گەپ قىلغىلى تۇرۇپتۇ،بىر بوۋاي ‹‹بىز باشقىلار بەرگەن سەدىقىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن دېسەك گۇناھ بولىدۇ،شۇڭا ئاللاھ ئەخمەت قىلسۇن دەيمىز››دەيدۇ،بېرىپ يۈزىگە تۈكۈرۈپ قويغۇم كېلىپ كەتتى.
ھېلىقى نەۋرىلىرىنىڭمۇ ئاغزى دېگەن شۇنداق يۇمشاق ئاچا دېسە ئاچا دەپ،كۈيئوغلىنىڭ بىرىنىڭ بىر پۇتى مېيىپ،يەنە بىرىنىڭ قولى،ھېلىقى كېلىنى بولغان ئايالمۇ ساپمۇ ساق تۇرۇپ تىلەيدىكەن،بىر جەمەت دېگەن دەششەت بىرلىشىپ كەتكەنلەركەن،ئۇنداق دېسەم قەشقەر تەرەپنى سۆككەنلىك ئەمەس،شۇلار قەشقەردىن ئىكەن،ئاپامنىڭ ھەدىسىدىن سورىسام بىر مۇنچە گەپ قىلىپ بەردى،شۇ يەردە تىلەپ،خەقنى قويۇپ مەھەللىسىدە پاتماي مۇشۇ يەرگە چىققان خەقكەنتۇق.
شۇنداق كېيىن تىلەۋاتقان بىرەسىنى كۆرسەم،كۈندۈزى تىلەپ بېرىپلا كېچىسى ھېلىقىلارغا ئوخشاش ھاراق ئىچىۋالىدىغاندەكلا تۇيۇلۇپ بەرگۈم كەلمەيدۇ.
بۇنداق ئىشلار بەك جىقكەن،قىززىق تېخى مەن ھۈنەر ئۆگىنىۋاتقان ۋاقتىم،بىر كۈنى ئەتىگىنى دۇكاننى ئېچىپ تۇرىشىمىزغا بىر تىلەمچى ئادەم كەپتۇ،قارىسا 30 ياشلاردىن جىق ئەمەس،ئۇستام تۆنۈگۈنكى سودىنىڭ پۇلىنى ئەپ كېتىپتىمەن،بۇ يەردە 3 مو باركەن،بۈگەنچە شۇنى بىرىپ تۇرۇڭ دەپتى،ھە دەپ پۇلنى ئالغىلى ماڭسام ئاڭلاپ قاپتىكەن،ھېلىقى تىلەمچى 3 موچەن پۇلۇڭغا نېمە كېلىدۇ ئۆزەڭ جەجلە قەلەمدەر دەپ كېتىپ بارىدۇ،ئۇستام بىلەن تۇرۇپ كېتىپ يا كۈلىشىمىزنى يا ئارقىدىن چىقىپ تىللىشىمىزنى بىلمەي تۇرۇپ كەتتۇق،ئەتىسى يەنە كەپتۇ،تۇرۇپ كېتىپ قەلەمدەرنىڭ قەلەمدەردىن پۇل تىلىغىنى نەدە بار دېسەم ئۇستام كۈلۈپ كەتتى،تىلەمچى بەكمۇ بېزەڭ بولىدىكەن،پۇل بەرمىسىڭىز ئەمىسە كىملىكىمنى 2 پارچە كۆپەيتىپ بېرىڭ،ئىككىسى 1 كويغا ھېساپ بولىدۇ دەيدۇ،ئۇستام پۇل ئېلىڭ ئۇكام دەيدۇ،نىم دىيىشىمنى بىلمەيمەن،ئىككىلى يۈزىنى كۆپەيتسەك بىر ۋارىقى 1يۈەن،بىر يۈزىنى كۆپەيتسەك 1 ۋارىقى 5 مو دېسەم،بىكارغا قىلىپ بەرمەمسىز دەپتى،ئۇستام سۆزلىگەن كېيىن،نومۇس قىلساڭ بولمامدۇ ئاكا،مۇشۇ سۆلىتىڭ بىلەن ئۇكاڭدەك ئادەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ تىلىگىلى،مەن ساڭا بىكارغا قىلىپ بەرسەم ئەتە يەنە ئالدىمغا يەنە پۇل دەپ كەلسەڭ نەدىكى پۇلنى بېرىمەن دېسە،ھە ماقۇل مەن پۇلىنى بېرەي كۆپەيتىپ بېرىڭ دەپ چىقىپ كەتكەن.
توۋا دېمىسە بىكاركەن بۇلارغا