mehrigiya يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 07:38 PM
بولدى ۋاس كېچىڭ!
ۋاز كېچىمەن ، ئەلۋەتتە ۋاز كېچىمەن !!
بۇ كۇنلەرمۇ ئوتۇپ كېتەر لېكىن بەك تەستە ،ئوتەر !!!
ئۇ تۇنجى مۇھەببىتىم ، بۇ يىل 25 ياشقا كىردىم .. 19 ياش ۋاقتىمدا بېشىمغا تەتۇر قىسمەت كېلىپ تۇرمىگە كىرىپ 6 يىل ئومۇرۇم شۇ يەردە ئوتتى ..ياشلىقىم ، ئەڭ گۇزەل مەزگىللىرىم . شۇ يەردە ئوتتى .
چىققىنىمغا 7 ئاي بولغان . تۇرمىدىم چىقىپ جەمىيئەتتە ياتسىراش . ئوزەمنى توۋەن كورۇش پىسخىكىسىدا بولدۇم ،چۇنكى تەڭتۇشلىرىم تولىسى توي قىلىپ ،ياكى جەمىيئەتتە ئوزىگە چۇشلۇق ئورۇنلىرنى تېپىپ بولغان ئىدى . دەل شۇ كۇنلەردە ئۇ قىز بىلەن تونۇشتۇم . ئۇ ماڭا ئىللىقلىق . مۇھەببەت . ئىشەنچ ئاتا قىلدى . مەن ئېيتىپ تۇگەتكىسىز بەخىت خوشاللىققا چومۇلدۇم، ئۇنى جېنىمدىن ئەزىز كوردۇم . ھاياتقا قايتا ئېرىشكەندەك بولدۇم ئىشەنچىم ئاشتى .. ئەپسۇس ئۇ ماڭا بەرگەنلىرنى شۇنچە قىسقا ۋاقىتتا مەندىن يەنە تارتىۋالدى .. ماڭا بەك ئەلەم قىلدى .. ھازىر تېخىمۇ چۇشكۇنلەشتىم ...........
كەچۇرۇڭ سىزگە بەك جىق گەپ قىلىپ كەتتم ، چۇنكى ئەلەملەر ئىچىمگە پاتماي قالدى . ئوغۇل بالا
قىز بالىغا ئوخشاش دەتلىرىنى يىغلاپ تۇرۇپ يېقىنلىرغا دەپ ئىچىنى بوشىتالمايدىكەن ... شۇڭا كورۇپ باقمىغان،تونىشمايدىغان سىزگە بۇ گەپلەرنى قىلىپ قاپتىمەن !!!!!!!!!!!!!!!!