1992-يىل فېبرالدا 46 دۆلەت ئوخشاش ۋاقىتتا بېرما ھۆكۈمىتىدىن مۇسۇلمانلارغا بولغان زىيانكەشلىكنى توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.سەئۇدى ئەرەبىستان ناھايىتى بېنگالنىڭ مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېزلا بېنگالغا ياردەم بەردى ھەم بېرما ھۆكۈمىتى ئەگەر مۇساپىرلار مەسلىسىدە يول قويمىسا سەئۇدى ئەرەبىستان «قۇملۇق بورىنى›› ھەركىتىنى قوللىنىپ بېرمىنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.بېنگال پرىزدېنتى راھمان ئاقسارايدا بېرما مۇسۇلمانلار مەسلىسى توغرىسىدا ئامېرىكا پرىزدېنتى بۇش بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى،بۇش مۇسۇلمان مۇساپىرلار ئۈچۈن 3 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تەمىنلەيدىغانلىقنى ھەم خەلقئارادىكى مۇسۇلمانلارنى قوغداش ۋە كۆچمەنلەرنى قۇتقۇزۇش ھەركىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئامېرىكا بارلىق بېرمىغا قارتىلغان ياردەم بېرىش پىلانلىرنى توڭلاتتى ھەم بېرمىغا ئېغىر بولغان ئىقتىسادى جازا قوللاندى،ئامېرىكا پارلامېنتىمۇ ئامېرىكىنىڭ بېرمىدا تۇرۇشلۇق يېڭى ئەلچىسىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى تەستىقلاشنى كېچىكتۈردى.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ بېرمىغا خادىم ئەۋەتىپ ئەمەلى ئەھۋالنى ئىگەللىدى.ئاپرېلدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىبى جان ئىلياسسون بېنگال ۋە بېرمىنى زىيارەت قىلىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇساپىرلار مەسلىسىنى ھەل قىلىشقا بولغان پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى.مۇشۇ ئىش توغرىسدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى غالى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە بىر قارار لايھىسىنى تاپشۇردى.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلارنى قۇتقۇزۇش كوممىتېتى مۇسۇلمان مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەم بەردى ھەم مۇساپىرلار ئۈچۈن يېمەكلىك ،دورىلار بىلەن تەمنىلىدى.1992-يىل 20-مارت خەلقئارالىق كەچۈرۈم تەشكىلاتى كۆپ تەرەپلىمىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بەزى بېرما ھۆكۈمىتىگە پايدىسىز بولغان تەپسلى ماتېرىياللارنى ئېلان قىلدى.ھىندونېزىيە،مالايسىيە،برۇنېي ۋە سىنگاپور قاتارلىق شەرقى-جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە يوللىرى ئارقىلىق مۇشۇ ئىشقا بولغان دىققەت-ئېتىبارىنى ئىپادىلدى.كىشلەر بۇ ئىشنىڭ رايون خاراكتېرلىك مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقرىشىدىن ئەنسىرەشتى،بېرما بولسا ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەركىتىگە قايتىدىن قوشۇلۇش ئارقىلىق بۇ خىل ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇردى.
1988-يىلى بېرما ھەربى ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن بېرى ئامېرىكىنى باش قىلغان غەرب دۆلەتلىرى بېرمىغا قارىتا ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزۈپ كەلدى،بولۇپمۇ 1990-يىلى مايدا چوڭ سايلامدىن كېيىن ھەربى ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق تاپشۇرماسلىقى جازانى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋەتتى.بېنگال-بېرما مۇسۇلمان مۇساپىرلار مەسلىسى بېرمىنى دىپلوماتىيە جەھەتتە قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرۇپ قالماي،بېرما ھۆكۈمىتىگە قارشى مۇسۇلمان قوراللىق تەشكىلاتلىرى پاناھقا ئېلىشقا ئادەم چىقمىغان نەچچە يۈزمىڭ چەتئەللەردىكى روھىڭيا مۇساپىرلىرنىڭ قوللىشى ئاستىدا بەلكىم بېرما ھۆكۈمىتى بىلەن ئاخىرغىچە قارشىلىشى مۇمكىن ئىدى.ۋەزىيەتنى پەسەيتىپ ئۆزىنىڭ خەلقئارلىق ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بېرما ھەربى ھۆكۈمىتى قايتا تەشكىللەندى.1992-يىل 24-ئاپرېل سىياسى نەتىجىسى ئادەتكىچە بولغان بېرما ئامانلىق ساقلاش ۋە قۇرۇلۇش كوممىتېتى رەئىسى سۇماۋ«سالامەتلىك تۈپەيلىدىن›› ئىستېپا بەردى.28-ئاپرېل مەسلىھەتلىشىپ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق بېنگال-بېرما ئىككى دۆلەت تاشقى مىنىستىرلىرى كېلىشىمنامە ئىمزالاپ « بىخەتەر ۋە ئۆزى خالىغان ئاساستا بېنگالغا قېچىپ بېرىۋالغان 223 مىڭ مۇسۇلمان مۇساپىرنى قايتۇرۇش››قا قوشۇلۇشتى،شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنە ياخشىلنىپ قالدى.1992-يىل سېنتەبىردە قايتۇرۇش خىزمىتى باشلاندى،1993-يىل نويابىردا بېرما ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر مۇساپىرلار ئىشلىرى مەھكىمىسى «بېنگالغا قېچىپ كەتكەن مۇسۇلمانلارنى قايتۇرۇش مەسلىسى توغرىسىدىكى چۈشىنىشىش ئەسلەتمىسى››نى ئىمزالاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا بېنگال بىلەن ھەمكارلىشىپ قايتۇرۇشقا قوشۇلدى.يۇقارقى ئەسلەتمىنىڭ روھى بويىچە 1994-يىلدىن بۇرۇن بارلىق مۇساپىرلار قايتۇرلۇپ بولىشى كېرەك ئىدى،بىراق بېرما ھۆكۈمەت تەرەپ گېزىتلىرنىڭ 1994-يىل 11-فېبرالغا قەدەر بولغان خەۋەرلىرگە ئاساسلانغاندا جەمى 52مىڭ 689 مۇساپىر قايتۇرۇلغان.
تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:بېرما مۇسۇلمانلىرنىڭ ئەھۋالى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-11 09:21 PM