taran520 يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 10:14 PM
بۇ قازاقچە ئاتالغۇ ئەمەس، ئاداتتە ئۇيغۇرلامۇ كۆپ قول ...
راس دەيسىز. كەمپىر دىگەن سۆز قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر تىلىدا بار، ئەمما كۆپ ئىشلىتىلمەگەچكە، بىزگە شۇنداق تۇيۇلىدۇ.
80- يىللىرى تەرجىمە قىلىنغا بىر نەچچ فىلىمدە كەمپىر دىگەن سۆز بىرقانچە يەردە ئۇچرايدۇ، مەسىلەن: ۋاڭ كەمپىر دىگەندەك. ئۇ چاغدىكى تىل شۇناسلار، تەرجمانلار فىلىم تەرجىمە قىلغاندا، سۆزلەرنى ئىنتايىن تاللاپ، ئەڭ چىرايلىقىنى، ئەڭ چۈشىنىشلىك، ئەڭ ئىخچاملىرىنى ئىشلەتكەن. شۇڭا، شۇ چاغدىكى تەرجىمە فىلىملىرىنى كۆرسەك، فىلىمدىكى پىرسۇناژلار خۇددى تونۇش- بىلىشلىرىمىزدەكلا سۆزلەيدۇ.
مۇمكىن بولسا، ئاشۇنداق ئۇنتۇلۇپ كېتىلىۋاتقان سۆزلەرنى كۆپرەك ئىشلەتسەك ياخشى بولاتتى.