rizwangul0995 يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 10:20 AM
ئىنكاسىڭىزنى ئۇقۇدۇم ،قانداق قىلىش ئۆزەمنىڭ ئىششى ئا ...
ئىسلامىي تېمىلاردا ‹«مېنىڭچە...» دەپ گەپ باشلىساق بولمايدۇ. مەنمۇ بۇ سوئالنى كۆرۈپ، گەرچە شۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنى بىلسەممۇ قايتا كىتابنى ئېچىپ، ھەدىسلەرنى كىتاب بويىچە كۆچۈرۈپ يازدىم. ۋە سۆزۈمگە دەلىل قىلدىم. ئىسلامدا پەقەت ۋە پەقەت ھەدىسلەر بىلەن قۇرئانلا دەلىل قىلىنىدۇ، شۇ چاغدىكى تارىخ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىشمۇ ناھايتى مۇھىم.
تېمىدا دىيىلگەن سوئاللارنىڭ كۆپىنچىسى بەكلا زىل بولغانلىقتىن، ئالدىراپلا ئۆزى بىلگەنچە جاۋاب بېرىش، ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىكىگە قىلغان چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ. ئىسلامنى بىز بەرپا قىلمىغان بولغاچقا خۇددى ئۆزىمىز پەيدا قىلغان دىندەك جاۋاب بەرسەك، مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ئەڭ ئەقەللىي يولىنىمۇ تۇتمىغان بولىمىز.
شۇڭا ئىسلام ھەققىدە جاۋاب بېرىدىغان ئىشلار بولسا، دەلىلىمىز بولغىچە سۈكۈت قىلغان ياخشى. «بىلمەيمەن» دېيىشمۇ ئەمەلىيەتتە چوڭ نەرسىنى ھېس قىلىپ بىلگەنلىكتۇر.