ۋەقەلىك ئۇرۇنلاشتۇرىشىڭىز يامان ئەمەس چىقىپتۇ مەلىكىخان ، ماختاشقا ئەرزىيىدۇ ، مەنمۇ جىن-روھ ئەرۋاھلارنىڭ پارىڭىدىن قورقىمەن دەپ تۇرساممۇ نىمىشقىكىن تازا يېرىم كىچىدە مۇشۇنداق ھىكايىلەرنى ئۇقۇشقا ئامراقكەنمەن ، قارىغاندا جىنلار مەندىن قورقسا بولىدىغان ئوخشايدۇ ،
، باشتا سەل سۈر باستى ، لىكىن رۇخسانەنىڭ كۆزىگە كۈرۈنگەن سايىلەرنىڭ تەسۋىرىگە قاراپ «يېزىغا باغ سەيلىسىگە چۈشكەن تاشقى پىلانىت ئادەملىرىنى كۈرۈپ قالغان چېغىۋا ، كەينىدىن چۇقۇم رۇخسانەنى ئۇچار تەخسىسىگە ھۈپ قىلىپ سۈمۈرۈپ ئەكىتىدىغان ، ئىچ باغرىنى چۈۋۈپ تەكشۈرەيدىغان يىرى » چىقىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ، يۈرۈكۈمنى توختىتىپ ئۇقۇسام ۋەقەلىك باشقىچە چىقىدىكەن ئەمەسمۇ .....يامان جىنلاركەن بۇ ، رۇخسانەنى قۇرقۇتۇپ يۈرۈپ جەسۈرغا تىگىدىغان قىلىپ قۇيۇپتۇ ، بولمىسا بۇ ھاكاۋۇر رۇخسانە جەسۈرغا ئوخشاش جىنلارنىڭ تىلىنى بىلىدىغان يۈرىكى توم يىگىتتىن ئايرىلىپ قالاتتىكەن ، ھىكايىنىڭ ئاخىرىنى ئىككى ياشنىڭ بېشىنى بەخىتلىك باغلاپ ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپسىز ،سىزدە ئۈمىد باركەن . يەنە بىر پاراڭ : جىنلارنىڭ ھىكايىسىنى يىزىۋېرىپ ، جىنلار سىزنىمۇ ئۆزىرىنىڭ ئەدەبى مۇلاھىزە يىغىلىشىغا ئەكىتىدىغان بۇلۇپ قالمىسۇن ، تاھارەت بىلەن ئايتەلكۈرسى بىلەن ئولتۇرۇپ يازارسىز جۇما ، (چاخچاق....)