چىش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر
چىش ئاغرىقى گەرچە ھەر خىل چىش كېسەللىكلىرنىڭ ھەممىسىدىلا پەيدا بولىدىغان ئورتاق كېسەللىك ئالامىتى بولسىمۇ ،لېكىن چىش ئاغرىقىنى باشقا كېسەللىكلەرمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن نازۇك نېرىپلارنىڭ زەخمىلىنىشى ،تاجىسىمان يۈرەك كېسسەلىكلىرى ،يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى،تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىقلار. ئادەتتە نازۇك نېرىپلار ئاساسلىقى يۈز ،تىل،ئېڭەك ،چىش مىلىكى قاتارلىق ئەزالاردا بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئەزالاردا يۇقۇملىنىش ۋە باشقا بىنورمال ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ۋاقىتدا يۈز يۇيۇش ،چىش چوتكىلاش ،ئاغزىنى چايقاش ،شۇنداقلا تاماق يېيىش ھەركەتلىرى ئېلىپ بېرىلغاندا چىش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .بەزى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىدا يۈرەك سانجىقى بىمارلىرىدا يۈرەك سانجىقى ئالامىتى كۆرۈلگەندىمۇ چىش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ئارتېرىيە قېتىشىش ۋە چىش مىلىكىنىڭ قانىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقۇملۇق زۇكاممۇ كۆپ ھاللاردا نەپەسلىنىش سىتېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ،چىش مىلىكىنىڭ ئىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
-مەنبە-غازىباي ئۇيغۇر تىبابىتى مۇنبىرى-[
http://hazibay.com]