مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: shakira

ئامېرىكا ئالىملىرى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈرنىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81031
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3536
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 302 سائەت
تىزىم: 2012-6-3
ئاخىرقى: 2012-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 10:36:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاراڭغۇ ئۆڭكۈر توغۇرلۇق ئەسلى بۇرۇنقى تورلاردا رەسىملىك چۈشەندۇرشىدىن تارتىپ بار ئىدى .بۇنى تاپتىم كۈرۈپ باقارسىلەر.http://www.nurluk.net/bencandy.php?fid=83&id=1057

تەنلىرىمنىڭ ئۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8068
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5031
تۆھپە نۇمۇرى: 902
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2012-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 10:50:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ark-zat618 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-18 10:36 AM
قاراڭغۇ ئۆڭكۈر توغۇرلۇق ئەسلى بۇرۇنقى تورلاردا رەسىمل ...

كەچۈرۈڭ ئىچىلمىدى .

ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىيىن ئىش پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81031
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3536
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 302 سائەت
تىزىم: 2012-6-3
ئاخىرقى: 2012-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 10:58:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قارا ئۆڭكۈر ۋە قىيامەتنىڭ قوپۇشى  

قۇرئانى - كەرىمدە، قىيامەت كۈنى يۈز بېرىدىغان ھادىسىلەر ئوچۇق بىر شەكىلدە تەسۋىرلىنىدۇ. ئايەتلەردە قىيامەتنىڭ، پەقەت دۇنيانى ئەمەس، باشقا ئالەم جىسىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، پۈتۈن كائىنات كۆلەملىك بىر ئاخىرلىشىش ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنىدۇ.

- ئاسمان يېرىلغان چاغدا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا، دېڭىزلار بىر- بىرىگە قۇشۇلغان چاغدا، قەبرىلەر ئاستى- ئۈستى قىلىنغان ( يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان چاغدا ) ( ئىنفىتار سۈرىسى، 1-4 ئايەتلەر )

- ئۇ كۈندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ. تاغلار قاتتىق سەيرى قىلىدۇ ( يەنى زېمىننىڭ ئۈستىدىن توزۇپ يوقىلىپ كېتىدۇ ). ( تۇر سۈرىسى 9-10 ئايەتلەر )

- كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا، تاغلار گۇمران بولغان چاغدا... ( تەكۋىر سۈرىسى 1-3 ئايەتلەر )

- ئۇ كۈندە ئاسماننى ( پۈتۈكچى ) نەرسە يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز. ( بۇ ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، ( ئۇنى ) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز. ( ئەنبىيا سۈرىسى 104- ئايەت )

سەۋەپلەر پىلانىدا، ئىنتايىن ساغلام ۋە مۈكەممەل ھەرىكەت قىلىۋاتقان كائىناتنىڭ تۈزۈمىنى بۇزىۋىتەلەيدىغان ۋە تارتىش كۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا كۈچلەرنىڭ تەسىرىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىدىغان، سەييارىلارنى ۋە يۇلتۇزلارنى ئوربىتىسىدىن چىقىرىۋېتەلەيدىغان كۈچ زادى نىمىدۇر؟

يېقىنقى يىللاردىن باشلاپ ئالىملار، قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ بۇ << ۋەزىپىنى >> ئورۇندىيالايدىغانلىقى توغرۇلۇق بىرلىككە كېلىۋاتىدۇ.

ئۇنداق بولسا قارا ئۆڭكۈر دىگەن زادى نىمە؟ قارا ئۆڭكۈر قىسقىچە مۇنداق :

ھەر قانداق بىر يۇلتۇزنى تەڭپۇڭلۇقتا تۇتۇپ تۇرىدىغان ئىككى كۈچ بار. بىرسى مەركەزگە، ئىچىگە ھەرىكەت قىلىدىغان ئۆز ماسسىسىنىڭ تارتىش كۈچى، يەنە بىرسى بولسا سىرتقا ھەرىكەت قىلىدىغان يۇلتۇزنىڭ يادروسىدىكى فۇزىئون - Fusion پارتىلاشلىرى. بىر يۇلتۇز ئىنىرگىيەسىنى تۈگەتكەن چېغىدا بۇ تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلىدۇ ۋە ئۆز ئىچىگە قاراپ چۆكۈشكە باشلايدۇ. ئىچىگە چۆككەنسىرى سىقىلىشقا باشلايدۇ ۋە ماسسىسىنىڭ تارتىش كۈچى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. تارتىش كۈچى جىقايغانسىرى تېخىمۇ چۆكىدۇ ۋە تېخىمۇ سىقىلىدۇ. بۇ خىل داۋام قىلىشنىڭ نەتىجىسىدە ئۇ يۇلتۇزنىڭ تارتىش كۈچى قورقۇنۇچلۇق دەرىجىگە يېتىپ بارىدۇ. ۋە ھازىرقى زامانىۋى ئىلىم پەندە << قارا ئۆڭكۈر >> دەپ ئاتالغان قاراڭغۇ ۋە سىرلىق بىر ماددىغا ئايلىنىدۇ. سىكۇنتتا 300 مىڭ كىلومېتىر تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغان نۇرمۇ قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارتىش كۈچىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. كائىناتتىكى ئەڭ زور تارتىش كۈچىگە ئىگە بولغان جىسىم بولسا قارا ئۆڭكۈرلەردۇر. سامانيولى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش باشقا يۇلتۇزلار تۈركۈمىنىڭ مەركەزلىرىدە قارا ئۆڭكۈرلەر بار.

- قىيامەت. قىيامەت نىمىدۇر. قىيامەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ شۇ كۈندە ئىنسانلار تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىدەك بولۇپ كېتىدۇ. تاغلار ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ. ( قار،ئە سۈرىسى 1-5 ئايەتلەر )

- ئاسمان يېرىلغان چاغدا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا، دېڭىزلار بىر- بىرىگە قۇشۇلغان چاغدا... ( ئىنتىفار سۈرىسى 1-3 ئايەتلەر )

يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە تەسۋىر قىلىنغان ھادىسىلەر اﷲ نىڭ تەغدىرى بىلەن قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ تارتىش كۈچىگە قارىتىلغان بولىشى مۈمكىن.

بىر ئوت شارىنىڭ ئۈستىدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئاتموسفېرانى شەكىللەندۈرگەن گازلار يەرنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرى بىلەن يەر شارىنى ئوراپ تۇرىدۇ. ئەگەر يەر شارى سىرتتىن كېلىدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر تارتىش كۈچىگە ئۇچرىسا ( قارا ئۆڭكۈرنىڭ ) يەر شارىنىڭ ئاتموسفېراسىدىن بىرىنچى بولۇپ بىز نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋا غايىپ بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا تاشقى بېسىممۇ يوق بولىدۇ ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلاردا دىگۈدەك ئىچكى بېسىم ئېشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جانلىقلارنىڭ بەدىنى پارچە-پارچە بولۇپ كېتىدۇ.

باشقا يۇلتۇز سېستىمىلىرىدىن باشقا، قۇياش سېستىمىسىدىكى ئىككى ئاستروئىد بەلۋىغىدا ( مارىس بىلەن يۇپىتېر ئارىسىدىكى كىچىك سەييارىلەر ) مەۋجۇت بولغان ترلىيونلىغان كىچىك سەييارىلەر ( ئاستروئىد، مېتىئورىت ۋە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلار ) ئارىسىدا اﷲ نىڭ قۇدرىتى بىلەن داۋام قىلىۋاتقان مۇكەممەل تەڭپۇڭلۇق، قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن بۇزۇلۇپ بىر -بىرىگە سوقۇلۇشقا باشلايدۇ.

قارا ئۆڭكۈرلەر قىيامەتنىڭ قوپۇشىدا ۋە كائىناتنىڭ مۇكەممەل گىئومېترىيەلىك تارتىش كۈچى تەڭپۇڭلۇقلىرىنى بۇزۇشتا رول ئوينىشى مۈمكىن. قۇرئاندا << ئاسمانلارنىڭ كۆرۈنمەس دەرۋازىلىرى >> دىگەن ئىپادە بار. دەرۋازا بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە ئۆتۈش ئۈچۈندۇر. ئەجەبا بۇ يەردە دىيىلگەن << ئاسمانلارنىڭ دەرۋازىلىرى >> باشقا ئالەملەرگە ئۆتىدىغان << ئالەم - زامان تۇنىلىمۇ ؟>> . بۈگۈنكى زامانىۋى ئاستروفىزىكىدا قارا ئۆڭكۈرلەر باشقا بىر ئالەمگە چىقىدىغان بىر << ئالەم - زامان Space - Time >> دەرۋازىسى دەپ قارىلىدۇ. ئومومىي نىسپىيلىك نەزىرىيەسىدە دىيىلگىنىدەك، ئالەمنى تارتىلغان بىر تورغا ئوخشىتالايمىز. خۇددى بىر تورنىڭ ئىچىگە ئېغىر بىر نەرسە قويساق سوزۇلۇپ ساڭگىلىغىنىغا ئوخشاش، << ئالەم - زامان >> تورىمۇ ئۆز ئىچىدە بولغان ھەر خىل ئالەم جىسىملىرىنىڭ سەۋەبىدىن ئىگىلىپ - سوزىلالايدۇ. كېڭىيىپ - تارىيالايدۇ. قارا ئۆڭكۈرلەر بولسا چەكسىز بىر ئېغىرلىقتۇر. قارا ئۆڭكۈرنىڭ تەسىرىگە كىرگەن << ئالەم - زامان >> تورى ئىگىلىپ سوزۇلۇش بىلەنلام قالمايدۇ، بەلكى قۇرئاندا دىيىلگىنىدەك << يىرتىلىپ - يېرىلىدۇ >>. ئالەمنىڭ << ئالەم - زامان تۈزلىكى >>، قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئەتراپىدا خۇددى قۇرئاندا دىيىلگىنىدەك << قەغەزگە ئوخشاش قاتلىغىلى بولىدىغان >> ھالغا كېلىدۇ ۋە بۇ ئەھۋالدا يۇلتۇزلار << تۆكۈلۈشكە >> باشلايدۇ. << ئالەم - زامان >> تۈزلىكىنىڭ يېرىلىشى دىمەك، كائىناتنىڭ يارىتىلىشىدىن بېرى ئىشلەۋاتقان بارلىق فىزىكا قانۇنلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشى دىمەك بولىدۇ ۋە باشقا بىر يېپيېڭى << فىزىكا >> قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغان ئالەمنىڭ << دەرۋازىلىرى >> ئېچىلىدۇ دىمەك بولىدۇ، يەنى ئاخىرەت ئالەمى... << ئۇ كۈندە زېمىنمۇ باشقا بىر زېمىنغا، ئاسمانلارمۇ باشقا بىر ئاسمانلارغا ئايلىنىدۇ . ( ئىبراھىم سۈرىسى 48- ئايەت ) >>

ئالىملار، يۇلتۇزلار تۈركۈمىنىڭ مەركەزلىرىدىكى قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ توختىماي يوغىناۋاتقانلىقىنى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن كائىناتنىڭ بىر غايەت زور قارا ئۆڭكۈرگە ئايلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتىدۇ.

<< شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ..، تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشىكىدىن ئۆتكىچە جەننەتكە كىرمەيدۇ.... >> ( ئەئراف سۈرىسى 40- ئايەت )

ئايەتتە دىيىلگەن << تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ تۆشىكىدىن ئۆتىشى >> بولسا، قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ قورقۇنۇچلۇق تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە، قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ مەركىزىدىكى << بىرلىك >> دەپ ئاتىلىدىغان << يىڭنىنىڭ كۆزىچىلىك >> نۇقتىدىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان ئالەم جىسىملىرىنى ئىسىمىزگە كەلتۈرىدۇ. بۇ ئوخشىتىش، قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارتىش مەيدانىغا كىرىپ قالغان غايەت زور يۇلتۇزلارنىڭ ئىنىچكىلەپ خۇددى بىر يىپ ھالىغا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قۇياشتىن نەچچە يۈزمىڭ ھەسسە چوڭ بولغان بىر يۇلتۇزنىڭ، ئەتراپىدا << ئالەم - زامان >> تورى ئىگىلىپ، قاتلىنىدىغان قارا ئۆڭكۈر تەرىپىدىن يۇتۇلۇشقا باشلانغان چېغىدا خۇددى بىر يىپقا ئوخشاش ئىنىچكىلەپ، ئۇزىراپ ھەجىمسىز بىر نۇقتىغا ئايلىنىدۇ.

********************

قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىنى بىر << كاناي ياكى سۇر >> غا ئوخشىتالايمىز. بۇ رايوننىڭ ئەڭ كەڭ چىگرىسى << Event Horizon يەنى ھادىسە ئۇپۇقى >> دەپ ئاتىلىدۇ. قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە كۈچلىنىپ خۇددى بىر مەڭگۈلۈك ھالغا كەلگەن رايونى بولسا << كاناينىڭ >> ئىنىچكىلىگەن قىسىمى بولۇپ << singularite يەنى بىرلىك نۇقتىسى >> دەپ ئاتىلىدۇ. << بىرلىك نۇقتىسى >> نىڭ ئۇ تەرىپى بولسا، پۈتۈنلەي باشقىچە بىر << فىزىكا >> قانۇنى ھۈكۈمران بولغان يەردۇر. بەزى ئاستروفىزىكا ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە قارا ئۆڭكۈرلەر، ئۆز مەۋجۇدىيىتى ۋە ئۆز ھەجىمى بىلەن ئۆزىنىڭ << سىرتىغا >> تېشىۋاتىدۇ، ئالەم- زاماننىمۇ بىللە ئېلىپ بىزنىڭ ئالەمگە ئوخشىمايدىغان << باشقىچە >> بىر ئالەمنىڭ << دەرۋازىلىرى >> ۋەزىپىسىنى ئۆرۇنلاۋاتىدۇ.

داڭلىق ئالەمشۇناس ۋە كائىنات نەزىريەچىسى Paul Davies بۇ توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ :

- ئالەم، ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر ئۇسۇلدا زامانغا تايىنىدۇ. خۇددى ئالەم بوشلۇقى كېڭىيىپ - تارىيىپ، ئىگىلىپ - قاتلانغىنىغا ئوخشاش، زامانمۇ ئىگىلىپ - قاتلىنالايدۇ.

زاماننىڭ مەڭگۈلۈك قېتىپ قېلىشى بولسا، قارا ئۆڭكۈرلەردىكى بىرلىك نۇقتىسىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكىدۇر. زاماننىڭ قېتىپ قېلىشى بولسا، پۈتۈن فىزىكا قانۇنلىرىنىڭ تەسىرىنى يوقۇتۇپ، ئالەمنىڭ بارلىق ئۆز ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىشى ۋە يېپيېڭى باشقا بىر كائىناتنىڭ ئىچىگە كىرىشى دىگەنلىك بولىدۇ. << ئۇ يەر >> بىزنىڭ كائىناتقا ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ، زامان، ماددا ۋە ھەجىملەر باشقىچە بىر شەكىلگە كىرىدۇ.

بىز قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە كىرگەن بىر ئالەم ئۇچقۇچىسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ، ئۇ دۇچ كېلىدىغان ھادىسىلەرنى كۆرۈپ باقايلى:

<< باشقا ئالەمگە >> ماڭغان ئۇ ئالەم ئۇچقۇچىسى بىلەن سائەتلىرىمىزنى ئوخشاش تەڭشىدۇق ۋە ئۇنى << ئۇزىتىپ قويدۇق >>. ئۇچقۇچى ئاستا - ئاستا تارتىش كۈچى توختىماي ئېغىرلاۋاتقان << ھادىسە ئۇپۇقى >> غا يېقىنلاشقانسىرى، ئۇنىڭ سائىتىنىڭ بىزنىڭكىدىن ئاستا مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ھەجىمى قۇياش بىلەن تەڭ بولغان بىر قارا ئۆڭكۈرنىڭ ھادىسە ئۇپۇقىغا تېخىمۇ يېقىنلاشقاندا بىزنىڭ سائىتىمىز 1 سىكۇنتلۇق بىر زامان پەرقىنى كۆرسەتسە، ئۇنىڭ سائىتى مەسىلەن 3.3 سېكۇنتلۇق بىر زامان پەرقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى زامان ئۇ يەردە تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. ئۇچقۇچى ھادىسە ئۇپۇقىغا يېقىنلاشقانسىرى، ئۇنىڭ سائىتى 33 سېكۇنت پەرق كۆرسەتسە بىزنىڭ يەنە 1 سېكۇنت پەرق كۆرسىتىدۇ. ھادىسە ئۇپۇقىنىڭ ئىچىگە پۈتۈنلەي كىرگەن چېغىدا زامان قېتىپ قالىدۇ.

ئۇچقۇچى ھادىسە ئۇپۇقىغا يېقىنىلاشقانسىرى، زاماننىڭ << ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى >> ئۆزىمۇ ھىس قىلىدۇ ۋە بەدىنىدە غەلىتە بىر خىل ئۇزىراشنى ھىس قىلىدۇ. كېيىن ئۇچقۇچى << نىمە بولىۋاتىمەن >> دىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي خۇددى بىر يىپقا ئوخشاش ئۇزىراشقا باشلايدۇ. ھادىسە ئۇپۇقىغا يېقىنلاشقانسىرى ئۇ ئۇچقۇچى ئۈچۈن ئۆتكەن بىر سىكۇنت، ئالەمنىڭ بىر ئاي، بىر يىل، مىڭ يىل كەلگۈسىنى كۆرسىتىدۇ. ھادىسە ئۇپۇقىغا بىر قەدەم قالغاندا كائىناتنىڭ پۈتۈن كەلگۈسى ئۇ ئۇچقۇچىنىڭ بىر سىكۇنىتىغا تەڭ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالەم ئۇچقۇچىسى << يىڭنە تۈشىكى >> بولغان << بىرلىك نۇقتىسىدىن >> يىپقا ئوخشاش ئۆتىدۇ ۋە ئۆزىنى << باشقا >> بىر كائىناتتا كۆرىدۇ. بۇ يېڭى ئالەمدە، نۇر تېزلىكىنىڭ كائىناتتىكى ئەڭ تېز نەرسە ئىكەنلىكىنى ئاساس قىلغان << ئالاھىدە نىسپىيلىك >> مۇ تەسىرىنى يوقىتىدۇ. چۈنكى بىرلىك نۇقتىسدىكى تارتىش كۈچى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە چەكسىز كۈچلۈك بولۇپ، ئۇ ئالەمدىكى سۈرئەت نۇر تېزلىكىدىن نەچچە مىليون ھەسسە تېز بولىدۇ. ۋە بۇ ئەھۋالدا پۈتۈن فىزىكا قانۇنى، ئىلگىرى- كىيىنلىك مۇناسىۋەتلىرى تەسىرىنى يوقىتىدۇ. ۋە ئۇ ئۇچقۇچى ئۈچۈن زامان دىگەن ئۇقۇم يوق بولىدۇ. پۈتۈن كائىناتنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە كۆرەلەيدۇ.

كائىناتنىڭ سىرتىغا چىقىدىغان بىر << دەرۋازا >> ئىزدەۋاتقان ئاستروفىزىكا ئالىملىرى ئۈچۈن قارا ئۆڭكۈرلەر بىر << ئۈمىد دەرۋازىسى >> ھالىغا كەلدى. ئاستروفىزىكىنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئالەملەر بولسا << قارشى ئالەمنىڭ >> يەنى ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان پۈتۈن ئالەملەرنىڭ بارلىقىنى ئىشارەت قىلىۋاتىدۇ.

بىز ياشاۋاتقان ئالەمدىن باشقا ئالەملەرنى تەسەۋۋۇر قىلىش بۇرۇن مۈمكىن ئەمەس دەپ قارىلاتتى. ئەمما يېقىنقى يىللارغا كەلگەندە بەزى فىزىكىشۇناسلارنىڭ كوسمىك نۇرلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە، نۇردىن مىليونلىغان ھەسسە تېز ھەرىكەت قىلىدىغان كوسمىك زەررىچىلەرنىڭ بارلىقى ئىنىقلاندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماتىماتىكىلىق تەڭلىمىلەرمۇ << روھى ئالەملەر >> نىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلدى، << روھى ئالەم >> لەرنى ئىتىراپ قىلمىغان، ۋە ھىساپقا ئالمىغان ھىساپلاشلىرىمۇ خاتا چىقتى. بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ئىلگىرلىگەنسىرى، نۇر تېزلىكىدىن نەچچە مىليون ھەسسە تېز بولغان روھى ئېلىمىنتلاردىن تەركىپ تاپقان << يېپىق >> ئالەملەرنىڭ بارلىقىنى ئىتىراپ قىلىدىغان ئالىملارنىڭ سانى كۈنسىرى جىقىيىۋاتىدۇ.

تەرەققى قىلغان بىلىم، ماددا ۋە ئالەم توغرىسىدا يېپ يېڭى ئۇقۇملارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇرۇن ماددىنىڭ ئۆمرىنىڭ بۇنچىلىك قىسقا ئىكەنلىكى ھىچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن ئىدى. ماددىغا ئوخشاش بىزنىڭ زامان دەپ ئاتىغىنىمىز جەرياننىڭ قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن باشقا بىر << شەكىلگە ئۆتۈپ >> مەڭگۈلۈك ۋە باشقىچە بولغان كائىناتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى ھىچكىم پەرەزمۇ قىلىپ باقمىغان ئىدى. بۇرۇن مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ ۋە قارشى چىققىلى بولمايدۇ دەپ ئېلان قىلىنغان ۋە ھەتتا ئىلاھلاشتۇرۇلغان فىزىكا قانۇنلىرىنىڭ قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ ئالدىدا << ئاستى-ئۈستى >> بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ھىچكىم تەخمىن قىلىپ باقمىغان ئىدى.

بۇ ئالەم نىمىشقا يارىتىلدى ۋە نىمىشقا يوق قىلىنىدۇ؟ قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن باشلىنىدىغان قىيامەتتىن كېيىن باشقا بىر يارىتىش بارمۇ؟

بۇ تېمىلار كۈنىمىزدە پەقەت دىنى سۆھبەتلەردىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققى قىلغان زامانىۋى ئاسترونومىيە مەركەزلىرىدىمۇ تالاش تارتىش قىلىنىۋاتقان تېمىلاردىن بىرسى.

كائىناتنىڭ سىرتىغا چىقىدىغان << دەرۋازىلار >> دەپ ئاتالغان قارا ئۆڭكۈرلەر توغرۇلۇق يىپ ئۇچلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ قىيامەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بەزى ھەدىسلىرىدىمۇ بار. بۇ يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن << مەجەررا ۋە سەمسۇش - شۇمۇس >> ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارغا ئىگە بولالايمىز. ئالەم بوشلۇقى ۋە كائىنات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى تەتقىق قىلالايمىز.

تۇنجى ھەدىس يازغۇچىسى دەپ ئىتىراپ قىلىنغان سانانى نىڭ خاتىرىلىرىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ھەدىسى بار: << ماڭا كۈنلەر كۆرسىتىلدى. جۈمە كۈنىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ نۇرى ۋە گۈزەللىكى مېنى خوشال قىلدى. ئۇ يەردە << قارا بىر نۇقتا >> غا ئوخشاش بىر نەرسە كۆردۈم. ئۇ نىمە؟ دەپ سورىدىم. ماڭا: قىيامەت << ئۇنىڭ ئىچىدە قوپىدۇ >> دىدى. >> . بۇ ھەدىسنىڭ يەنە بىر شەكلىدە << جۈمە كۈنى بىر ئەينەكتە ماڭا كۆرسىتىلدى >> دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. ( ئابدۇررازاق سانانى، مۇسەننەف 3 . 5599-5560 )

بۇ ھەدىستە دىيىلگەن ۋە قىيامەتنىڭ ئۇنىڭ ئىچىدە قوپىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن << قارا نۇقتا >> ئارقىلىق بىزگە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان نەرسە زادى نىمە؟ ئىسلام ئەدىبىياتىدا يەر ئالغان << مەجەررا >> ۋە << شەمسۇش - شۇمۇس >> ئىپادىلىرى ئارقىلىق بىزگە زادى نىمىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقانلىقى توغرۇلۇق ئالىملار ھەر خىل كۆز-قاراش، پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندۇر. قىيامەت كۈنى ئاسماننىڭ يېرىلىدىغانلىقى، ئاسماندا دەرۋازىلارنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان << ئاسمان يېرىلغان، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا، ( ئىنشقاق سۈرىسى، 1-2 ئايەت ) دىگەن ئايەتنى، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ( رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ ) << ئاسمان مەجەررادىن باشلاپ يىرتىلىپ- يېرىلىدۇ >> دەپ تەپسىر قىلىشى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. كۈنىمىزدە ئاستروفىزىكىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ بۇ يىپ ئۇچىلىرىنى تېخىمۇ ئاسان چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. ئىنىقلانغىنىدەك، قارا ئۆڭكۈرلەر ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك بولسا، بىر تور شەكلىدە ۋە ئىنتايىن مۇكەممەل شەكىلدە يارىتىلغان ئالەمنىڭ << يېرىلىپ - تىشىلىشىدۇر >>. ۋە بىز بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئايەتلەردە دىيىلگەن << ئاسماننىڭ يېرىلىشى >> نى شاھادەت ئالەمى دىگىنىمىز بۇ فىزىكىلىق ئالەمنىڭ، يەنى ئالەم - زاماننىڭ ئۆزگىرىپ باشقا ئالەملەرگە بىر << دەرۋازىنىڭ >> ئېچىلىشى دەپ چۈشىنەلەيمىز.

قۇرئان بىزگە يىپ ئۇچىلىرىنى بېرىۋاتىدۇ ۋە نۇرغۇنلىغان يېرىدە بۇ يىپ ئۇچىلىرىنىڭ : << چۈشەنگەن، ئەقىل ئىگىسى، بىلىم بېرىلگەنلەر ئۈچۈن بىر مىسال ( يىپ ئۇچى، دەلىل ) >> ئىكەنلىكى تەكرارلىنىدۇ. ئەنبىيا سۈرىسىنىڭ 32- ئايىتىدىكى : << ئاسماننى بىز بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق >> دىگەن ئىلاھى پەرمان بۇ << ئۆگزىنىڭ >> ئارقىسىدا باشقا دۇنيالارنىڭ بارلىقى ئۈچۈن بىر ئىشارەتتۇر. قۇرئاندا دىيىلگەن << ئاسمان >> يەنى ھازىرقى زامانىۋى بىلىمدە ئالەم- زامان تورى دىيىلگەن فىزىكىلىق كائىناتنىڭ ئىنتايىن مۇستەھكەم بىر قۇرۇلمىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە تېخىچە << يېرىلمىغانلىقىنى >> مۈلك سۈرىسىنىڭ 3- ئايىتىدىمۇ ئىنتايىن ئوچۇق بىر شەكىلدە چۈشەندۈرىلىدۇ : << ...سەن ( ئاسمانلارغا ) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن. >>. قۇرئاندىكى قىيامەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئايەتلەردە ئاسماندا بىر << يېرىلىش >> نىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى دائىم ئەسكەرتىلىدۇ. << ئۇ كۈندە زېمىنمۇ باشقا بىر زېمىنغا، ئاسمانلارمۇ باشقا بىر ئاسمانلارغا ئايلىنىدۇ . ( ئىبراھىم سۈرىسى 48- ئايەت ) >> . بۇ ئايەتتە قىيامەت كۈنى قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ تەسىرىدە يىرتىلىپ- يېرىلغان بۇ فىزىكىلىق ئالەم ۋە زاماننىڭ ئاخىرلىشىپ باشقىچە ئاسمانلىرى ۋە زىمىنلىرى بولغان يەنە بىر ئالەمگە ئۆتىدىغانلىقىمىز ئىنتايىن ئوچۇق شەكىلدە بايان قىلىنىدۇ.

شەمسۇش - شۇمۇس

1968- يىلى فىزىكىشۇناس Joseph Weber تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ئىنتايىن نازۇك ۋە ئىلغار تارتىش كۈچىنى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى بولغان Weber دولقۇن تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىز تەۋە بولغان يۇلتۇز تۈركىمى سامانيولى سېستىمىسىنىڭ مەركىزىدىن بىزگە يېتىپ كەلگەن بىر قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارتىش كۈچى رادىئاتسىيەسىنى خاتىرلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سامانيولىنىڭ دەل ئوتتۇرىدا بىر قارا ئۆڭكۈرنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ھەقىقەتەن سامانيولىنىڭ مەركىزىدە ئىنتايىن شىددەتلىك كوسمىك ھادىسىلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۇ يەردىن تېپىلغان كوسمىك نۇرلار بىزنىڭ يۇلتۇز تۈركۈمىمىزنىڭ دەل ئوتتۇرىدا غايەت زور بىر قارا ئۆڭكۈرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.

سامانيولىنىڭ قۇياشى دەپ ئاتالغان بۇ قارا ئۆڭكۈر تەخمىنەن 3 مىليون قۇياشقا تەڭ كېلىدىغان بىر ماسسىغا ئىگە دەپ پەرەز قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تارتىش كۈچى شۇنچىلىك زوركى، ئۆزىدىن ئون مىڭ نۇر يىلى يىراقلىقتىكى جىسىملارنى ئۆزىگە تارتىۋاتىدۇ. قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ ئېغىرلىقىنى يەنى تارتىش كۈچىنىڭ زورلىقىنى مۇنداق سېلىشتۇرالايمىز. قارا ئۆڭكۈرنىڭ بىر مېغىزچىلىك كېلىدىغان يېرىنىڭ تارتىش كۈچى 40 مىليارت توننا كېلىدىغان نىيترون يۇلتۇزىغا تەڭ كېلىدۇ. قارا ئۆڭكۈرلەر نىيترون يۇلتۇزىدىن مىليونلىغان ھەسسە ئېغىردۇر. بارلىق قارا ئۆڭكۈرلەرگە ئوخشاش، سامانيولىنىڭ مەركىزىدىكى قارا ئۆڭكۈرمۇ ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسىنى يۇتۇشقا داۋام قىلىۋاتىدۇ، بارغانسىرى يوغىناۋاتىدۇ ۋە كۈچىيىۋاتىدۇ. يەنى تەسىر دائىرىسى قۇرقۇنۇچلۇق بىر سۈرئەت بىلەن كېڭىيىۋاتىدۇ. ئۇزاق مۇساپىلىك ئىنفىرا قىزىل نۇرى تەكشۈرۈشلىرى ئارقىلىق ئىنىقلانغان مەلۇماتلارنىڭ نەتىجىسى شۇنى كۆرسىتىدۇ: قۇياش سېستىمىسى سىكۇنتىغا 50 كىلومېتر تېزلىك بىلەن ئۇنىڭ يۇتۇش دائىرىسىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ! نۇرغۇنلىغان ئاستروفىزىكچىلارنىڭ دىگىنىدەك: << ئەجەبا دۇنيانىڭ ھالاكىتى بۇ قارا ئۆڭكۈرنىڭ ۋاستىسى بىلەن بولامدۇ؟ >> دىگەن سۇئال ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

يەنە تېخىمۇ كېيىنكى تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق بىزنى ئۆزىگە تارتىۋاتقان پەقەت سامانيولىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قارا ئۆڭكۈر ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. توختىماي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ماتىماتىكىلىق ھىساپلاشلار ۋە نازۇك تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق، قۇياشنىڭمۇ ئۆزىگە خاس بىر ھەرىكىتىنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن، بىلىم دۇنياسىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق چۆچۈتتى. قۇياش Hercules يەنى گىگانىت ئادەم يۇلتۇزىنىڭ يېقىنىدىكى VEGA دىگەن بىر يۇلتۇزغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ. قۇياشنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ، شىمالى قۇتۇپ ئوقى بىلەن 37 گرادۇسلۇق بىر بۇلۇڭ شەكىللەندۈرگەن ھالدا داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئىنىقلاندى ۋە بۇ ئالىملار بۇ بۇلۇڭغا << solar apex >> دەپ ئىسىم قويدى. قۇياش دەل بۇ VEGA يۇلتۇزىغا قاراپ سىكۇنىتىغا 20 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن ئىلگىرلەۋاتىدۇ.

قۇياش بىلەن بىللە ئۇنىڭ << بالىلىرى >> بولغان قۇياش سېستىمىسىدىكى بارلىق سەييارىلەر ۋە بىز ياشاۋاتقان << قېرى ۋە چارچىغان >> يەر شارىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ يەرگە كېتىپ بارىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قۇياش سېستىمىسى قۇرئاندا دىيىلگىنىدەك << بەلگىلەنگەن نۇقتىغا >> قاراپ يولىغا داۋام قىلىۋاتىدۇ.

لېكىن قۇياشنىڭ بۇ ئىلگىرلىشى ئىنتايىن غەلىتە بىر ھادىسە بىلەن داۋام قىلىۋاتىدۇ. قۇياش سېستىمىسى سامانيولىنىڭ مەركىزىگە قاراپ ھەرىكەت قىلغانسىرى يولىدىن چەتنەش ھادىسى يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەجەبا قۇياشنىڭ بۇ ئىلگىرلىشىگە دەخلى قىلىۋاتقان نەرسە نىمە؟ بۇنىڭ ئەڭ قايىل قىلارلىق جاۋابى بولسا، قۇياشنى ئۆزىگە تارتىۋاتقان يەنە بىر نەرسە بار! بۇ نەرسە ئەگەر ئاق پەتەك يۇلتۇزى ياكى قارا پەتەك يۇلتۇزى ياكى Pulsar، نېيترون يۇلتۇزى بولغان بولسا تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ئۇنى ئىنىقلاپ چىققىلى ۋە كۆرگىلى بولاتتى. ئەمما بىزنى كۆرۈنمىگەن يەنە بىر نەرسە ئۆزىگە تارتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىردىن بىر جاۋاپى : تېخى ئىنىقلانمىغان يەنە بىر قارا ئۆڭكۈردۇر.

بىر قارا ئۆڭكۈر ياكى كىچىك بىر << قارا نۇقتا >> نىڭ خالىغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز ئالدىمىزغا چىقىپ قېلىش ئىھتىمالى بار. قارا ئۆڭكۈرلەر مۇتەخەسسىسى Kipp Thorne نىڭ دىيىشىچە: << پەقەت سامانيولىدا چوڭ - كىچىك ئەڭ ئاز بىر مىليون قارا ئۆڭكۈر بار. قىسقىسى كائىناتتا بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزىن نەچچە ھەسسە جىق قارا ئۆڭكۈر بار. >>

بىزنىڭ قۇياش باشقا يۇلتۇزلارنىڭ ئەكسىچە جۇپتى يوق يالغۇز بىر يۇلتۇزدۇر. ئالىملار قۇياشنىڭمۇ باشقا يۇلتۇزلارغا ئوخشاش چوقۇم بىر جۇپتىنىڭ بۇلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ئەمما قۇياشنىڭ يېقىنلىرىدا بىر نۇر چاچىدىغان يۇلتۇز يوق، بۇ ئەھۋالدا، قۇياشنىڭ جۈپتى ئۆزىنىڭ ئىنىرگىيەسىنى تۈگىتىپ، قۇياشتىن بۇرۇن بىر قارا ئۆڭكۈرگە ئايلىنىپ كەتكەن بولىشى مۈمكىن. ئۇران، نېپتۇن ۋە پلۇتۇن سەييارىلىرىنىڭ تارتىش كۈچى تەڭپۇڭسىزلىقىمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ.

قۇياش سېستىمىسىدا زادى نەچچە سەييارە بارلىقىنىمۇ تولۇق بىلمەيمىز. پلۇتۇندىن كېيىن نىمە بارلىقىنى ھازىرغىچە بىلمەيمىز. قۇياش سېستىمىسىدا ھازىر ئېنىقلاپ چىقىلغىنى بويىچە توققۇز سەييارە باردۇر. لېكىن بۇ ئىنتايىن كونا مەلۇماتلار. بەزى مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە قۇياش سېستىمىدا 12 سەييارە باردۇر. بۇ 12 سەييارىنىڭ بىرسىنىڭ خېلى بۇرۇنلام پارچىلىنىپ كەتكەنلىكى پەرەز قىلىنىۋاتىدۇ. Tietz-Bode، قۇياش سېستىمىسىنىڭ دائىرىسىنى، يەر شارى بىلەن قۇياش ئارىسىدىكى مۇساپىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ 374.8 ئۆلچەم قىلىپ ھىساپلاپ چىقتى. بۇ ئۆلچەم بويىچە قۇياشقا ئەڭ يىراق بولغان پلۇتۇندىن كېيىن يەنە 3 سەييارە پاتىدىغان بوشلۇق بار.

ئىشنىڭ تىخىمۇ غەلىتە يېرى شۇكى، 1900- يىللارنىڭ بېشىدا ياشىغان ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ ئىسلام ئالىمى ۋە مۇجەدىدى دەپ ئىتىراپ قىلىنغان بەدىئۇز-زامان سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرىمۇ قۇياش سېستىمىسىنىڭ ئەسلىدە 12 سەييارىدىن تەركىپ تاپقانلىقىنى سۆزلىگەن ئىدى. بەدىئۇز-زامان ھەزرەتلىرى، قۇياش سېستىمىسى ئىچىدىكى سەييارىلەر بىلەن بىرلىكتە << شەمسۇش - شۇمۇس >> دىگەن بىر يۇلتۇزغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ دىگەن ئىدى ۋە بۇ ھەققىدە قۇرئاندا ئىشارەت بار دىگەن ئىدى. ( دىققەت، بەدىئۇز-زامان ياشىغان دەۋىردە قارا ئۆڭكۈرلەر ھەققىدە ھىچكىم ھىچ نەرسە بىلمەيتتى. )

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە ۋە ئىسلام ئەدەبىياتىدا يەر ئالغان << شەمسۇش - شۇمۇس >> نىڭ ھازىرقى زامانىۋى ئاستروفىزىكا تەرىپىدىن ئىنىقلانغان، ئىنىرگىيەسىنى تۈگىتىپ بىر قارا ئۆڭكۈرگە ئايلانغان قۇياشنىڭ جۈپ يۇلتۇزى ئىكەنلىكى تەبىئىي ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چوڭ يۇلتۇزلار ئىنىرگىيەسىنى كىچىك يۇلتۇزلاردىن تېز تۈگىتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جۈپتىدىن بالدۇر ئۆلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بولسا چوڭ يۇلتۇزلار ئۆلگەندىن كېيىن بىر قارا ئۆڭكۈرگە ئايلىنىدۇ.

- كۈن بەلگىلەنگەن جايغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى اﷲ نىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر. ( سۈرە ياسىن 38- ئايەت ). بۇ ئايەت، قۇياش سېستىمىسىنىڭ شەمسۇش - شۇمۇسقا قاراپ ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى ئىشارەت قلىدۇ.

بەدىئۇز-زامان ھەزرەتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە يەنە مۇنۇلارنى دەيدۇ:

* قۇياش سېستىمىسى، ئىچىدىكى بارلىق ئەزالىرى بىلەن شەمسۇش - شۇمۇسقا قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ.

* شەمسۇش - شۇمۇس بولسا، ئاخىرەت ئالەمىدۇر. ئۇ يەردە بىز ياشاۋاتقان بۇ فىزىكىلىق دۇنيانىڭ قانۇنلىرى ئىشلىمەيدۇ.

* شەمسۇش - شۇمۇستىكى بىر كۈن بىز ھىساپلاۋاتقان 50 مىڭ يىلغا تەڭ كېلىدۇ. ئۇ يەردە زامان تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كېڭەيگەندۇر. بۇ ھەقتە قۇرئاندا ئىنتايىن جىق ئىشارەت بار.

تارىخى خاتىرىلاردا راببۇس-شىرا دەپ ئاتالغان بىر قەدىمقى قۇياش توغرۇلۇق مەلۇماتلار بار. ئەگەر راستىلا مۇشۇنداق بىر قۇياش بولغان بولسا، نىمىشقا بىز ھازىر ئۇنى كۆرەلمەيمىز؟ چۈنكى ئۇ ئاللىقاچان بىر قارا ئۆڭكۈرگە ئايلىنىپ بولغاندۇر. بارلىق يۇلتۇزلارنىڭ بىر جۈپتى بارلىقى ئاللىقاچان ئىنىقلىنىپ بولدى. ئۇنداق بولسا نىمىشقا پەقەت قۇياشنىڭلا جۈپتى يوق؟ بۇنىڭ ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئەڭ مەنتىقلىق ۋە ئىلمىي جاۋاپ بولسا مۇنداق: قۇياشنىڭ جۈپتى قۇياشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ يېقىلغۇسىنى تۈگىتىپ ئاللىبۇرۇن بىر قارا ئۆڭكۈرگە ئايلىنىپ بولغاندۇر! ئۆلۈپ قارا ئۆڭكۈرگە ئايلانغان بىر يۇلتۇزنىڭ ئۆز جۈپتىنى تارتىدىغانلىقى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈنلەي يۇتىۋېتىدىغانلىقى بولسا قېچىپ قۇتۇلغۇلى بولمايدىغان بىر ئاقىۋەتتۇر.

سامانيولىنىڭ مەركىزىدىكى قارا ئۆڭكۈردىن باشقا، 6000 نۇر يىلى يىراقلىقتىكى Cygnus X-1 جۈپ يۇلتۇز سېستىمىسىدىكى كۆك گىگانىت HDE-226868 يۇلتۇزى، بىزگە ئەڭ يېقىن بولغان قارا ئۆڭكۈر بولۇپ، ئەتراپىدىكى باشقا كۆك جىسىملىرىنى توختىماي قانداق يۇتىۋاتقانلىقىنى ۋە توختىماي يوغىناۋاتقانلىقىنى، ئالىملار ئەندىشە بىلەن كۈزىتىۋاتىدۇ. ئۇ يۇتقان يۇلتۇزلارنىڭ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگۇچە يىڭنىدەك سوزۇلىشىدىن ۋە سىقىلىشىدىن كېلىپ چىققان ۋە ئىنتايىن قاتتىق بىر << سۇر ئاۋازى >> غا ئوخشايدىغان رېنتىگېن نۇرلىرىنى يەر شارىدىن كۆرگىلى بولىدۇ.

1987- يىلى دۇنيانىڭ ئەڭ مەشھۇر يەتتە ئاستروفىزىكىشۇناسى، ۋاشىڭتوندا بىرلىككە كەلدى ۋە مۇنداق بىر تېمىنى مۇنازىرە قىلدى: ئىچىدە قۇياشقا ئوخشاش 200 مىليارد يۇلتۇز بولغان سامانيولى سېستىمىسى، تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن تەس بولغان بىر سۈرئەت بىلەن ئالەم- زامان بوشلۇقىدا نەگە قاراپ كېتىپ بارىدۇ؟ بۇ يەتتە نەپەر ئالىم مۇنازىرىدىن كېيىن ئورتاق بىر دوكلات تەييارلاپ دۇنياغا ئۇقتۇردى. بۇ دوكلات مۇنداق ئىدى: سامانيولى سېستىمىسى، سېكۇنىتىغا 700 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن، 300 مىليون نۇر يىلى يىراقلىقتىكى Hydra-Cenaurus ئىسىمىلىك بىر يۇلتۇز سېستىمىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى غايەت زور بىر بوشلۇققا قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ. ئالەم بوشلۇقىنىڭ ئۇ قىسىمىدا ئونمىڭلىغان سامانيولىنى پاتقۇزالايدىغان، ھازىرغىچە تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان غايەت زور تارتىش كۈچىگە ئىگە بولغان بىر جىسىم بار. كېيىنكى يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق بۇنىڭ بىر غايەت زور قارا ئۆڭكۈر ئىكەنلىكى ئىنىقلاندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قارا ئۆڭكۈرگە << ئۇلۇغ تارتقۇچى >> دىگەن مەنىگە كېلىدىغان Great Attractor دىگەن ئىسىم قويۇلدى. ۋە تەكشۈرۈشلەرنىڭ سۈرۈشىگە ئەگىشىپ << ئۇلۇغ تارتقۇچى >> نىڭ تارتىش كۈچى بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ قۇرقۇنۇچلۇق بىر تېزلىك بىلەن يېقىنلاپ كېلىۋاتقان 900 دىن جىق سامانيولىدىنمۇ چوڭ بولغان يۇلتۇزلار تۈركۈمىنىڭ بارلىقى ئېنىقلاندى.

مەجەررا

- ئاسمان ئېچىلىپ نۇرغۇن ئىشىكلەر پەيدا بولىدۇ. ( نەبە سۈرىسى 19- ئايەت )

بۇ ئايەتتە تېخى ئوچۇق بىر دەرۋازىسى بولمىغان ۋە ئۆتۈش مۈمكىن بولمىغان ئالەم- زاماننىڭ دەرۋازىلىرىنىڭ قىيامەت كۈنى ئېچىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنىدۇ.

بۇ ئايەتتىكى << ئاسمان ئېچىلىپ نۇرغۇن ئىشىكلەر پەيدا بولىدۇ >> دىگەن ئىپادىنى كوسمىك جەھەتتىن قانداق ئىزاھلىيالايمىز؟ << ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرى >> نىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلغان چېغىمىزدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسدىكى << قىيامەت قوپىدىغان قارا نۇقتا >> ۋە مەجەررا ئىپادىسىنىڭ بىر قارا ئۆڭكۈر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. قۇرئاننى تۇنجى تەپسىر قىلغانلاردىن بىرى بولغان ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ قولىدا ئوقىغان ئىبنى- ئابباس بۇ توغرۇلۇق مۇنداق تەپسىر قىلغان ئىدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە ئىپادىلەنگەن مەجەررا بولسا، ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىدۇر، قىيامەت كۈنى ئاسمان مۇشۇ يەردىن باشلاپ يېرىلىدۇ. ئاسماندا بولغان مەجەررا، ئەرشنىڭ ئاستىدىكى يىلاننىڭ ئاغزىدۇر !!!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام، ئۆز دەۋرىدە نۇرغۇنلىغان ھادىسىلەرنى ئۇ زاماننىڭ كىشىلىرىنىڭ لوگىكىسىغا چۈشىدىغان شەكىلدە ھەر خىل ئوخشىتىشلار ئارقىلىق چۈشەندۈرگەندۇر. قارا ئۆڭكۈرلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ئوخشىتىش بولسا << يىلان >> سۆزىدۇر. بۈگۈنكى زامانىۋى ئاتالغۇدا، ئىىكى ئالەمنى بىر - بىرىگە بىر تونىل-شىلانكا شەكلىدە تۇتاشتۇرىدىغان ئالاھىدىلىكىنىڭ سەۋەبىدىن قارا ئۆڭكۈرلەر Worm hole يەنى << قۇرت كامىرى >>دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يىلان بولسا ئۆزىنىڭ كاللىسىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ بولغان نەرسىلەرنى يۇتالايدۇ ۋە ئۇلارنى تار ۋە ئۇزۇن بىر << تونىل >> دىن ئۆتكۈزىدۇ. قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ بۇ فىزىكىلىق دۇنيانى ئەرش ئالىمىگە تۇتاشتۇرىدىغان بىر تونىل ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلگەن يىلان سۆزى تولىمۇ جايىدا ئىشلىتىلگەندۇر. ( توغرىسىنى بىلگۈچى اﷲ )

گىئومېترىيەلىك تارتىش كۈچى تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى بىلەن- ئومومىي نىسپىيلىك نەزىرىيەسى تەرىپىدىن ئىسپاتلانغىنىدەك- ئالەمنىڭ، ئالەم - زامان تۈزلىكى قۇرئاندا دىيىلگىنىدەك، << بىر قەغەزگە ئوخشاش قاتلىغىلى >>، پۇرلاشتۇرغىلى بولىدىغان ھالغا كېلىدۇ، ۋە يۇلتۇزلار ئوربىتىسىدىن << تۆكىلىدۇ >>. چۈنكى ئالەم بوشلۇقىدىكى بارلىق يۇلتۇزلار تارتىش كۈچىنىڭ << يىپلىرى >> بىلەن بىر - بىرسىگە ئىنتايىن نازۇك شەكىلدە باغلانغان بولۇپ، قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ قۇرقۇنۇچلۇق تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە بۇ يۇلتۇزلارنى بىر- بىرىگە باغلاپ تۇرغان << نازۇك گىئومېترىيەلىك تەڭپۇلۇق يىپى ئۈزۈلىدۇ >> ۋە يۇلتۇزلار << يىپى ئۈزۈلگەن مارجانلاردەك تۆكۈلۈشكە باشلايدۇ >>. قارا ئۆڭكۈرلەر ھەققىدە ئەڭ چوڭ مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىرى بولغان زامانىمىزنىڭ داڭلىق فىزىكىشۇناسى Stephen Hawking << زاماننىڭ قىسقىچە تارىخى >> دىگەن ئەسىرىدە، كائىناتتىكى قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ يۇلتۇزلاردىنمۇ جىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. پەقەت بىزنىڭ سامانيولىدا كۆرگىلى بولىدىغان 200 مىليارت يۇلتۇز بار! بۇ ئەھۋال نۇرغۇنلىغان ئالىملارنىڭ ھەتتا Stephen Hawking نىڭمۇ :

- ئەجەبا قىيامەتكە بىر قەدەم مۇساپە قالدىمۇ؟ بۇ سىرلىق قارا نۇقتىلاردا غايىپ بولغان ماددىلار، ئىسسىقلىق ۋە نۇر زادى نەگە كېتىدۇ؟ بۇ ماددىلار ھەقىقەتەن مەڭگۈلۈك يوق بولۇپ كېتەمدۇ ياكى ئۇ يەردىن باشقا بىر ئالەمگە ئۆتەمدۇ؟ ..... دىگەن سۇئالنى سورىشىغا سەۋەپچى بولىۋاتىدۇ.

ئاستروفىزىكىشۇناسلار، << كائىناتنىڭ سىرتىغا چىقىدىغان دەرۋازىنى تاپتۇق >> دەۋاتىدۇ. قۇرئاندا دىيىلگەن << ئاسماننىڭ كۆرۈنمەس دەرۋازىلىرى >>، ھەدىسلەردە دىيىلگەن << قىيامەت قوپىدىغان قارا نۇقتا ۋە مۇجەررا >> لار ۋە VEGA يۇلتۇزىنىڭ ئىپادىسى بولغان شەمسۇش - شۇمۇس ھەقىقەتەن قارا ئۆڭكۈرلەرنى ئىپادە قىلغان بولسا، ئۇنداقتا ئاخىرەت ئالەملىرى ئانچە يىراق ئەمەس دىسەكمۇ بولىدۇ.

<< قارا ئۆڭكۈرنىڭ بىرلىك نۇقتىسىدىن كېيىن نىمە بار؟ >> دىگەن سۇئالغا << ھىچنىمە يوق >> دەپ جاۋاپ بېرىش بەلكىم ھىچكىمنى قانائەتلەندۈرمەيدۇ. ھازىرچە تېخى ئىسپاتلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇنلىغان ئالىملار بارلىقىغا ئىشەنگەن << ئاق ئۆڭكۈرلەر - White Holes >> كۈندىن- كۈنگە مۇھىم ھالغا كېلىشكە باشلاۋاتىدۇ. پۈتۈن مۇنازىرىلەر شۇ نۇقتىدا يىغىنچاقلىشىدۇ:

- قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ بىرلىك نۇقتىسى باشقا بىر ئالەمنىڭ بىرلىك نۇقتىسى بىلەن تار بىر تونىل شەكلىدە، خۇددى << قۇم سائىتىگە ئوخشاش >> بىرلەشكەندۇر. يەنە بىر ئالەمنىڭ بىرلىك نۇقتىسى بولسا، ئۇ ئالەمنىڭ ئاق ئۆڭكۈرىدۇر. ئاق ئۆڭكۈرلەر، قارا ئۆڭكۈرلەرگە ئوخشاش ئەتراپىدىكى بارلىق نەرسىنى يۇتمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلار، ئىچىدە يىغىلغان بارلىق نەرسىلەرنى سىرتقا پۈركۈيدۇ. قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ ئەكسىچە ئاق ئۆڭكۈرلەر ئىنتايىن يورۇق بىر ئايدىڭلىقتۇر. ئۇلار تارتىش كۈچىنىڭ يېرىگە ئىتتىرىش كۈچىنى قوللىنىدۇ. يەنى قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى gravitasyon يەنى تارتىشتۇر. ئاق ئۆڭكۈرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا levitasyon يەنى ئىتتىرىشتۇر.

ئاق ئۆڭكۈرلەر ئەسلىدە << Big-Bang - چوڭ پارتىلاش >> قا ئوخشاش كائىناتنىڭ يېڭىدىن تۇغۇلىشىنى ئىپادە قىلىدۇ. يەنى ئالەمنىڭ يارىتىلىشتىن بۇرۇنقى ئەسلى ھالىتىنى......
قۇرئاندا اﷲ ، قىيامەت كۈنى ئالەم- زامان تورى يىغىلىپ قاتلانغاندىن كېيىن يارىتىلىشتىن بۇرۇنقى ئەسلى ھالىتىگە قايتۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ:

مەنبە : خان تەڭرى تور دۇنياسى  
[color=Red]http://www.nurluk.net/bencandy.php?fid=83&id=1057  تورىدىن كۈچۈرۈلدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81031
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3536
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 302 سائەت
تىزىم: 2012-6-3
ئاخىرقى: 2012-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 10:58:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10762
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1273 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 07:24:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن سىرلىق

‏سەجدە قىل ! ئىنسان ~ ئۆزۈڭنىڭ نەقەدەر ئاجىز ئىكەنلىكىڭنى بىلمەمسەن !؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69212
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3150
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 01:38:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.... ئىنشائاللا - ئەلھەكمۇلىللا - ئىنشائاللا.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80963
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2751
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 302 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 02:35:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zanjir34 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-17 02:02 PM
قارا  ئۆڭكۈرنى  بىر يىڭنىنىڭ  تۆشۈكى دىسەك  ئۇنىڭ  ئارقى ...

قۇرئان كەرىمدە «...تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈگىدىن ئۆتكەندە...» دەيدىغان بىر ئايەت بولىدىغان. ئېسىمدە تولۇق قالماپتۇ. شۇ ئايەتتە دېگەن ئىشلارمۇ نىمە بۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83128
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3148
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-7-28
ئاخىرقى: 2013-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 11:19:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قورقۇنۇچلۇق   ھە  

كامىل يۇۋاش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34036
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6951
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 1616 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 05:55:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  ھەممىنى بىلىدۇ،ئاللاھ يولىدىكى ئىبادەتلەرنى تولۇق  قىلساقلا   نىمىدىن قورقىمىز  ھەتتا يەرشارى دۈم بوپكەتسىمۇ .              ھازىر قورقىۋاتقىنىمىز   ئۇدۇنيانىڭ  سورىقى.

كامىل،يۇۋاش

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 3085
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15526
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2510 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 06:08:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارا ئۆڭكۈرنىڭ مىغىزچىلىك يىرى 60 مىڭ توننا ئىغىرلىقتىكى نىيترون يۇلتۇزىنى تارتىپ كىتىدىكەن،قارا ئۆڭكۈرنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە كەلسەك ئۇ تىخى پەرەز!ئوكيان تورىدا مۇشۇ توغرسىدا تەپسىلىي بىر ماقالە بار ئىدى!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش